当前题库:ئۇيغۇرچە(维语)小车科目一
语言: 中文汉语 ئۇيغۇرچە(维语) قازاقشا(哈语)
车型: 小车科目一 小车科目四 客车科目一 客车科目四 货车科目一 货车科目四 摩托车科目一 摩托车科目四
1.رەسىمدىكىدەك موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىنىڭ قايسى قىلمىشى قانۇنغا خىلاپ ھېسابلىنىدۇ ؟ 本题解析
A.تەتۈر يول يۈرۈش
B.نومۇر تاختىسىنى بەلگىلىمە بويىچە ئاسماسلىق
C.نومۇر تاختىسىنى قەستەن توسۇپ قويۇش
D.موتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى يولىنى ئىگىلىۋېلىش
正确答案:C
2.ھەيدىگۈچى قاتناش-تىرانسپورت باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىگە خىلاپلىق قىلىپ پەۋقۇلئادە زور قاتناش ھاددىسسى پەيدا قىلغاندىن كېيىن قېچىپ كېتىپ ئادەملەرنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغان بولسا قانچە يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىدۇ ؟ 本题解析
A.2يىىلدىن تۆۋەن
B.3يىلدىن تۆۋەن
C.7يىلدىن تۆۋەن
D.7يىلدىن يۇقىرى
正确答案:D
3.سائەتلەر تاختىسىدىكى نىڭ يۇرىشى نېمىنى بىلدۈرىدۇ ؟ 本题解析
A.ABS قۇرۇلمىسىدا كاشىلا كۆرۈلگەنلىكىنى
B.قول تورمۇزنىڭ بوشىتىلغان ھالەتتە ئىكەنلىكىنى
C.بىخەتەر يەل خالتىىسىنىڭ كاشىلا ھالىتىدە ئىكەنلىكىنى
D.پۇت تورمۇزدىن كاشىلا چىققانلىقىنى
正确答案:A
4.رەسىمدىكىدەك ئەھۋالدا ياندىغاندا ئالدىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ قايسى تەرىپىدىن يانداش كېرەك ؟ 本题解析
A.ئوڭ تەرىپىدىن يانداش
B.ئوڭ -سول ئىككى تەرىپىدىن يانداشقا بولىدۇ
C.سول تەرىپىدىن يانداش
D.توسالغۇ يوق تەرىپىدىن يانداش
正确答案:C
5.ئاپتوموبىل ئۇدۇلدىن سوقۇلغاندا بىخەتەرلىك يەل خالتىسى ، بىخەتەلىك تاسمىسى بىلەن بىرلىشىپ تىخىمۇ ياخشى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
6.بىخەتەرلىك تاسمىسى ئاپتوموبىل سوقۇلغاندا ھەيدىگۈچى ۋە يۇلۇچىلارنى زەخمىلىنىشتىن ساقلايدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
7.تۆۋەندىكېلەرنىڭ ئىچىدە قايسى كىنىشكېلەرنى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگەندە بىرگە ئېلىپ يۈرۈش كېرەك ؟ 本题解析
A.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تېزىملىتىش كىنىشكىسى
B.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ سۇغۇرتا تالونى
C.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسى
D.زاۋۇتتىن چىققاندىن كېيىنكى لاياقەتلىك ئىسپاتى
正确答案:C
8.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى
B.مەنئى قىلىش بەلگىسى
C.كۆرسەتكۈچ بەلگە
D.يول كۆرسىتىش بەلگىسى
正确答案:B
9.ھەيدىگۈچى بىراك قىلىش ئۆلچىمىگە يەتكەن گۇمانلىق ئاپتوموبىلنى ھەيدىگەن بولسا، قاتناش ساقچىسى ئاپتوموبىلنى قانۇن بويىچە تۇتۇپ قالسا بولىدۇ . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
10.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.ئاپتوموبىلنى توختىتىش مەيدانى
B.مەنزىرە كۆزىتىش پەشتىقى
C.ئارام ئېلىش رايونى
D.مۇلازىمەت رايونى
正确答案:C
11.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا كاشىلا كۆرۈلۈپ يول توسۇلۇپ قالغاندا ئوڭ تەرەپتىكى جىددىي توختىتىش بەلۋېغىدا ياكى يول ياقىسىدا يۈرۈش لازىم 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
12.يول يۈرۈش جەريانىدا، پىيادىلەرنىڭ يولنى توغىرىسىغا كىسىپ ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە تېزدىن سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يول بېرىش كېرەك 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
13.ئۇزۇن داۋاندىن چۈشكەندە ئۈزمەي پۇت تورمۇزنى ئىشلەتسە قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ ؟ 本题解析
A.موتورنىڭ ئىشلىتىش ئۆمۈرى قىسقىراپ كېتىدۇ
B.ھەيدىگۈچىنىڭ ئەمگەك سىجىللىقى ئېشىپ كېتىدۇ
C.تورمۇز بەك قىزىپ كېتىپ تورمۇز ئۈنۈمى جىددىي تۆۋەنلەپ كېتىدۇ
D.ئاپتوموبىل ئاسانلا يېنىچە ئاغدۇرۇلۇپ كېتىدۇ
正确答案:C
14.چوڭ ئاپتوبۇس،سۆرىگۈچى ئاپتوموبىل، شەھەر ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسى،ئارابۇس،چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدەيدىغانلار ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم تەن سالامەتلىك ئىسپاتىنى تاپشۇرۇشى كېرەك . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
15.يولدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ ، مال -مۈلۈك زىيىنى پەيدا قىلغاندىن كېيىن ئالاقىدار پاكىت ۋە ھادىسسە سەۋەبى ئۈسىتدە تالاش -تارتىش قىلماي قاتناش ۋاسىتىسىنى يۆتكەشكە توغرا كەلگەندە، نەق مەيداننى سۈرەتكە تارتىۋېلىش ياكى ئاپتوموبىل توخىتىغان ئورۇنغا بەلگە سېلىپ قويۇش لازىم . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
16.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يول ئۆزگەرتمەكچى بولغاندا بۇرۇلۇش چىرىغىنى بۇرۇن يېقىپ، ئەتراپىنى ئوبدان كۆزىتىپ،بىخەتەرلىكىگە كۆزى يەتكەندىن كېيىن كىرمەكچى بولغان يولغا كىرىش لازىم 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
17.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.ئۇدۇل يۈرىدىغان ئاپتوموبىل يولى
B.ئوڭغا بۇرۇلىدىغان ئاپتوموبىل يولى
C.قايتۇرىدىغان ئاپتوموبىل يولى
D.سولغا بۇرۇلىدىغان ئاپتوموبىل يولى
正确答案:A
18.يامغۇر ياغقان كۈنلەردە يول يۈزى نەم بولغاچقا، ئاپتوموبىلنىڭ تورمۇزلىنىش ئارىلىقى ئۇزىراپ كېتىدۇ ، يۈرۈش جەريانىدا ئىمكانقەدەر جىددىي تورمۇز قىلىپ سۈرئەتنى ئاستىلىتىش لازىم 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
19.ئاپتوموبىل داۋاندىن چۈشىۋاتقاندا بوش خوتتىن تولۇق پايدىلىنىپ سىيرىلدۈرۈپ يۈرۈش لازىم 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
20.رەسىمدىكى يول بۆلەكلىرىدە تورسىمان سىزىق رايونى ئىچىگە كىرىپ توختاپ كۈتۈشكە بولىدۇ . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
21.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.سولغا جىددىي بۇرۇلغان يول
B.ئوڭغا جىددىي بۇرۇلغان يول
C.ئوڭ تەرەپ بىلەن ئايلىنىپ يۈرۈش
D.ئۇدا ئايلانما يول
正确答案:A
22.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.ئۇزاق توختىتىشقا رۇخسەت قىلىش
B.ۋاقىتلىق توختىتىشنى مەنئى قىلىش
C.ئۇزاق توختىتىشنى مەنئى قىلىش
D.قاتناش ۋاسىتىسىنى توختىتىشنى مەنئى قىلىش
正确答案:C
23.رەسىمدىكى يول بويىدا توختىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىغان. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
24.يۈرۈش جەريانىدا، ئارقىدىكى ئاپتوموبىل ياندىماقچى بولغاندا قانداق قىلىش كېرەك ؟ 本题解析
A.دەرھال سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ،ئەتراپنى ئوبدان كۆزەتكەندىن كېيىن ئوڭغا يۆلىنىپ يول بېرىش كېرەك
B.ئەسلىدىكى ئاپتوموبىل سۈرئىتىدە يۈرۈۋېرىش كېرەك
C.ئوڭغا يۆلىنىپ سۈرئەتنى تېزلىتىپ يۈرۈش كېرەك
D.يول بەرمەسلىك كېرەك
正确答案:A
25.ھەيدىگۈچىنىڭ تۆۋەندىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنىڭ قايسى خىلىغا بىر قېتىمدا 12 نومۇر تۇتۇلىدۇ ؟ 本题解析
A.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ نومۇر تاختىسىنى قەستەن پاسكىنا قىلىۋەتسە
B.ھەيدەش كىنىشكىسى ۋاقىتنچە تۇتۇپ تورىلىۋاتقان مەزگىلدە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگەن بولسا
C.ھەيدەش كىنىشكىسىنى يوشۇرغان،ئالدامچىلىق قىلىش ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ ئالغان بولسا
D.يۈرۈش جەريانىدا بەلگىلىمە بويىچە مەكتەپ ئاپتوموبىلىغا يول بەرمىگەن بولسا
正确答案:A
26.رەسىمدىكى يول ئېغىزىدىن قانداق ئۆتۈش كېرەك ؟ 本题解析
A.سۈرئەتنى ئاستىلاتماي ئۆتۈپ كېتىش
B.سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئۆتۈپ كېتىش
C.ئالدىدىكى ئاپتوموبىلغا يېقىن ئەگىشىپ ئۆتۈش
D.سۈرئەتنى ئاستىلىتىش ياكى توختاپ كۆزۈتىپ تۇرۇش
正确答案:D
27.يۈرۈش جەريانىدا، ئوڭ ياندا توختىغان ئاپتوموبىلنى يانداپ ئۆتكەندە ئۇ ئاپتوموبىلنىڭ تۇيۇقسىز قوزغىلىپ قېلىشى ياكى ئىشىكنى ئېچىپ قېلىشدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك ؟ 本题解析
A.يان يۆنىلشلىك بىخەتەر ئارىلىقنى چوڭ قالدۇرۇپ ، سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يۈرۈش كېرەك
B.نورمال سۈرئەتتە يۈرۈش كېرەك
C.ئۇزاق سىگنال بېرىش كېرەك
D.سۈرئەتنى تېزلتىپ ئۆتۈش كېرەك
正确答案:A
28.رەسىمدە كۆرسىتىلگەن يول يۈزىدىكى قانداق بەلگە سىزىق؟ 本题解析
A.سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يۈرۈش سىزىقى
B.ئاپتوموبىل ئارىلىقىنى بەلگىلەش سىزىقى
C.ئاپتوموبىل سۈرئىتىنى بەلگىلەش سىزىقى
D.يول ئېغىزىدا سۈرئەتنى ئاستىلىتىش سىزىقى
正确答案:B
29.ھەيدىگۈچى ھەيدەش كىنىشكىسىنىڭ ئىناۋەتلىك مۇددىتى توشۇشتىن قانچىلىك ۋاقىت بۇرۇن كىنىشكە ئالماشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىسا بولىدۇ ؟ 本题解析
A.30كۈن ئىچىدە
B.60 كۈن ئىچىدە
C.90كۈن ئىچىدە
D.6ئاي ئىچىدە
正确答案:C
30.يول مەركىزىدىكى ئاق ئۈزۈك سىزىق قانداق بەلگە سىزىقىنى بىلدۈرىدۇ ؟ 本题解析
A.قارشى تەرەپتىكى ئاپتوموبىلنىڭ يولى مەركىزىي سىزىقىدىن ھالقىپ ئۆتۈشنى مەنئى قىلىشنى
B.قارشى تەرەپتىكى ئاپتوموبىل مەركىزىي يول سىزىقىدىن ھالقىپ ئۆتۈشنى چەكلەشنى
C.ئوخشاش يۆنىلىشتىكى ئاپتوموبىلنىڭ مەركىزىي يول سىزىقىدىن ھالقىپ ئۆتۈشىگە بولىدىغانلىقىنى
D.ئوخشاش يۆنىلىشتىكى يولنىڭ پاسىلىنى ئايرىش مەركىزىي سىزىقى
正确答案:C
31.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.پىيادىلەر توغرا يولى
B.ئوقۇغۇچىلار ئۆتۈش يولى
C.بالىلار ئۆتۈش يولى
D.پىيادىلەرگە دىققەت قىلىش
正确答案:A
32.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.ئۇدۇل يۈرۈش ۋە سولغا بۇرۇلۇش يولى
B.ئۇدۇل يۈرۈش ۋە قوشۇمچە يولنىڭ چىقىش ئېغىزىدىكى يول
C.ئۇدۇل يۈرۈش ۋە ئوڭغا بۇرۇلۇشتا تەڭ پايدىلىنىش يولى
D.يۆنىلىشكە بۆلۈنۈپ يۈرۈش يولى
正确答案:C
33.رەسىمدىكى يول ئېغىزىدا سولغا قانداق بۇرۇلۇش كېرەك ؟ 本题解析
A.يول ئېغىزىنىڭ مەركىزىي نوقتىسىنى بويلاپ ئوڭ تەرەپ بىلەن بۇرۇلۇش
B.يول ئېغىزىنىڭ مەركىزىي نوقتىسىنى بويلاپ سول تەرەپ بىلەن بۇرۇلۇش
C.سولغا بۇرۇلۇشقا بولمايدۇ
D.يول ئېغىزىنىڭ مەركىزىي نوقتىسىنى بېسىپ بۇرۇلۇش
正确答案:B
34.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلماسلىق
B.قاتناش ۋاسىتىسىنى ئۇزۇن ۋاقىت توختىتىپ قويۇشقا رۇخسەت قىلماسلىق
C.توختاپ يول بېرىش
D.ئاپتوموبىلنى ۋاقىتلىق توختىتىشقا رۇخسەت قىلماسلىق
正确答案:C
35.ئاپتوموبىلغا ئەگىشىپ كېتىۋاتقاندا ، ئاپتوموبىلغا ئەگىشىش ئارىلىقى ئانچە مۇھىم ئەمەس ، مۇھىمى ئالدىدىكى ئاپتوموبىل بىلەن تەڭ سۈرئەتتە يۈرۈش، يەنى ئالدىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ كەينىگە سوقۇلۇپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
36.يول ئېغىزىنىڭ ئەڭ ئالدىدىكى جۈپ ئاق تۇتاش سىزىق نېمە مەنىنى بىلدۈرىدۇ؟ 本题解析
A.يۈرۈشكە رۇخسەت قىلشنى كۈتۈش سىزىقى
B.توختاپ يول بېرىش سىزىقى
C.سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يول بېرىش سىزىقى
D.سولغا بۇرۇلۇشنى كۈتۈش سىزىقى
正确答案:B
37.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ بەلگىلىمە بويىچە مەكتەپ ئاپتوموبىلىغا يول بەرمىسە بىر قېتىمدا 6 نومۇر تۇتۇلىدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
38.ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلىدىن باشقا قاتناش ۋاسىتىللىرىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش جۈمىكى ياكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى دەرۋازىسىغا 30 مېتىر كېلىدىغان يول بۆلەكلىرىدە ئاپتوموبىل توختىتىشقا بولمايدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
39.رەسىمدىكى ۋىكليۇچاتېلنى باسقاندا كابىنكە ئارقا ئەينەك دېرىزىسىدىكى تۇمان تازلىغۇچ ئىشلەيدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
40.قاتناش بەلگىسى بىلەن قاتناش بەلگە سىزىقلىرى قاتناش سىگنالىغا كىرمەيدۇ . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
41.بىخەتەرلىك تاسىمىسى ئورنىتىلغان ئاپتوموبىلدا ئولتۇرغۇچىلار بىخەتەرلىك تاسىمىسىنى باغلىۋېلىشى كېرەك 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
42.رەسىمدىكى ئورۇندىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا بىۋاسىتە كىرىشكە بولىدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
43.يول بويىدا ۋاقىتلىق توخىتىغان ئاپتوموبىلنى قايتا قوزغىغاندا ئالدى بىلەن قانداق قىلىش ؟ 本题解析
A.ماينى كۆپ بېرىپ قوزغاش كېرەك
B.سىگنال بېرىش كېرەك
C.ئەتراپتىكى قاتناش ئەھۋالىنى ئوبدان كۆزىتىش كېرەك
D.موتورنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك
正确答案:C
44.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدىكى كۆۋرۈككە كەلگەندە قانداق قىلىش كېرەك ؟ 本题解析
A.بىر خىل سۈرئەتتە ئۆتۈش
B.سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئۆتۈپ كېتىش
C.تۆۋەن سۈرئەتتە ئاستا ئۆتۈش
D.توختاپ سۇ ئەھۋالنى ئوبدان كۆزۈتىش
正确答案:D
45.تونىلدىن ئۆتۈۋاتقاندا يانداشقا بولمايدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
46.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.دۆلەت يولى نومۇرى
B.ئۆلكە يولى نومۇرى
C.ناھىيە يولى نومۇرى
D.يېزا يولى نومۇرى
正确答案:A
47.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.پىيادىلەرگە دىققەت قىلىش
B.پىيادىلەر يولى
C.يېزا ياكى بازار
D.باشلانغۇچ مەكتەپ
正确答案:C
48.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.تۆۋەن سۈرئەتتە يۈرۈش
B.پىيادىلەرگە دىققەت قىلىش
C.پىيادىلەر ئالدى بىلەن يۈرۈش
D.پىيادىلەر يولى
正确答案:D
49.رەسىمدىكى موتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى يولىدا ئاپتوموبىلنى ۋاقىتنچە توختاتسا بولىدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
50.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يانداپ بولغاندىن كېيىن دەرھال ئوڭغا بۇرۇلۇش چىرىغىنى يېقىپ ئەسلىدىكى يولغا ھەيدەپ كىرىشى كېرەك . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
客服电话(微信同号):181-1187-1573 | 黔ICP备15004437号-1 |
© 2010-2019驾考金点通 版权所有 Powerde by:jkjdt.com