当前题库:ئۇيغۇرچە(维语)小车科目一
语言: 中文汉语 ئۇيغۇرچە(维语) قازاقشا(哈语)
车型: 小车科目一 小车科目四 客车科目一 客车科目四 货车科目一 货车科目四 摩托车科目一 摩托车科目四
1.سولغا بۇرۇلۇش چىرىغىنىڭ ۋىكليۇچاتېلىنى ئاچقاندا يورۇيدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
2.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا كۆرۈش ئارىلىقى 50 مېتىرغا يەتمەيدىغان ھاۋارايىغا يولۇققاندا،ئاپتوموبىلنىڭ سائەتلىك سۈرئىتىنى 20 كىلومېتىردىن ئاشۇرۇۋىتىشكە بولمىسا قانداق يۈرۈش كېرەك ؟ 本题解析
A.جىددى توخىتىتىش يولىغا كىرىپ يۈرۈش
B.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن دەرھال چىقىپ كېتىش
C.يول ياقىسىدا تۆۋەن سۈرئەتتە يۈرۈش
D.دەرھال يول چېتىدە توختاش
正确答案:B
3.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىكى كارتا ئېلىش ئورنى
B.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ھەق ئېلىش ئورنى
C.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ تەكشۈرۈش پونكىتى
D. ETC ئورنىتىلغان ھەق ئېلىش پونكىتى
正确答案:D
4.باشقا ئاپتوموبىلنىڭ نومۇر تاختىسىنى ۋە يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى ئىشلەتكەن بولسا بىر قېتىمدا 3 نومۇر تۇتۇلىدۇ . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
5.يامغۇر ياغقان كۈنلەردە يول يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق ئامىللار قايسى ؟ 本题解析
A.ئېلېكتر ئۈسكۈنلىرى ئوڭاي نەملىشىپ قالىدۇ
B.يول يۈزى تىيىلغاق بولۇپ ، كۆرۈش سىزىقى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ
C.موتورنىڭ ئوتى ئوڭاي ئۆچۈپ قالىدۇ
D.يۈرۈش قارشىلىقى ئېشىپ كېتىدۇ
正确答案:B
6.رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى قانداق سائەت ؟ 本题解析
A.ماتورنىڭ ئايلىنىش تېزلىكى سائىتى
B.يۈرۈش سۈرئىتى سائىتى
C.ئارىلىق مۇساپە سائىتى
D.يۈز كىلومېتىرلىق ماي سەرپىيات سائىتى
正确答案:A
7.رەسىمدىكىدەك ئەھۋالغا يولۇققاندا ئالدى بىلەن يۈرۈشكە بولىدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
8.يۈرۈش جەريانىدا سائەتلەر تاختىسىدىكى نىڭ يورۇشى نېمىنى بىلدۈرىدۇ ؟ 本题解析
A.موتور تېمپېراتۇرسىنىڭ بەك تۆۋەنلىكىنى
B.موتور تېمپېراتۇرسىنىڭ بەك يۇقىرىلىقىنى
C.سوۋۇتۇش سىستېمىسىدا كاشىلا كۆرۈلگەنلىكىنى
D.سىلىقلاش سىستېمىسىدا كاشىلا كۆرۈلگەنلىكىنى
正确答案:B
9.جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرىش تارمىقى نومۇر خاتىرىلەش بىر دەۋرى ئىچىدە تۇتۇلغان نومۇرى بەلگىلەنگەن نومۇر چېكىگە يەتكەن ھەيدىگۈچىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ ؟ 本题解析
A.قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ
B.15كۈندىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ
C.ئۆمۈر بويى ھەيدەش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ
D.قانۇن-نىزام تەربىيەسى ئېلىپ بېرىپ قايتىدىن ئىمتىھان ئېلىنىدۇ .
正确答案:D
10.ئاپتوموبىل تار تاغ يولىدا كېتىۋاتقاندا تاغ تەرەپكە يۆلىنىپ كېتىۋاتقان ئاپتوموبىل يول بەرمىسە قانداق قىلىش كېرەك ؟ 本题解析
A.سول تەرەپتىكى يولنى ئىگىلەپ،ئېھتىيات بىلەن ھەيدەش كېرەك
B.سۈرئەتنى ئالدىن ئاستىلىتىپ ياكى توختاپ يول بېرىش كېرەك
C.نورمال سۈرئەتتە يۈرۈش كېرەك
D.سىگنال بېرىپ قارشى تەرەپنى يول بېرىشكە قىستاش كېرەك
正确答案:B
11.سائەتلەر تاختىسىدىكى نىڭ يورۇشى نېمىنى بىلدۈردۇ ؟ 本题解析
A.ھاۋانىڭ ئىچىدە ئايلىنىدىغانلىقىنى
B.ياندىن شامال ئۇرۇلىدىغانلىقىنى
C.ھاۋانىڭ سىرتىدا ئايلىنىدىغانلىقىنى
D.ئۇدۇلدىن شامال ئۇرۇلىدىغانلىقىنى
正确答案:D
12.رەسىمدىكى قاتناش بەلگە سىزىقى سىزىلغان يولدىن ئۆتكەندە سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئۆتۈپ كىتىش لازىم . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
13.رەسىمدە كۆرىسىتىلگەن يولغا قانچە مېتىر كېلىدىغان يول بۆلەكلىرىدە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى توختىتىشقا بولمايدۇ ؟ 本题解析
A.5مېتىر ئىچىدە
B.10مېتىر ئىچىدە
C.30مېتىر ئىچىدە
D.50مېتىر ئىچىدە
正确答案:D
14.رەسىمدىكىدەك ئەھۋالدا يانداشقا بولمايدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
15.رەسىمدىكى كېسىشكەن يول ئېغىزىدىن قانداق ئۆتۈش كېرەك ؟ 本题解析
A.سىگنال بېرىپ
B.بىر خىل سۈرئەتتە ئۆتۈش
C.سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئاستا ئۆتۈش
D.سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئۆتۈش
正确答案:C
16.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدىكى يول ئېغىزىدا سولغا بۇرۇلۇشقا بولمايدۇ . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
17.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ مەركىزىي سىزىق سىزىلمىغان يوللاردا قارشى تەرەپتىن كەلگەن ئاپتوموبىل بىلەن ئۇچرىشىپ قالغاندا قانداق يۈرۈش كېرەك ؟ 本题解析
A.سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئوڭغا يۆلىنىپ يۈرۈش
B.موتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يولى بىلەن يۈرۈش
C.يولنىڭ چېتى بىلەن يۈرۈش
D.يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈرۈش
正确答案:A
18.ئاپتوموبىللار كىچىسى ئۆز-ئارا ئۇچراشقاندا، قارشى تەرەپ يىراقنى يورۇتۇش چىرىغىنى ئۆچۈرمىسە ، چىراغنى ئالماشتۇرۇپ يېقىپ قارشى تەرەپ ئاپتوموبىلىنى ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن بىرگە سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئوڭغا يۆلىنىپ يۈرۈش ياكى توختاش لازىم 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
19.كىچىسى ئۇچراشقاندا قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتقان ئاپتوموبىل بىلەن قانچىلىك يىراقىلقتىن يىراقنى يورۇتۇش چىرىغىنى يېقىننى يورۇتۇش چىرىغىغا ئۆزگەرتىش كېرەك ؟ 本题解析
A.200مېتىر يىراقلىقتىن
B.150مېتىر يىراقلىقتىن
C.100مېتىر يىراقلىقتىن
D.50مېتىر يىراقلىقتىن
正确答案:B
20.ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە، سول قولنىڭ جەينىكىنى ئىشىك دېرىزىسىگە ئۇزاق قويۇش ياكى ئۇزاق ۋاقىت ئوڭ قولى بىلەن خوت دەستىسىنى تۇتۇپ تۇرۇش بىرخىل يامان بولغان ھەيدەش ئادىتىدۇر 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
21.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يانداپ بولغاندىن كېيىن دەرھال ئوڭغا بۇرۇلۇش چىرىغىنى يېقىپ ئەسلىدىكى يولغا ھەيدەپ كىرىشى كېرەك . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
22.قاتناش ساقچىسى يولدا كېتىۋاتقان ئاپتوموبىلنىڭ قايسى قىلمىشىغا قانۇن بويىچە ئاپتوموبىلنى تۇتۇپ قالىدۇ ؟ 本题解析
A.كىملىكىنى بىرگە ئېلىپ يۈرمىگەنلىك
B.تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بەلگىسىنى چاپلىمىغانلىق
C.شەھەر موھىت ئاسراش بەلگىسىنى چاپلىمىغانلىق
D.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ تېزىمغا ئالدۇرۇش كىنىشكىسىنى ئېلىپ يۈرمىگەنلىك
正确答案:B
23.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.سول ياندىن قاتناش
B.ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلماسلىق
C.ئىككى ياندىن قاتناش
D.ئوڭ ياندىن قاتناش
正确答案:D
24.سائەتلەر تاختىسىدىكى بۇ بەلگە نېمىنى بىلدۈرىدۇ ؟ 本题解析
A.بىر ياندىكى ئىشىكنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى
B.يۈك تاق بۆلۈمچىسىنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى
C.موتور قاپقىقى( كاپوت) نىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى
D.ماي باك قاپقىقىنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى
正确答案:C
25.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.ئۇزاق ۋاقىت توختىتىشقا رۇخسەت قىلىش
B.ۋاقىتلىق توختىتىشقا رۇخسەت قىلىش
C.ئۇزاق ۋاقىت توختىتىشنى مەنئى قىلىش
D.قاتناش ۋاسىتىسىنى توختىتىشنى مەنئى قىلىش
正确答案:D
26.تاغ يولىدىكى قار-مۇز قاپلىغان يوللاردا يۈرگەندە، ئالدىدىكى ئاپتوموبىل داۋانغا چىقىۋاتقان بولسا ئارقىدىكى ئاپتوموبىل قانداق قىلىشى كېرەك ؟ 本题解析
A.مۇۋاپىق جاينى تاللاپ توختاپ ئالدىدىكى ئاپتوموبىل چىقىپ بولغاندىن كېيىن داۋانغا چىقىش كېرەك
B.ئالدىدىكى ئاپتوموبىلنى تېزلىكتە يانداپ ئۆتۈپ كېتىش كېرەك
C.تۆۋەن سۈرئەتتە داۋانغا چىقىش كېرەك
D.ئالدىدىكى ئاپتوموبىلغا يېقىن ئەگىشىپ داۋانغا چىقىش كېرەك
正确答案:A
27.يول ئېغىزىدىكى قاتناش سىگنال چىرىغى بىلەن قاتناش ساقچىسىنىڭ كوماندىسى بىردەك بولماي قالغان ئەھۋالغا يولۇققاندا، قاتناش سىگنال چىرىغىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يۈرۈش كېرەك . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
28.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ ئالدىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ رەت بويىچە توختاپ كۈتۈۋاتقان ياكى ئاستا يۈرۋاتقان بولسا قانداق قىلىش كېرەك ؟ 本题解析
A.باشقا يولدىن يانداش
B.قارشى تەرەپ يولىنى ئىگىلەپ يانداش
C.كۈتۈۋاتقان ئاپتوموبىلنىڭ ئارىسىغا قىستۇرلۇپ كىرىش
D.رىتى بويىچە يۈرۈش
正确答案:D
29.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.مەنزىرە كۆزىتىش پەشتىقى
B.ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى
C.ئارام ئېلىش رايونى
D.ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى
正确答案:A
30.رەسىمدە كۆرسىتىلگەن يولدىكى ئەڭ يۇقىرى سۈرئەت سائىتىگە 50 كىلومېتىر. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
31.ھەيدىگۈچىنىڭ كېچىدە نەرسىلەرنى كۆزىتىش ئىقتىدارى كۈندۈزگە قارىغاندا ناچار بولۇپ، كۆرۈش ئارىلىقى قىسقىراپ كېتىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
32.يول ئۆگەرتمەكچى بولغاندا، بۇرۇلۇش چىرىغىنى ئالدىن يېقىپ ئەتراپنى ئوبدان كۆزىتىپ،بىخەتەر ئارىلىقنى ساقلاپ ئۆزگەرتمەكچى بولغان يولغا كىرىش لازىم 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
33.ھەيدىگۈچى قاتناش-تىرانسىپوت باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىگە خىلاپلىق قىلىپ پەۋقۇلئادە زور قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلسا ھەم شۇ ھادىسىسىدە ئادەملەر ئۆلگەن بولسا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ ياكى تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
34.بەلگە بار ۋىكليۇچاتېل قايسى قۇرۇلمىنى كونترول قىلىدۇ ؟ 本题解析
A.كابىنكە ئارقا ئەينىكىدىكى قىرو ياكى تۇماننى تازىلاشنى
B.كابىنكە ئالدى ئەينىكىنىڭ ئەينەك چوتكىسى ۋە يۇغۇچىسىنى
C.كابىنكە ئارقا ئەينىكىنىڭ ئەينەك چوتكىسى ۋە يۇغۇچىسىنى
D.كابىنكە ئالدى ئەينىكىدىكى قىرو ياكى تۇماننى تازىلاشنى
正确答案:C
35.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.ھالقىسىمان كېسىشكەن يول ئېغىزىنى مەلۇم قىلىش
B.+ سىمان كېسىشكەن يول ئېغىزىنى مەلۇم قىلىش
C.T سىمان كېسىشكەن يول ئېغىزىنى مەلۇم قىلىش
D.Y سىمان كېسىشكەن يول ئېغىزىنى مەلۇم قىلىش
正确答案:D
36.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.چەكلەنگەن ئېگىزلىكى 3.5 مېتىر
B.چەكلەنگەن كەڭلىكى 3.5 مېتىر
C.3.5مېتىرلىق چەكلەنگەن ئېگىزلىكىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش
D.چەكلەنگەن ئاپتوموبىل ئارىلىقى 3.5 مېتىر
正确答案:A
37.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.T سىمان كېسىشكەن يول ئېغىزى
B.Y سىمان كېسىشكەن يول ئېغىزى
C.+سىمان كېسىشكەن يول ئېغىزى
D.ھالقسىمان كېسىشكەن يول ئېغىزى
正确答案:C
38.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ بەلگىلىمە بويىچە مەكتەپ ئاپتوموبىلىغا يول بەرمىسە بىر قېتىمدا 6 نومۇر تۇتۇلىدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
39.چىراغلار ۋىكليۇچاتېلى رەسىمدىكى ئورۇندا تۇرغاندا ئارقا تۇمان چىرىغى يورۇيدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
40.يول ئېغىزىدا ئۇدۇل يۈرمەكچى بولۇپ رەسىمدىكى ئەھۋالغا يولۇققاندا قانداق يۈرۈش كېرەك ؟ 本题解析
A.سول تەرەپتىكى ئاپتوموبىلنىڭ ئاۋۋال يۈرۈشىگە يول بېرىش
B.ئوڭ تەرەپتىكى ئاپتوموبىلنىڭ ئاۋۋال يۈرۈشىگە يول بېرىش
C.سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئۇدۇل يۈرۈش
D.خەتەرگە دىققەت قىلىش سىگنال چىرىغىنى يېقىپ يۈرۈش
正确答案:B
41.يۈرۈش جەريانىدا، سەپ بولۇپ يولدىن ئۆتۈىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا يولۇققاندا قانداق ئۆتۈش كېرەك ؟ 本题解析
A.سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئۇلار بىلەن يول تالىشىپ ئۆتۈش كېرەك
B.توختاپ يول بېرىش كېرەك
C.سۈرئەتنى تۆۋەنلىتىپ ئاستا تۈرۈش كېرەك
D.ئۈزمەي سىگنال بېرىپ يول بېرىشكە مەجبۇرلاش كېرەك
正确答案:B
42.رەسىمدىكى يول بۆلەكلىرىدە تورسىمان سىزىق رايونى ئىچىگە كىرىپ توختاپ كۈتۈشكە بولىدۇ . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
43.سائەتلەر تاختىسىدىكى يورۇسا كابىنكە تەگلىكى ۋە ئالدى ئەينەكتىن شامال ئۇرۇلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
44.تۆۋەندىكېلەرنىڭ ئىچىدە قايسى خىل قىلمىشقا 200يۈەندىن يۇقىرى 2000يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلۇپ،موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسى بىكار قىلىنىدۇ ؟ 本题解析
A.يول يۈرۈش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىنسا
B.بەلگىلەنگەن يۈرۈش سۈئىتىدىن%50 ئاشۇرىۋەتسە
C.قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ قېچىپ كەتسە
D.ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە ھەيدەش كىنىشكىسىنى بىرگە ئېلىپ يۈرمىسە
正确答案:B
45.سۇ تېشىپ كەتكەن يولنىڭ بىخەتەر يول يۈرۈشكە تەسىر كۆرسىتىپ ، يۈرۈش قىيىن بولۇشتىكى سەۋەب نېمە ؟ 本题解析
A.يوشۇرۇن ئازگال ۋە چوخچىيىپ چىققان يول يۈزىنى كۆرگىلى بولمايدۇ
B.يولنىڭ يېپىشىش كۈچى ئېشىپ كېتىدۇ
C.كۆرۈش دەرىجىسى تۆۋەنلەپ ، كۆرۈش دائىرىسى ئېنىق بولمايدۇ
D.كۈن نۇرى كۆرۈش سىزىقىنى توسۇۋالىدۇ
正确答案:A
46.رەسىمدە كۆرسىتىلگەن قايسى باشقۇرۇش قۇرۇلمىسى ؟ 本题解析
A.چىراغ ، سىگنال گورۇپىسىنىڭ ۋىكليۇچاتېلى
B.ياندۇرۇش چىرىغىنىڭ ۋىكليۇچاتېلى
C.ئەينەك چوتكىسى ۋىكليۇچاتېلى
D.خەتەرگە دىققەت قىلىش سىگنال چىرىغىنىڭ ۋىكليۇچاتېلى
正确答案:A
47.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.يول ئارىيەت ئېلىشنى مەنئى قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش
B.يول ئۆزگەرتىشنى مەنئى قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش
C.يول ئۆزگەرتىپ يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىش
D.يانداشنى مەنئى قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش
正确答案:D
48.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.پىيادىلەرگە دىققەت قىلىش
B.پىيادىلەر يولى
C.يېزا ياكى بازار
D.باشلانغۇچ مەكتەپ
正确答案:C
49.ئوخشاش بىر يۆنىلىشتە كېتىۋاتقان ئاپتوموبىلنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتقىنى تۆۋەندىكېلەر ئىچىدىكى قايسى خىل ئەھۋالدا يانداشقا بولمايدۇ ؟ 本题解析
A.توختاۋاتقاندا
B.سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يول بەرگەندە
C.قايتۇرۋاتقاندا
D.نورمال يول يۈرۈۋاتقاندا
正确答案:C
50.ئاپتوموبىل تۆمۈر يول ئېغىزىدىن ئۆتكەندە تۆۋەن خوتتا بىخەتەر ئۆتۈش ، موتورنىڭ ئوتى ئۆچۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مۇساپە ئارىلىقىدا خوت ئالماشتۇرماسلىق لازىم 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
客服电话(微信同号):181-1187-1573 | 黔ICP备15004437号-1 |
© 2010-2019驾考金点通 版权所有 Powerde by:jkjdt.com