当前题库:ئۇيغۇرچە(维语)客车科目一
语言: 中文汉语 ئۇيغۇرچە(维语) قازاقشا(哈语)
车型: 小车科目一 小车科目四 客车科目一 客车科目四 货车科目一 货车科目四 摩托车科目一 摩托车科目四
1.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يول ئۆزگەرتمەكچى بولغاندا بۇرۇلۇش چىرىغىنى بۇرۇن يېقىپ، ئەتراپىنى ئوبدان كۆزىتىپ،بىخەتەرلىكىگە كۆزى يەتكەندىن كېيىن كىرمەكچى بولغان يولغا كىرىش لازىم 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
2.رەسىمدىكى يولدا يۈرگەندە سىگنالنى چوقۇم ئاز ئىشلىتىش كېرەك . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
3.ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە بەلگىلەنگەن سۈرئەتتە بىخەتەر يول يۈرۈش كېرەك 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
4.رەسىمدە كۆرسىتىلگەن قايسى باشقۇرۇش قۇرۇلمىسى ؟ 本题解析
A.تۇمان تازىلاش ۋىكليۇچاتېلى
B.بۇرۇلۇش چىرىغىنىڭ ۋىكليۇچاتېلى
C.ئالدى چىراغ ۋىكليۇچاتېلى
D.ئەينەك چوتكىسى ۋىكليۇچاتېلى
正确答案:D
5.ھەيدىگۈچى ئاپتوموبىل ھەيدەۋاتقاندا قايسى خىل كىنىشكىنى ئېلىپ يۈرمىسە قاتناش ساقچىسى قانۇن بويىچە ئاپتوموبىلنى تۇتۇپ قالىدۇ ؟ 本题解析
A.ھەيدەش كىنىشكىسىنى
B.كىملىكىنى
C.كەسىپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى
D.ئاپتوموبىلنىڭ يول خېتىنى
正确答案:A
6.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگەندە سۈرئەت چەكلەش بەلگىسىدە كۆرسىتىلگەن ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئەتتىن ئېشىپ كېتىشكە يول قويۇلمايدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
7.قاتناش ساقچىسى باشقا ئاپتوموبىلنىڭ سۇغۇرتا بەلگىسىنى ئىشلەتكەن گۇمانلىق ھەيدىگۈچىنىڭ ئاپتوموبىلىنى تۇتۇپ قالىدۇ . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
8.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە يول يۈرۈش كىنىشكىسىدە بەلگىلەنگەن يۈك قاچىلاش مىقداردىن ئاشۇرۇپ يۈك قاچىلاشقا بولمايدۇ،قاچىلانغان يۈكنىڭ ئۇزۇنلۇقى كوزۇپتىن 1 مېتىردىن ئارتۇق چىقىپ تۇرۇشقا بولمايدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
9.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ قاتناش سىگنالى بىلەن كونترول قىلىنمايدىغان يول ئېغىزىدىن ئۆتكەندە قانداق يۈرۈش كېرەك ؟ 本题解析
A.سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يۈرۈش
B.سۈرئەتنى تېزلىتىپ يۈرۈش
C.چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللار ئاۋۋال يۈرۈش
D.سول تەرەپتىكى ئاپتوموبىللار ئاۋۋال يۈرۈش
正确答案:A
10.يۈك ئاپتوموبىلى تېزىمغا ئالدۇغان كۈندىن باشلاپ 10 يىل ئىچىدە ھەر يىلدا قانچە قېتىم تەكشۈرتىدۇ؟ 本题解析
A.1قېتىم
B.2قېتىم
C.3قېتىم
D.4قېتىم
正确答案:A
11.ئاپتوموبىلنىڭ سائەتلەر تاختىسىدىكى نىڭ يورۇشى نېمىنى بىلدۈرىدۇ ؟ 本题解析
A.خەتەرگە دىققەت قىلىش سىگنال چىرىغىنىڭ يورۇغانلىقىنى
B.ئالدى چىراغنىڭ يورۇغانلىقىنى
C.ئالدى-ئارقا ئورۇن چىرىغىنىڭ يورۇغانلىقىنى
D.ئالدى-ئارقا تۇمان چىرىغىنىڭ يورۇغانلىقىنى
正确答案:C
12.يۈك توشۇيدىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە ئادەم سېلىش مەنئى قىلىنىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
13.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.ياۋايى ھايۋانلارغا دىققەت قىلىش
B.چارۋىلارغا دىققەت قىلىش
C.ھايۋانات باغچىسى
D.ئېچىۋېتىلگەن چارۋىچىلىق رايونى
正确答案:A
14.يول كۆرسىتىش بەلگىسىنىڭ رولى نېمە ؟ 本题解析
A.قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يۈرۈشىنى چەكلەش
B.سۈرئەت چەكلەش ئۇچۇرىنى ئەسكەرتىش
C.يۆنىلىش ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەش
D.ئالدى تەرەپنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇش
正确答案:C
15.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يانداشتىن بۇرۇن سولغا بۇرۇلۇش چىرىغىنى ياندۇرۇپ،يىراق -يېقىننى يورۇتۇش چىراغلىرىنى ئالماشتۇرۇپ يېقىش ياكى سىگنال بېرىش كېرەك . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
16.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى قايتۇرغاندا سولغا بۇرۇلۇش چىرىغىنى بۇرۇن يېقىش لازىم . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
17.يۈرۈش جەريانىدا مېيىپلار يۈرۈشكە تەسىر كۆرسەتسە تېزدىن سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئۇلارغا ئەدەپ بىلەن يول بېرىش كېرەك 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
18.ئاپتوموبىل ئۇزۇن داۋاندىن چۈشىۋاتقاندا تۆۋەن خوتتا چۈشۈش بىلەن بىرگە، موتور ئارقىلىق تورمۇزلاشتىن تولۇق پايدىلىنىش لازىم 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
19.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.ئىككى يېنى تارايغان يول
B.ئوڭ يېنى تارايغان يول
C.سول يېنى تارايغان يول
D.كەڭلىكى تارايغان يول
正确答案:C
20.قاتناش ساقچىسى ئاپتوموبىلنى ھەيدەش كىنىشكىسى ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىنغان ئادەمگە بەرگەن ھەيدىگۈچىنى ئاغزاكى ئاگاھلاندۇرىدۇ . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
21.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا كۆرۈش ئارىلىقى 200مېتىرغا يەتمەيدىغان ھاۋارايىغا يولۇققاندا، ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتى قانچە بولىدۇ ؟ 本题解析
A.سائىتىگە 100 كىلومېتىردىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ
B.سائىتىگە 90 كىلومېتىردىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ
C.سائىتىگە 80 كىلومېتىردىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ
D.سائىتىگە 60 كىلومېتىردىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ
正确答案:D
22.رەسىمدىكى ئىككى ئاپتوموبىلنىڭ بىر-بىرىگە سوقۇلۇپ كېتىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب نېمە؟ 本题解析
A.ئارقىدىكى ئاپتوموبىل ئالدىدىكى ئاپتوموبىل بىلەن تېگىشلىك بىخەتەر ئارىلىقنى ساقلىمىغان
B.ئارقىدىكى ئاپتوموبىل ياندىغاندا، ئالدىدىكى ئاپتوموبىل بىلەن ئارىلىقى بەك يېقىن بولۇپ كەتكەن
C.ئالدىدىكى ئاپتوموبىل جىددى تورمۇزلىغان
D.ئالددىدىكى ئاپتوموبىل تورمۇزلىغاندا ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىگە قارىمىغان
正确答案:A
23.قاتناش سىگنال چىرىغىنىڭ كۆرسەتمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ يۈرسە بىر قېتىمدا 6 نومۇر تۇتۇلىدۇ . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
24.رەسىمدىكى يول ئېغىزىدىن قانداق ئۆتۈش كېرەك ؟ 本题解析
A.سۈرئەتنى ئاستىلاتماي ئۆتۈپ كېتىش
B.سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئۆتۈپ كېتىش
C.ئالدىدىكى ئاپتوموبىلغا يېقىن ئەگىشىپ ئۆتۈش
D.سۈرئەتنى ئاستىلىتىش ياكى توختاپ كۆزۈتىپ تۇرۇش
正确答案:D
25.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يولدا قوغلىشىپ ھەيدەپ قىلمىشى قەبىھ بولغان ھەيدىگۈچىگە 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
26.قاتناش ۋاسىتىسىنى قانۇنغا خىلاپ ھەيدەپ پەۋقۇلئادە زور قاتناش ھادىسىسىى پەيدا قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگۈچىنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنمايدۇ . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
27.رەسىمدىكى شەھەر يولىدا يۈرگەندە ئەڭ يۇقىرى سۈرئەت سائىتىگە قانچە كىلومېتىردىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ ؟ 本题解析
A.سائىتىگە 30 كىلومېتىردىن
B.سائىتىگە 40 كىلومېتىردىن
C.سائىتىگە 50 كىلومېتىردىن
D.سائىتىگە 70 كلىومېتىردىن
正确答案:C
28.رەسىمدىكى سىگنال چىرىغى يانغان يول ئېغىزىدا ئوڭغا بۇرۇلۇشقا بولىدۇ . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
29.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ پاتقاق يولدا يۈرگەندە ئەڭ يۇقىرى سۈرئەت سائىتىگە قانچە كىلومېتىردىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ ؟ 本题解析
A.سائىتىگە 15 كىلومېتىردىن
B.سائىتىگە 20 كىلومېتىردىن
C.سائىتىگە 30 كىلومېتىردىن
D.سائىتىگە 40 كىلومېتىردىن
正确答案:C
30.يۈرۈش جەريانىدا، سەپ بولۇپ يولدىن ئۆتۈىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا يولۇققاندا قانداق ئۆتۈش كېرەك ؟ 本题解析
A.سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئۇلار بىلەن يول تالىشىپ ئۆتۈش كېرەك
B.توختاپ يول بېرىش كېرەك
C.سۈرئەتنى تۆۋەنلىتىپ ئاستا تۈرۈش كېرەك
D.ئۈزمەي سىگنال بېرىپ يول بېرىشكە مەجبۇرلاش كېرەك
正确答案:B
31.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.ھەيدەپ كىرىش مەنئى قىلىنغان يول ئېغىزى
B.ئوڭغا بۇرۇلۇشنى مەنئى قىلىش
C.قايتۇرۇشنى مەنئى قىلىش
D.يول ئۆزگەرتىشنى مەنئى قىلىش
正确答案:B
32.ھەيدىگۈچىىنىڭ تۆۋەندىكېلەر ئىچىدىكى قايسى قىلمىشى ئۈچۈن بىر قېتىمدا 6 نومۇرى تۇتۇلىدۇ ؟ 本题解析
A.ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئاپتوموبىل ھەيدىسە
B.باشقا ئاپتوموبىلنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى ئىشلەتكەن بولسا
C.ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتىنى بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن %50 ئاشۇرۋەتكەن بولسا
D.جىددىي ئاپتوموبىل يولىنى ئىگىللەپ يۈرگەن بولسا
正确答案:D
33.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدىكى يول ئېغىزىدا سولغا بۇرۇلۇشقا بولمايدۇ . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
34.يول ئېغىزىنىڭ ئەڭ ئالدىدىكى جۈپ ئاق سىزىق نېمە مەنىنى بىلدۈرىدۇ ؟ 本题解析
A.يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىشنى كۈتۈش سىزىقى
B.توختاپ يول بېرىش سىزىقى
C.سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يول بېرىش سىزىقى
D.سولغا بۇرۇلۇشنى كۈتۈش سىزىقى
正确答案:C
35.رەسىمدە كۆرسىتىلگەن قايسى پىدال ( تەپكە ) ؟ 本题解析
A.ماي پىدالى
B.موفتا(ئايرىغۇچ-قوشقۇچ) پىدالى
C.تورمۇز پىدالى
D.قول تورمۇز پىدالى
正确答案:A
36.دۆلەت كونتىرول قىلىدىغان روھلاندۇرۇش دورىسىنى ئېچىپ قىسقا ئارىلىقتا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
37.تۇمانلىق كۈنلەردە بىخەتەر يول يۈرۈشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار قايسى ؟ 本题解析
A.موتورنىڭ ئوتى ئاسان ئۆچۈپ قالىدۇ
B.يېنىچە تىيىلپ كېتىدۇ
C.يۈرۈش قارشىلىقى ئېشىپ كېتىدۇ
D.كۆرۈش دەرىجىسى تۆۋەنلەپ،كۆرۈش سىزىقى ئېنىق بولمايدۇ
正确答案:D
38.موتورلۇق قاتناش ۋاسىستىسىنى ھەيدەپ تۆمۈر يول ئېغىزىدىن ئۆتمەكچى بولغاندا رەسىمدىكى سىگنال چىرىغىنى كۆرگەندە قانداق يۈرۈش كېرەك ؟ 本题解析
A.بىر تەرەپتىن كۆزىتىپ بىر تەرەپتىن ئاستا ئۆتۈش
B.خوت ئالماشتۇرمايلا سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئۆتۈش
C.پويىز يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ئۆتۈش
D.توختاش سىزىقىدىن ئۆتۈپ كېتىشكە بولمايدۇ
正确答案:D
39.قايسى خىل قاتناش ۋاسىتىسى تىپىنى كۆپەيتىپ ھەيدەشنى ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ قاتناش ھادىسىسىدە ئادەم ئۆلۈش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان جاۋابكارلىق خاتېرسى بولماسلىقى كېرەك؟ 本题解析
A.چوڭ ئاپتوبۇس ، سۆرىگۈچى ئاپتوموبىل ، ئارابۇس
B.پىكاپ ۋە ئاپتوماتىك خوتلۇق پىكاپ
C.ئادەتتىكى ئۈچ چاقلىق موتوسىكىلىت،ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىت،يېنىك موتوسىكىلىت
D.تۆۋەن سۈرئەتلىك يۈك ئاپتوموبىلى،ئۈچ چاقلىق ئاپتوموبىل
正确答案:A
40.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.توغان يولى
B.تىك داۋانغا چىقىش
C.ئۇدا ئايلانما داۋانغا چىقىش
D.تىك داۋاندىن چۈشۈش
正确答案:B
41.يولدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە ئاپتوموبىلنى دەرھال يول چېتىگە يۆتكەش لازىم . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
42.يۈرۈش جەريانىدا چاق تۇيۇقسىز ئېتىلىپ كەتسە، ھەيدىگۈچى تەمتىرەپ كېتىپ تورمۇز پىدالىنى جىددىي دەسسىمەي موتور تورمۇزىدىن پايدىلىنىپ سۈرئەتنى ئاستىلىتىش لازىم 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
43.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تۆۋەندىكېلەر ئىچىدىكى قايسى خىل ئەھۋالدا ئالدىدىكى ئاپتوموبىلنى يانداشقا بولمايدۇ ؟ 本题解析
A.ئالدىدىكى ئاپتوموبىل سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يول بەرگەندە
B.ئالدىدىكى ئاپتوموبىل سولغا بۇرۇلىۋاتقاندا
C.ئالدىدىكى ئاپتوموبىل يول ياقىسىدا توختىماقچى بولغاندا
D.ئالدىدىكى ئاپتوموبىل ئوڭغا بۇرۇلىۋاتقاندا
正确答案:B
44.ئاپتوموبىلنى جىددىي تورمۇزلىغانداABS سىستېمىسى قانداق رول ئوينايدۇ ؟ 本题解析
A.ئىنىرگىيەنىڭ ئۇزۇتۇلۇشىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ
B.يۆنىلىشنى ئاپتوماتىك كونترول قىلىدۇ
C.تورمۇزلانغاندىكى ئىنىرتسىيەنى يىنىكلىتىدۇ
D.تورمۇز تۇتۇلۇپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
正确答案:D
45.يۈرۈش جەريانىدا چاقنىڭ ئېتىلىپ كەتكەنلىكىنى سەزگەندە، يۆنىلىشنى كونترول قىلىش بىلەن بىرگە، تورمۇز پىدالىنى يېنىك دەسسەپ ، ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتىنى تەدرىجىي ئاستىلىتىپ يول چېتىگە سىلىق توختىتىش لازىم 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
46.رەسىمدىكى يول ئېغىزىدا قانداق يۈرۈش كېرەك ؟ 本题解析
A.خەتەرگە دىققەت قىلىش سىگنال چىرىغىنى يېقىپ سۈرئەتنى تېزلىتىپ يۈرۈش
B.يول ئېغىزىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ ئالدىغا تېزدىن قىستۇرۇۋېلىش
C.يول ئېغىزىدىكى قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئاۋۋال يۈرۈشىگە يول بېرىش
D.سىگنال بېرىپ يول ئېغىزىغا بىۋاسىتە كىرىش
正确答案:C
47.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.قايتۇرۇشنى مەنئى قىلىش
B.ئوڭغا بۇرۇلۇشنى مەنئى قىلىش
C.ئۇدۇل يۈرۈشنى مەنئى قىلىش
D.سولغا بۇرۇلۇشنى مەنئى قىلىش
正确答案:C
48.رەسىمدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى قانچە كىلومېتىر بولىدۇ ؟ 本题解析
A.سائىتىگە 120 كىلومېتىر
B.سائىتىگە 100 كىلومېتىر
C.سائىتىگە 90 كىلومېتىر
D.سائىتىگە 60 كىلومېتىر
正确答案:A
49.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.ئۇدۇل يۈرۈش ۋە ئوڭغا بۇرۇلۇش
B.ئۇدۇل يۈرۈش ۋە سولغا بۇرۇلۇش
C.ئۇدۇل يۈرۈش ۋە ئوڭغا بۇرۇلۇشنى مەنئى قىلىش
D.ئوڭغا بۇرۇلۇش ۋە سولغا بۇرۇلۇشقىلا رۇخسەت قىلىش
正确答案:A
50.كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىلنى ھەيدىگۈچى قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ ھادىسىسىدە ئادەم ئۆلگەن بولۇپ تەڭ جاۋابكارلىقدىن يۇقىرى مەسئۇلىيەتنى ئۈسىتىگە ئالغان، ئەمما ھەيدەش كىنىشكىسى بىكار قىلىنمىغان بولسا، نومۇرى تۇتۇلۇپ تۈگىگەندىن كېيىنكى 30 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
客服电话(微信同号):181-1187-1573 | 黔ICP备15004437号-1 |
© 2010-2019驾考金点通 版权所有 Powerde by:jkjdt.com