当前题库:ئۇيغۇرچە(维语)客车科目一
语言: 中文汉语 ئۇيغۇرچە(维语) قازاقشا(哈语)
车型: 小车科目一 小车科目四 客车科目一 客车科目四 货车科目一 货车科目四 摩托车科目一 摩托车科目四
1.كېچىدە يۈرگەندە ھەيدىگۈچىنىڭ كۆرۈش دائىرىسى چەكلىمىگە ئۇچراپ، چىراغ نۇرى چۈشكەن دائىرىنىڭ سىرتىدىكى قاتناش ئەھۋالىنى كۆزىتىش ئىنتايىن قېيىن بولىدۇ . شۇڭا كېچىدە سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يۈرۈش كېرەك 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
2.رەسىمدە كۆرسىتىلگەن تۆمۈر يول ئېغىزىغا كەلگەندە توختاپ ئەتراپنى ئوبدان كۆزىتىپ ئۆتۈش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
3.يول يۈزىدىكى سېرىق بەلگە نېمە مەنىنى بىلدۈرىدۇ ؟ 本题解析
A.بۇرۇلۇشنى مەنئى قىلىشنى
B.قايتۇرۇشنى مەنئى قىلىشنى
C.قايتۇرۇشقا رۇخسەت قىلىشنى
D.ئۇدۇل يۈرۈشنى مەنئى قىلىشنى
正确答案:B
4.ھەيدەش كىنىشكىسى بۇزۇلۇپ كەتكەندە ھەيدىگۈچىنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىشىگە بولمايدۇ . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
5.سائەتلەر تاختىسىدىكى نىڭ يورۇشى موتورغا ئاپتۇل قۇيۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
6.سۇ تېشىپ كەتكەن يولنىڭ بىخەتەر يول يۈرۈشكە تەسىر كۆرسىتىپ ، يۈرۈش قىيىن بولۇشتىكى سەۋەب نېمە ؟ 本题解析
A.يوشۇرۇن ئازگال ۋە چوخچىيىپ چىققان يول يۈزىنى كۆرگىلى بولمايدۇ
B.يولنىڭ يېپىشىش كۈچى ئېشىپ كېتىدۇ
C.كۆرۈش دەرىجىسى تۆۋەنلەپ ، كۆرۈش دائىرىسى ئېنىق بولمايدۇ
D.كۈن نۇرى كۆرۈش سىزىقىنى توسۇۋالىدۇ
正确答案:A
7.رەسىمدىكى يول ئېغىزىدا سولغا قانداق بۇرۇلۇش كېرەك ؟ 本题解析
A.يول ئېغىزىنىڭ مەركىزىي نوقتىسىنى بويلاپ ئوڭ تەرەپ بىلەن بۇرۇلۇش
B.يول ئېغىزىنىڭ مەركىزىي نوقتىسىنى بويلاپ سول تەرەپ بىلەن بۇرۇلۇش
C.سولغا بۇرۇلۇشقا بولمايدۇ
D.يول ئېغىزىنىڭ مەركىزىي نوقتىسىنى بېسىپ بۇرۇلۇش
正确答案:B
8.رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى قانداق سائەت ؟ 本题解析
A.ئامپېرمېتىر( توك ئېقىمىنى كۆرسىتىش سائىتى )
B.مانومېتىر ( ماي بېسىمىنى كۆرسىتىش سائىتى )
C.تېرمونومېتىر ( سۇ تىمپىراتۇرسىنى كۆرسىتىش سائىتى )
D.ماي سائىتى
正确答案:D
9.كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىلنى ھەيدىگۈچى قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ ھادىسىسىدە ئادەم ئۆلگەن بولۇپ تەڭ جاۋابكارلىقدىن يۇقىرى مەسئۇلىيەتنى ئۈسىتىگە ئالغان، ئەمما ھەيدەش كىنىشكىسى بىكار قىلىنمىغان بولسا، نومۇرى تۇتۇلۇپ تۈگىگەندىن كېيىنكى 30 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
10.رەسىمدىكىدەك ھاۋارايىغا يولۇققاندا قايسى چىراغنى يېقىش كېرەك ؟ 本题解析
A.يېقىننى يورۇتۇش چىرىغىنى يېقىش
B.چىراغ ياقماسلىق
C.يىراقنى يورۇتۇش چىرىغىنى يېقىش
D.تۇمان چىرىغىنى يېقىش
正确答案:A
11.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.تونىلدىن چىقىش ئېغىزى ئارىلىقى
B.تونىلغا كىرىش ئېغىزى ئارىلىقى
C.تونىل ئىچىدە ئاپتوموبىلغا ئەگىشىپ يۈرۈش ئارىلىقى
D.تونىل ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى
正确答案:A
12.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.سول تەرەپتىكى بىر يۆنىلىشلىك يول
B.ئوڭ تەرەپتىكى بىر يۆنىلىشلىك يول
C.ئۇدۇل يۈرۈدىغان بىر يۆنىلىشلىك يول
D.ئوڭغا بۇرۇلغاندا يول بېرىش
正确答案:B
13.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.يول ئېغىزىدا قايتۇرۇشنى مەنئى قىلىش
B.ئوڭغا ۋە سولغا يول ئۆزگەرتىشنى مەنئى قىلىش
C.قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئۇدۇل يۈرۈشىنى مەنئى قىلىش
D.ئوڭغا ۋە سولغا بۇرۇلۇشنى مەنئى قىلىش
正确答案:D
14.ئالدىدىكى يول ئېغىزىدا رەسىمدە كۆرسىتىلگەن سىگنال چىرىغى يانغاندا نېمە مەنىنى بلدۈرىدۇ ؟ 本题解析
A.يول ئېغىزىنى ئەسكەرتىش
B.قاتناشنى مەنئى قىلىش
C.يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىش
D.دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتىش
正确答案:C
15.چوڭ ئاپتوبۇس ، سۆرىگۈچى ئاپتوموبىل ، ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇس ، ئارابۇس ، چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدەش كىنشكىسى بار ھەيدىگۈچى ئالاقىلشىش تېلېفونى ، ئالاقىلشىش ئادرېسى ھەمدە ئىشلەۋاتقان ئىدارىسى قاتارلىق ئۇچۇرلاردا ئۆزگىرىش بولسا ئۇچۇر ئۆزگىرىپ 30 كۈن ئىچىدە ھەيدەش كىنىشكىسىنى تارقاتقان قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا بېرىپ ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
16.يول مەركىزىدىكى جۈپ سېرىق تۇتاش سىزىق نېمە مەنىنى بىلدۈرىدۇ ؟ 本题解析
A.قارشى تەرەپ پاسىل سىزىقىدىن ھالقىپ ئۆتۈشكە بولىدىغانلىقىنى
B.قارشى تەرەپ پاسىل سىزىقىدىن ھالقىپ ئۆتۈش مەنئى قىلىنىدىغانلىقىنى
C.ئىككى ياندىكى ئاپتوموبىلنىڭ ئوخشاش يۆنىلىشتىكى پاسىل سىزىقىدىن ھالقىپ ئۆتۈشىگە بولىدىغانلىقىنى
D.بىر يۆنىلىشتىكى يۈرۈش يولىنىڭ پاسىل سىزىقىنى
正确答案:B
17.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تونىل،تىك داۋان قاتارلىق ئالاھىدە يول بۆلەكلىرىدە يانداشقا بولمايدۇ . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
18.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى كېسىشكەن يول ئېغىزىدىن ئۆتكەندە قاتناش سىگنالىغا رىئايە قىلىش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
19.رەسىمدە كۆرسىتىلگەن قايسى باشقۇرۇش دەستىسى ؟ 本题解析
A.قول تورمۇزنىڭ باشقۇرۇش دەستىسى
B.گاز تەڭشەش كىلاپانىنىڭ باشقۇرۇش دەستىسى
C.سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچنىڭ باشقۇرۇش دەستىسى
D.موفتىنىڭ باشقۇرۇش دەستىسى
正确答案:A
20.ئىشىك،كوزۇپ ياخشى يېپىلمىغاندا ئاپتوموبىلنى ئورنىدىن قوزغاشقا بولمايدۇ . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
21.يول ئېغىزىدا سېرىق چىراغ لىپىلداپ يانغاندا ھەيدىگۈچى ئەتراپنى ئوبدان كۆزىتىپ بىخەتەرلىكىگە كۆزى يەتكەندىن كېيىن ئۆتۈش كېرەك . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
22.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.يول يۈزى ئېگىز- پەس
B.لوكسىمان كۆۋرۈك
C.چوخچىيىپ چىققان يول يۈزى
D.ئازگال يول يۈزى
正确答案:B
23.ئۇزۇن پىرىتسېپلىق ئاپتوموبىلنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا كىرىشىگە قىلىنمايدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
24.ئاپتوموبىلنى ئورنىدىن قوزغاشتىن بۇرۇن، ئاپتوموبىل ئەتراپىدىكى قاتناش ئەھۋالىنى ئوبدان كۆزىتىپ بىخەتەرلىكىگە كۆز يەتكەندىن كېيىن ئاندىن قوزغىلىش كېرەك 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
25.كېچىدە قاتناش سىگنالى يوق يول ئېغىزىدىن ئۆتكەندە، يىراق-يېقىننى يورۇتۇش چىراغلىرىنى ئالماشتۇرۇپ يېقىشقا بولمايدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
26.ئاپتوموبىلغا بېسىلغان يۈك قانچە ئېگىز بولسا ئايلانغاندىكى مۇقۇملىقى شۇنچە ناچار بولىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
27.سائەتلەر تاختىسىدىكى نىڭ يورۇشى نېمىنى بىلدۈرىدۇ ؟ 本题解析
A.تورمۇز سۇيۇقلۇقىنىڭ ئازلىقىنى
B.ئەينەك يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئازلىقىنى
C.سوۋۇتۇش سىستېمىسىدا كاشىلا كۆرۈلگەنلىكىنى
D.سوۋۇتۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئازلىقىنى
正确答案:D
28.قويۇق تۇمانلىق كۈنلەردە كۆرۈش دەرىجىسى تۆۋەن بولىدۇ،يىراقنى يورۇتۇش چىرىغىنى يېقىپ يۈرسە كۆرۈش دەرىجىسىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
29.يولدا ۋاقىتلىق توختىغاندا باشقا قاتناش ۋاسىتىسى ۋە پىيادىلەرنىڭ يۈرۈشىگە توسالغۇلۇق قىلىشقا بولمايدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
30.ھەيدىگۈچىنىڭ بىر نومۇر خاتىرلەش مەزگىلىدە تۇتۇلغان نومۇرى 12 گە توشقان بولسا، قاتناش ساقچىسى ئۇنىڭ ھەيدەش كىنىشكىسىنى قانۇن بويىچە تۇتۇپ قالسا بولىدۇ . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
31.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.موتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرى توختاش ئورنى
B.توكسىكلىت يۈرۈش
C.موتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرى توختاش رايونى
D.موتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرى يۈرۈش
正确答案:D
32.ھەيدىگۈچىنىڭ ئۇدا ھەيدەش ۋاقتى قانچە سائەتتىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ ؟ 本题解析
A.4سائەت
B.6سائەت
C.8سائەت
D.10سائەت
正确答案:A
33.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىدا كاشىلا كۆرۈلۈپ يۆتكەشكە ئامال بولمىغاندا، ئاپتوموبىلنىڭ ئارقا تەرىپىدىن 50 مېتىر ئارىلىق ئىچىگە ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسىنى قويۇش كېرەك . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
34.يول يۈرۈش جەريانىدا يول ئاسراش مەشغۇلاتى بىلەن شۇغىللىنىۋاتقان يول ئاسراش ئاپتوموبىلى، قۇرۇلۇش مەشغۇلات ئاپتوموبىلىغا يولۇققاندا يول بېرىشكە دىققەت قىلىش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
35.رەسىمدىكى ئەھۋالغا يولۇققاندا توختاپ پىيادىلەرگە يول بېرىش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
36.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يولدا قوغلىشىپ ھەيدەپ قىلمىشى قەبىھ بولغان ھەيدىگۈچىگە 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
37.ئاپتوموبىل يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن چىقماقچى بولغاندا، سۈرئەتنى ئاستىلىتىش يولىدا سۈرئەتنى ئاستىلاتقاندىن كېيىن، ئاندىن باغلىما يولغا كىرىش لازىم 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
38.چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى ئورنىدىن قوزغاشتىن بۇرۇن ئارقىنى كۆزىتىش ئەينىكىگە قاراپ ئارقىدىكى ئەھۋاللارنى كۆزەتكەندىن باشقا، يەنە قانداق قىلغاندا كابىنكە ئەينىكىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى ئۇزۇنلۇقى 1.5 مېتىر،كەڭلىكى 3 مېتىر كېلىدىغان دائىرىنى كۆزەتكىلى بولىدۇ؟ 本题解析
A.ئورنىدىن تۇرۇپ ئاپتوموبىلنىڭ ئالدىنى كۆزەتكەندە
B.كابىنكىدىن چۈشۈپ كابىنكە ئاستىنى كۆزەتكەندە
C.ئالدى تۆۋەن تەرەپتىكى كۆرۈش ئەينىكىنى كۆزەتكەندە
D.كابىنكە دېرىزىسىدىن باشنى چىقىرىپ كابىنكە ئالدى تۆۋەن تەرىپىنى كۆزىتىش
正确答案:C
39.ئاپتوموبىلنى قار مۇزلۇق يولدا جىددىې تورمۇزلىغاندا ئاسانلا يىنىچە تېيىلىپ كېتىدۇ.بۇ چاغدا تۆۋەن سۈرئەتتە يۈرۈپ موتورنىڭ تورمۇزلاش رولىدىن پايدىلىنىپ سۈرئەتنى ئاستىلىتىش لازىم 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
40.يول ئېغىزىدا رەسىمدىكى سىگنال چىرىغى يانسا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ قاتنىشى مەنئى قىلىنىدۇ . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
41.ئالدىدىكى يول توسۇلۇپ قالغاندا قىلىشقا تېگىشلىك توغرا ئۇسۇل قايسى ؟ 本题解析
A.ئارىلىقلىرىغا قىستۇرلۇپ كىرىپ ئايلىنىپ ئۆتۈش
B.پۇرسەت تېپىپ ئالدىدىكى ئاپتوموبىلنى تەدرىجى يانداش
C.سىگنال بېرىپ ئالدىدىكى ئاپتوموبىلنى تېز مېڭىشقا مەجبۇرلاش
D.ئاپتوموبىلنى توختىتىپ كۈتۈپ تۇرۇش
正确答案:D
42.سۆرىگۈچى ئاپتوموبىل پىرىتسېپ سۆرىگەندە پىرىتسېپقا ئورنىتىلغان تورمۇز قۇرۇلمىسى ئۈنۈملۈك ئىشلەيدىغان بولۇشى كېرەك 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
43.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.40مېتىر ئارىلىقتا سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يۈرۈش يول بۆلىكى
B.ئەڭ تۆۋەن سائەتلىك سۈرئىتى 40 كىلومېتىر
C.سائىتىگە 40 كىلومېتىرلىق سۈرئەت چەكلەشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش
D.ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئەت 40 كىلومېتىر
正确答案:C
44.بەلگە بار ۋىكليۇچاتېل قايسى قۇرۇلمىنى كونترول قىلىدۇ ؟ 本题解析
A.كابىنكە ئارقا ئەينىكىدىكى قىرو ياكى تۇماننى تازىلاشنى
B.كابىنكە ئالدى ئەينىكىنىڭ ئەينەك چوتكىسى ۋە يۇغۇچىسىنى
C.كابىنكە ئارقا ئەينىكىنىڭ ئەينەك چوتكىسى ۋە يۇغۇچىسىنى
D.كابىنكە ئالدى ئەينىكىدىكى قىرو ياكى تۇماننى تازىلاشنى
正确答案:B
45.ئۇزۇن داۋاندىن چۈشكەندە ئۈزمەي پۇت تورمۇزنى ئىشلەتسە قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ ؟ 本题解析
A.موتورنىڭ ئىشلىتىش ئۆمۈرى قىسقىراپ كېتىدۇ
B.ھەيدىگۈچىنىڭ ئەمگەك سىجىللىقى ئېشىپ كېتىدۇ
C.تورمۇز بەك قىزىپ كېتىپ تورمۇز ئۈنۈمى جىددىي تۆۋەنلەپ كېتىدۇ
D.ئاپتوموبىل ئاسانلا يېنىچە ئاغدۇرۇلۇپ كېتىدۇ
正确答案:C
46.سائەتلەر تاختىسىدىكى نىڭ يۇرىشى نېمىنى بىلدۈرىدۇ ؟ 本题解析
A.تورمۇز پىدالىنىڭ ئورنىغا قايتمىغانلىقىنى
B.قول تورمۇزنىڭ بۇشىتىلغانلىقىنى
C.پۇت تورمۇزىنىڭ ئىشلىمەيۋاتقانلىقىنى
D.تورمۇز سىستېمىسىدا نورمالسىز ئەھۋال كۆرۈلگەنلىكىنى
正确答案:D
47.ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى چاقى ئېتىلىپ كەتسە چوڭ خەتەر يۈز بېرىدۇ . ئاپتوموبىلنىڭ يۆنىلىشىمۇ چاق ئېتىلىپ كەتكەن تەرەپكە چەتنەپ ھەيدىگۈچىنىڭ رولنى كونترول قىلىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
48.رەسىمدىكى كېسىشكەن يول ئېغىزىدا بۇرالماقچى بولغاندا ئۇدۇل يۈرىدىغان ئاپتوموبىلنىڭ ئاۋۋال يۈرۈشىگە يول بېرىش كېرەك . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
49.ھەيدىگۈچىنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەۋېتىپ ئۆتكۈزگەن قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ھىساپلىنىدۇ . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
50.قاتناش ساقچىسى يۈرۈش جەريانىدا سۇغۇرتا بەلگىسىنى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا چاپلىمىغان ئاپتوموبىلنى قانۇن بويىچە تۇتۇپ قالسا بولىدۇ . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
客服电话(微信同号):181-1187-1573 | 黔ICP备15004437号-1 |
© 2010-2019驾考金点通 版权所有 Powerde by:jkjdt.com