当前题库:ئۇيغۇرچە(维语)小车科目一
语言: 中文汉语 ئۇيغۇرچە(维语) قازاقشا(哈语)
车型: 小车科目一 小车科目四 客车科目一 客车科目四 货车科目一 货车科目四 摩托车科目一 摩托车科目四
1.جىددىي ئايلىنىدىغان يول بۆلەكلىرىدىن ئۆتكەندە ئاپتوموبىل ئاز بولسا يانداشقا بولىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
2.يۈرۈش جەريانىدا مېيىپلار يۈرۈشكە تەسىر كۆرسەتسە تېزدىن سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئۇلارغا ئەدەپ بىلەن يول بېرىش كېرەك 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
3.سائەتلەر تاختىسىدىكى يورۇسا كابىنكە تەگلىكى ۋە ئالدى ئەينەكتىن شامال ئۇرۇلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
4.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ كېلەركى چىقىش ئېغىزىنى ئالدىن مەلۇم قىلىش
B.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئوڭ ياندىكى چىقىش ئېغىزىنى ئالدىن مەلۇم قىلىش
C.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ يىتىپ بارىدىغان مەنزىلىنى ئالدىن مەلۇم قىلىش
D.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ سول ياندىكى چىقىش ئېغىزىنى ئالدىن مەلۇم قىلىش
正确答案:B
5.رەسىمدىكى ئەھۋالدا سۈرئەتنى تېزلىتىپ قىزىل ئاپتوموبىلدىن بۇرۇن يول ئۆزگەرتىش لازىم . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
6.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.ئۇدۇل يۈرۈش ۋە سولغا بۇرۇلۇشتا تەڭ پايدىلىنىدىغان يول
B.سولغا بۇرۇلۇش ۋە قايتۇرۇش مەنئى قىلىنغان يول
C.قايتۇرۇش ۋە سولغا بۇرۇلۇشتا تەڭ پايدىلىنىدىغان يول
D.يۆنىلىشكە بۆلۈنۈپ يۈرۈش يولى
正确答案:C
7.ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە قاتناش ساقچىسى تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بەلگىسىنى ئېلىپ يۈرمىگەنلەرنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى قانۇن بويىچە تۇتۇپ قالسا بولىدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
8.يېشى 60 ياشتىن ئاشقان ھەيدىگۈچى تەن سالامەتلىك ئىسپاتىنى قانچە ۋاقىتتا بىر قېتىم تاپشۇرۇدۇ ؟ 本题解析
A.ھەر 3 يىلدا
B.ھەر ئىككى يىلدا
C.يىلدا بىر قېتىم
D.ھەر ئايدا
正确答案:C
9.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.T سىمان كېسىشكەن يول ئېغىزى
B.Y سىمان كېسىشكەن يول ئېغىزى
C.+سىمان كېسىشكەن يول ئېغىزى
D.ھالقسىمان كېسىشكەن يول ئېغىزى
正确答案:C
10.كۆرسەتكۈچ بەلگە سىزىقىنىڭ رولى نېمە ؟ 本题解析
A.قاتناشنى مەنئى قىلىش
B.قاتناش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىش
C.قاتناشنى چەكلەش
D.ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئەسكەرتىش
正确答案:B
11.رەسىمدىكى رەت بويىچە يۈرۈشنى كۈتۈۋاتقان ئەھۋالغا يولۇققاندا قانداق قىلىش كېرەك؟ 本题解析
A.رەت بويىچە كۈتۈش
B.ئوڭ تەرەپتىكى يولدىن يانداپ ئۆتۈش
C.سول تەرەپتىكى تۇتاش سىزىقتىن ھالقىپ يانداش
D.ئىككى تەرەپتىن خالىغانچە يانداش
正确答案:A
12.يولنىڭ ئىككى يېنىدىكى ئاپتوموبىل يولىنىڭ گىرۋەك ئاق تۇتاش سىزىقىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋاقىتلىق ھالقىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ
B.موتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋاقىتلىق ھالقىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ
C.قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋاقىتلىق ھالقىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ
D.قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ھالقىپ ئۆتۈشى مەنئى قىلىنىدۇ
正确答案:D
13.رەسىمدىكى باشلاش كۆرسەتكۈچىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.ئالدى تەرەپتىكى يولنىڭ Yسىمان كېسىشكەن يول ئېغىزى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ
B.ئالدى تەرەپتىكى يولنىڭ ئايرىلىش يولى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ
C.ئالدى تەرەپتىكى يولدا پەقەت ئوڭ-سولغىلا بۇرۇلۇشقا بولدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ
D.ئالدى تەرەپتىكى يولنىڭ ئوڭ -سول تەرەپتىن قوشۇلۇش يولى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ
正确答案:C
14.سائەتلەر تاختىسىدىكى نىڭ يورۇشى پۇت تورمۇز قۇرۇلمىسىدا كاشىلا كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
15.يېشىل چىراغ يانغاندا ئالدىدىكى يول ئېغىزىدا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول يۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
16.رەسىمدىكى كېسىشكەن يول ئېغىزىدا بۇرالماقچى بولغاندا ئۇدۇل يۈرىدىغان ئاپتوموبىلنىڭ ئاۋۋال يۈرۈشىگە يول بېرىش كېرەك . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
17.رەسىمدىكىدەك موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىنىڭ قايسى قىلمىشى قانۇنغا خىلاپ ھېسابلىنىدۇ ؟ 本题解析
A.تەتۈر يول يۈرۈش
B.نومۇر تاختىسىنى بەلگىلىمە بويىچە ئاسماسلىق
C.نومۇر تاختىسىنى قەستەن توسۇپ قويۇش
D.موتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى يولىنى ئىگىلىۋېلىش
正确答案:C
18.رەسىمدىكى يول ئېغىزىدا قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ قانداق يۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ ؟ 本题解析
A.ئۇدۇل يۈرۈشىگە
B.ئوڭغا بۇرۇلۇشىغا
C.ئۇدۇل يۈرۈش ياكى سولغا بۇرۇلۇشىغا
D.سولغا بۇرۇلۇشىغا
正确答案:B
19.رەسىمدە كۆرسىتىلگەن قايسى پىدال ( تەپكە ) ؟ 本题解析
A.ماي پىدالى
B.موفتا(ئايرىغۇچ-قوشقۇچ) پىدالى
C.تورمۇز پىدالى
D.قول تورمۇز پىدالى
正确答案:A
20.رەسىمدە كۆرسىتىلگەن تۆمۈر يول ئېغىزىغا كەلگەندە توختاپ ئەتراپنى ئوبدان كۆزىتىپ ئۆتۈش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
21.سائەتلەر تاختىسىدىكى نىڭ يورۇشى ئوڭ ياندىكى ئىشىكنىڭ يېپىلمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
22.يول ئېغىزىدا يېشىل چىراغ يانغاندا موتورسىز قاتناش ۋاسىتسى ئۆزى بىلەن يول تالاشسا يول بەرمىسىمۇ بولىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
23.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفون نومۇرى
B.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ قاتناش رادىيو چاستوتىسى
C.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ياردەم تەلەپ قىلىش تېلېفون نومۇرى
D.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ مۇلازىمەت تېلېفونى نومۇرى
正确答案:B
24.سائەتلەر تاختىسىدىكى نىڭ يورۇشى موتورغا ئاپتۇل قۇيۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
25.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىكى كارتا ئېلىش ئورنى
B.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ھەق ئېلىش ئورنى
C.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ تەكشۈرۈش پونكىتى
D. ETC ئورنىتىلغان ھەق ئېلىش پونكىتى
正确答案:D
26.ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇس بېكىتىدە توختىغان ئاپتوبۇسقا يېقىنلاپ كەلگەندە، ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسى قوزغىلىپ ماڭسا ياكى ئاپتوبۇسنىڭ ئالدى تەرىپىدىن پىيادىلەر چىقىپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك ؟ 本题解析
A.سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئاپتوبۇس بىلەن يېتەرلىك ئارىلىق ساقلاپ دەرھال توختاش تەييارلىقىدا تۇرۇش كېرەك
B.نورمال سۈرئەتتە يۈرۈش كېرەك
C.جىددىي تورمۇز قىلىش تەييارلىقىدا تۇرۇش كېرەك
D.سىگنال بېرىپ ئەسكەرتىپ،سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئۆتۈپ كېتىش كېرەك
正确答案:A
27.رەسىمدىكى ئىككى تال سېرىق ئۈزۈك سىزىق ئارىلىقىدىكى رايون نېمە مەنىنى بىلدۈرىدۇ ؟ 本题解析
A.چوڭ ئاپتوبۇس مەخسۇس يولى
B.تىجارەت ئاپتوبۇسىنىڭ مەخسۇس يولى
C.كىرا ئاپتوموبىلى(تاكسى) مەخسۇس يولى
D.ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسى مەخسۇس يولى
正确答案:D
28.ھەيدىگۈچىنىڭ ئۇدا ھەيدەش ۋاقتى قانچە سائەتتىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ ؟ 本题解析
A.4سائەت
B.6سائەت
C.8سائەت
D.10سائەت
正确答案:A
29.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.پىيادىلەر توغرا يولى
B.پىيادىلەرگە دىققەت قىلىش
C.بالىلارغا دىققەت قىلىش
D.مەكتەپ رايونى
正确答案:C
30.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بىنا ، قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىگە سوقۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن دەرھال نەق مەيداندىن ئۆزلۈكىدىن ھەيدەپ كېتىشى لازىم . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
31.ئۇچرىشىش جەريانىدا قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتقان ئاپتوموبىلنىڭ يۈرۈشى قىينلىشىپ، باشقا يولدىن پايدىلانماقچى بولغان ئەھۋالغا يولۇققاندا قانداق قىلىش كېرەك ؟ 本题解析
A.قارشى تەرەپنىڭ يولىنى ئىگىلىمەي نورمال يۈرۈش كېرەك
B.قارشى تەرەپكە توختاپ يول بېرىش توغرىسىدا بەلگە بېرىش كېرەك
C.ئوڭ تەرەپكە يۆلىنىپ سۈرئەتنى تېزلىتىپ يۈرۈش كېرەك
D.ئىمكانقەدەر ئەدەپ بىلەن قارشى تەرەپنىڭ ئاۋۋال يۈرۈشىگە يول بېرىش كېرەك
正确答案:D
32.ئاپتوموبىلغا ئەگىشىپ كېتىۋاتقاندا ، ئاپتوموبىلغا ئەگىشىش ئارىلىقى ئانچە مۇھىم ئەمەس ، مۇھىمى ئالدىدىكى ئاپتوموبىل بىلەن تەڭ سۈرئەتتە يۈرۈش، يەنى ئالدىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ كەينىگە سوقۇلۇپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
33.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى دۆلەتنىڭ مەجبۇرىي بىراك قىلىش ئۆلچىمىگە يەتكەندە تېزىمغا ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
34.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ مەركىزىي سىزىق سىزىلمىغان يوللاردا قارشى تەرەپتىن كەلگەن ئاپتوموبىل بىلەن ئۇچرىشىپ قالغاندا قانداق يۈرۈش كېرەك ؟ 本题解析
A.سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئوڭغا يۆلىنىپ يۈرۈش
B.موتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يولى بىلەن يۈرۈش
C.يولنىڭ چېتى بىلەن يۈرۈش
D.يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈرۈش
正确答案:A
35.رەسىمدىكى ئەھۋالغا يولۇققاندا توختاپ پىيادىلەرگە يول بېرىش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
36.ھەيدىگۈچى قاتناش-تىرانسپورت باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىگە خىلاپلىق قىلىپ پەۋقۇلئادە زور قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلسا، ھەم شۇ ھادىسىسىدە ئادەم ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ قېچىپ كەتسە قانچە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ ؟ 本题解析
A.7يىلدىن يۇقىرى
B.3يىلدىن يۇقىرى
C.3يىلدىن يۇقىرى 7 يىلدىن تۆۋەن
D.10يىلدىن يۇقىرى
正确答案:C
37.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئاياغلىشىش نوقتىسىدىكى جاينى ئالدىن مەلۇم قىلىش
B.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ يۈرۈش لىنيەسىنى ئالدىن مەلۇم قىلىش
C.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ يۈرۈش يۆنىلىشىنى ئالدىن مەلۇم قىلىش
D.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ جاي ، ئارىلىقىنى ئالدىن مەلۇم قىلىش
正确答案:D
38.قاتناش ساقچىسى ھەيدىگۈچىنىڭ قايسى خىل قىلمىشى ئۈچۈن قانۇن بويىچە ھەيدەش كىنىشكىسىنى تۇتۇپ قالىدۇ ؟ 本题解析
A.ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئاپتوموبىل ھەيدىگەن بولسا
B.بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن%10 ئاشۇرۇۋەتكەن بولسا
C.چارچاپ كەتكەندىن كېيىن ئاپتوموبىل ھەيدىگەن بولسا
D.يۈرۈش جەريانىدا بىخەتەرلىك تاسمىسىنى باغلىمىسا
正确答案:A
39.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.جاي ۋە ئارىلىقنى مەلۇم قىلىش
B.+ كېسىشكەن يول ئېغىزىنى مەلۇم قىلىش
C.يوللارغا بۆلۈنۈپ يۈرۈش ئۇچۇرىنى مەلۇم قىلىش
D.ئاچال يول ئورنىنى مەلۇم قىلىش
正确答案:B
40.ھەيدىگۈچى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ قاتناش سىگنال چىرىغىنىڭ كۆرسەتمىسىگە خىلاپلىق قىلسا بىر قېتىمدا قانچە نومۇر تۇتۇلىدۇ ؟ 本题解析
A.2نومۇر
B.3نومۇر
C.6نومۇر
D.12نومۇر
正确答案:C
41.رەسىمدە كۆرسىتىلگەن يول يۈزىدىكى قانداق بەلگە سىزىق؟ 本题解析
A.پىيادىلەر توغرا يولىنى ئالدىن مەلۇم قىلىش
B.كېسىشكەن يول ئېغىزىنى ئالدىن مەلۇم قىلىش
C.سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يول بېرىشنى ئالدىن مەلۇم قىلىش
D.توختاپ يول بېرىشنى ئالدىن مەلۇم قىلىش
正确答案:A
42.رەسىمدە كۆرسىتىلگەن يولدىكى ئەڭ يۇقىرى سۈرئەت سائىتىگە 50 كىلومېتىر. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
43.توسۇلۇپ قالغان يول ئېغىزىدا يېشىل چىراغ يانغاندا ئاپتوموبىللار قانداق يۈرۈشى كېرەك؟ 本题解析
A.يول ئېغىزىغا بىۋاسىتە ھەيدەپ كىرىشكە بولىدۇ
B.يول ئېغىزىغا كىرىشكە بولمايدۇ
C.بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان ئەھۋالدا يول ئېغىزىغا كىرىشكە بولىدۇ
D.قارشى تەرەپ يولىدىن پايدىلىنىپ يول ئېغىزىدىن ئۆتۈپ كېتىش كېرەك
正确答案:B
44.يولدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ مال-مۈلۈك زىيىنى پەيدا قىلغان بولۇپ، ئۆزلىرى كېڭىشىپ نەق مەيداندىن ئايرىلىشقا تېگىشلىك تۇرۇپمۇ ئايرىلغىلى ئۇنىماي قاتناشنىڭ توسۇلۇشىغا سەۋەبچى بولسا ھەيدىگۈچىگە 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
45.رەسىمدە كۆرسىتىلگەن قايسى باشقۇرۇش قۇرۇلمىسى ؟ 本题解析
A.تۇمان تازىلاش ۋىكليۇچاتېلى
B.بۇرۇلۇش چىرىغىنىڭ ۋىكليۇچاتېلى
C.ئالدى چىراغ ۋىكليۇچاتېلى
D.ئەينەك چوتكىسى ۋىكليۇچاتېلى
正确答案:D
46.ئاپتوموبىلنى قار مۇزلۇق يولدا جىددىې تورمۇزلىغاندا ئاسانلا يىنىچە تېيىلىپ كېتىدۇ.بۇ چاغدا تۆۋەن سۈرئەتتە يۈرۈپ موتورنىڭ تورمۇزلاش رولىدىن پايدىلىنىپ سۈرئەتنى ئاستىلىتىش لازىم 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
47.ئاپتوموبىل داۋاندىن چۈشىۋاتقاندا بوش خوتتىن تولۇق پايدىلىنىپ سىيرىلدۈرۈپ يۈرۈش لازىم 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
48.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ مەركىزىي سىزىق سىزىلمىغان تاشيوللاردىكى سائەتلىك ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتىنى 70 كىلومېتىردىن ئاشۇرۋېتىشكە بولمايدۇ . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
49.ئاپتوموبىل كېسىشكەن يول ئېغىزىغا كەلگەندە، سولغا بۇرۇلىدىغان ئاپتوموبىللار خالىغان ۋاقىتتا بۇرۇلۇشنى كۈتۈش رايونىغا كىرسە بولىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
50.ھەيدىگۈچى قاتناش-تىرانسىپوت باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىگە خىلاپلىق قىلىپ پەۋقۇلئادە زور قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلسا ھەم شۇ ھادىسىسىدە ئادەملەر ئۆلگەن بولسا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ ياكى تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
客服电话(微信同号):181-1187-1573 | 黔ICP备15004437号-1 |
© 2010-2019驾考金点通 版权所有 Powerde by:jkjdt.com