当前题库:ئۇيغۇرچە(维语)货车科目一
语言: 中文汉语 ئۇيغۇرچە(维语) قازاقشا(哈语)
车型: 小车科目一 小车科目四 客车科目一 客车科目四 货车科目一 货车科目四 摩托车科目一 摩托车科目四
1.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.ئۆتۈشمە يولغا دىققەت قىلىش
B.ئايرىلىش يولىغا دىققەت قىلىش
C.تەكشىلىكتە كېسىشكەن يول ئېغىزى
D.ھالقىسىمان تەكشى يۈزلۈك كېسىشكەن يول
正确答案:B
2.بىراك قىلىش ئۆلچىمىگە يەتكەن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى چوڭ رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن يولغا ھەيدەپ چىقسا بولدۇ . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
3.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئۇدۇل كېتىۋاتقان پىكاپ ئۇشتۇمتۇت سىلكىنسە، چاقنىڭ ئېتىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، دەرھال ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش كېرەك 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
4.ئاپتوموبىل تاغلىق رايوندىكى يولدا يۈرگەندە ‹‹ ئۇدا ئايلانما يول ››بەلگىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە باشقا ئاپتوموبىل ۋە پىيادىلارگە ئۆزلۈكىدىن يول بېرىپ ، سۈرئەتنى ۋاقىتدا ئاستىلىتىش ۋە ئالدىن سىگنال بېرىپ يۈرۈش لازىم 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
5.يول ئېغىزىدا رەسىمدىكى ئەھۋالغا يولۇققاندا قانداق يۈرۈش كېرەك ؟ 本题解析
A.تورسىمان سىزىق رايوننىڭ ئىچىدە كۈتۈش
B.يول ئېغىزىنىڭ سىرتىدا كۈتۈش
C.ئالدىدىكى ئاپتوموبىلغا ئەگىشىپ يول ئېغىزىدىن ئۆتۈش
D.يول ئېغىز ئىچىدە كۈتۈش
正确答案:B
6.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.+ سىمان كېسىشكەن يول ئېغىزىنى مەلۇم قىلىش
B.ئۆتۈشمە ئىسترىئولۇق كۆۋرۈكنى مەلۇم قىلىش
C.Y سىمان كېسىشكەن يول ئېغىزىنى مەلۇم قىلىش
D.ھالقىسىمان كېسىشكەن يول ئېغىزىنى مەلۇم قىلىش
正确答案:B
7.رەسىمدىكى كېسىشكەن يول ئېغىزىدىن قانداق ئۆتۈش كېرەك ؟ 本题解析
A.سىگنال بېرىپ
B.بىر خىل سۈرئەتتە ئۆتۈش
C.سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئاستا ئۆتۈش
D.سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئۆتۈش
正确答案:C
8.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگەندە قايسى خىل كىنىشكىنى بىرگە ئېلىپ يۈرۈش كېرەك؟ 本题解析
A.خىزمەت كىنىشكىسىنى
B.ھەيدەش كىنىشكىسىنى
C.كىملىكىنى
D.كەسىپ سالاھىيەت كىنىشكىسىنى
正确答案:B
9.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.كۆزەتچىسى يوق تۆمۈر يول ئېغىزىغا 50 مېتىر ئارىلىق قالدى
B.كۆزەتچىسى بار تۆمۈر يول ئېغىزىغا 50 مېتىر ئارىلىق قالدى
C.كۆزەتچىسى يوق تۆمۈر يول ئېغىزىغا 100 مېتىر ئارىلىق قالدى
D.كۆزەتچىسى بار تۆمۈر يول ئېغىزىغا 100 مېتىر ئارىلىق قالدى
正确答案:A
10.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىنىڭ دەسلەپتە ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئالغاندىن كېيىنكى پىراكتىكا مۇددىتى قانچە ئاي بولىدۇ ؟ 本题解析
A.6ئاي
B.12ئاي
C.16ئاي
D.18ئاي
正确答案:B
11.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.سولغا بۇرۇلۇشنى مەنئى قىلىش
B.بۇ يول ئىتىك
C.قاتناشنى مەنئى قىلىش
D.زىيادە ئېگىز يۈكلۈك ئاپتوموبىل ئايلىنىپ ئۆتۈش
正确答案:D
12.ئاپتوموبىل ئېقىمىغا قوشۇلماقچى بولغاندا بۇرۇلۇش چىرىغىنى ئالدىن يېقىپ ، ئۇدۇل يۈرۈپ، ئارقىنى كۆزىتىش ئەينىكىگە قاراپ ئوڭ-سول تەرەپتىكى ئەھۋاللارنى ئوبدان كۆزىتىپ، بىخەتەرلىكىگە كۆزى يەتكەندىن كېيىن قوشۇلماقچى بولغان قاتناش ئېقىمىغا قوشۇلۇش لازىم 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
13.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسى ئالماي تۇرۇپ، قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
14.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.تاغقا يانداشقان خەتەرلىك يول
B.چوڭقۇر جىلغا يولى
C.تاش چۈشۈشكە دىققەت قىلىش
D.خەتەرلىك يول بۆلىكى
正确答案:C
15.تونىلدىن ئۆتۈۋاتقاندا يانداشقا بولمايدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
16.چىراغلار ۋىكليۇچاتېلى رەسىمدىكى ئورۇندا تۇرغاندا ئالدى تۇمان چىرىغى يورۇيدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
17.رەسىمدىكىدەك ئەھۋالغا يولۇققاندا قانداق يۈرۈش كېرەك ؟ 本题解析
A.توختاپ قارشى تەرەپتىكى ئاپتوموبىلنىڭ ئۆتۈۋېلىشىغا يول بېرىش
B.سولغا بۇرۇلۇش چىرىغىنى يېقىپ سول تەرەپ بىلەن يۈرۈش
C.سۈرئەتنى تېزلىتىپ توسالغۇدىن ئۆتۈپ ئاپتوموبىل بىلەن ئۇچىرىشىش
D.ئالدى چىراغنى يېقىپ قارشى تەرەپنى يول بېرىشكە قىستاش
正确答案:A
18.يولدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ ئادەم ئۆلگەن، يارىلانغان بولسا يارىدارلارنى دەرھال قۇتقۇزۇش بىلەن بىرگە، ساقچىغا مەلۇم قىلىش كېرەك . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
19.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.ئۇدۇل يۈرۈش يولى
B.ئۇدۇل يۈرۈشكىلا رۇخسەت قىلىش
C.بىر يۆنىلىشلىك يول
D.ئوڭغا بۇرۇلۇش
正确答案:D
20.رەسىمدىكى باشلاش كۆرسەتكۈچىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.ئالدى تەرەپتە سولغا بۇرۇلۇشىنى ياكى سول ياندىكى ئاپتوموبىل يولىغا قوشۇلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ
B.ئالدى تەرەپتە ئوڭغا بۇرۇلۇشىنى ياكى ئوڭ ياندىكى ئاپتوموبىل يولىغا قوشۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ
C.ئالدى تەرەپتە توسالغۇ بولۇپ سول ياندىكى ئاپتوموبىل يولىغا قوشۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ
D.ئالدى تەرەپتە سولغا بۇرۇلۇشىنى ياكى سولغا ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىشكە بولدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ
正确答案:B
21.يول ئېغىزىدا ئۇدۇل يۈرمەكچى بولۇپ رەسىمدىكى ئەھۋالغا يولۇققاندا قانداق يۈرۈش كېرەك ؟ 本题解析
A.سول تەرەپتىكى ئاپتوموبىلنىڭ ئاۋۋال يۈرۈشىگە يول بېرىش
B.ئوڭ تەرەپتىكى ئاپتوموبىلنىڭ ئاۋۋال يۈرۈشىگە يول بېرىش
C.سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئۇدۇل يۈرۈش
D.خەتەرگە دىققەت قىلىش سىگنال چىرىغىنى يېقىپ يۈرۈش
正确答案:B
22.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ھەق ئېلىش پونكىتىنى ئالدىن مەلۇم قىلىش
B.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ مۇلازىمەت رايونىنى ئالدىن مەلۇم قىلىش
C.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ خەتەردىن دالدىىلىنىش ئورنىنى ئالدىن مەلۇم قىلىش
D.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ يولوچى ئاپتوبۇس بېكىتىنى ئالدىن مەلۇم قىلىش
正确答案:B
23.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.چېگىرا مۇداپىيە پونكىتىدا تەكشۈرۈش
B.قاتناشنى مەنئى قىلىش
C.تاموژنىدا تەكشۈرۈش
D.ئاپتوموبىلنى توختىتىپ تەكشۈرتۈشى
正确答案:D
24.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.ETC ئۆتۈش يولى
B.ئاپتوموبىلنى توختىتىپ تەكشۈرتۈش
C.ئاپتوموبىلنى توختىتىپ ھەق تاپشۇرۇش
D.ئاپتوموبىلنى توختىتىپ كارتا ئېلىش
正确答案:D
25.كېچىدە قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتقان ۋېلىسپىت مىنگۈچىلەرنى كۆرگەندە قانداق قىلىش كېرەك ؟ 本题解析
A.يىراق-يېقىننى يورۇتۇش چىراغلىرىنى توختىماي يېقىش كېرەك
B.ئۈزمەي سىگنال بېرىش كېرەك
C.يىراقنى يورۇتۇش چىرىغىنى يېقىش كېرەك
D.يېقىننى يورۇتۇش چىرىغىنى يېقىپ، سۈرئەتنى ئاستىلىتىش ياكى توختاپ يول بېرىش كېرەك
正确答案:D
26.رەسىمدىكى يول بويىدا ۋاقىتلىق توختىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى قايسى ؟ 本题解析
A.موتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى يولدا توختىغان
B.پىيادىلەر توغرا يولىدا توختىغان
C.يول ياقىسىدىن 30 سانتىمېتىر چىقىپ كەتكەن
D.توختىتىش مەنئى قىلىنغان يولدا توختىغان
正确答案:B
27.ئوخشاش بىر يۆنىلىشتىكى ئاپتوموبىلنىڭ ئالدىدا قايسى خىلدىكى قاتناش ۋاسىتىسى كېتىۋاتقان بولسا يانداشقا بولمايدۇ ؟ 本题解析
A.زىيادە يۈك بىسىلغان چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى
B.ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى
C.چوڭ تىپتىكى ئاپتوبۇس
D.ئوتتۇرا تىپتىكى ئاپتوبۇس
正确答案:B
28.يولدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە ئاپتوموبىلنى دەرھال يول چېتىگە يۆتكەش لازىم . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
29.رەسىمدىكى شەھەر يولىدا يۈرگەندە ئەڭ يۇقىرى سۈرئەت سائىتىگە قانچە كىلومېتىردىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ ؟ 本题解析
A.سائىتىگە 30 كىلومېتىردىن
B.سائىتىگە 40 كىلومېتىردىن
C.سائىتىگە 50 كىلومېتىردىن
D.سائىتىگە 70 كلىومېتىردىن
正确答案:C
30.سائەتلەر تاختىسىدىكى نىڭ يورۇشى ABS نىڭ ئېچىلغان ھالىتىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
31.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.ئۇدۇل يۈرۈش ۋە سولغا بۇرۇلۇشنى مەنئى قىلىش
B.ئۇدۇل يۈرۈش ۋە سولغا يول ئۆزگەرتىشنى مەنئى قىلىش
C.ئۇدۇل يۈرۈش ۋە سولغا يول ئوزگەرتىشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ
D.ئۇدۇل يۈرۈش ۋە ئوڭغا بۇرۇلۇشنى مەنئى قىلىش
正确答案:A
32.ئاپتوموبىل سۇدىن ئۆتكەندىن كېيىن تۆۋەن سۈرئەتتە يۈرۈش بىلەن بىرگە تورمۇز پىدالىنى قانداق دەسسىگەندە تورمۇز ئۈنۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ ؟ 本题解析
A.تورمۇز پىدالىنى قاتتىق دەسسىگەندە
B.ئۈزۈلدۈرمەي كۇچاپ دەسسىگەندە
C.يېنىك دەسسىگەندە
D.ئۈزۈلدۈرىپ يېنىك دەسسىگەندە
正确答案:D
33.قاتناش سىگنال چىرىغىنىڭ كۆرسەتمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ يۈرسە بىر قېتىمدا 6 نومۇر تۇتۇلىدۇ . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
34.ئارقا چاق ئېتىلىپ كەتكەندە ئاپتوموبىلنىڭ كەينى چايقىلىپ كېتىدۇ . ھەيدىگۈچى بۇ چاغدا رولنى ئىككى قولىدا مەھكەم تۇتۇپ،ئاپتوموبىلنىڭ ئۇدۇل يۆنىلىشىنى كونترول قىلىپ سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ توختىشى لازىم 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
35.يول ئېغىزىدا ئوڭغا بۇرۇلماقچى بولۇپ ئالدىدىكى ئاپتوموبىل يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىش سىگنالىنى كۈتۈپ تۇرغان بولسا قانداق يۈرۈش كېرەك ؟ 本题解析
A.ئالدىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ سول تەرىپىدىن بۇرۇلۇش
B.ئوڭ تەرەپتىكى يولغا چىقىپ بۇرۇلۇش
C.سىگنال بېرىپ ئالدىدىكى ئاپتوموبىلنى يول بېرىشكە مەجبۇرلاش
D.رەت بويىچە توختاپ كۈتۈپ تۇرۇش
正确答案:D
36.ئاپتومومبىلنىڭ ئىشىكىنى ئاچقاندا باشقا قاتناش ۋاسىتىسى ۋە پىيادىلەرنىڭ يۈرۈشىگە دەخلى يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
37.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ سۈرەتكە ئېلىش رايونى
B.يول ئېقىمىنى نازارەت قىلىش
C.پۈتۈن لىنىيە بويىچە سۈرەتكە ئېلىش
D.قاتناشنى نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىسى
正确答案:D
38.رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى قانداق سائەت ؟ 本题解析
A.ئامپېرمېتىر( توك ئىقىمنى كۆرسىتىش سائىتى )
B.مانومېتىر ( ماي بېسىمىنى كۆرسىتىش سائىتى )
C.تىرمونومېتىر ( سۇ تىمپىراتۇرسىنى كۆرسىتىش سائىتى )
D.ماي سائىتى
正确答案:C
39.سائەتتە ئاپتوموبىل سۈرئىتىنىڭ سائىتىگە 20 كىلومېتىر ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
40.ئاپتوموبىلنى قايتۇرۇش جەريانىدا، ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، يولنىڭ ئالدى كەينىدىكى ئەھۋاللارنى تەپسىلىي كۆزىتىپ بىخەتەرلىكىگە كۆزى يەتكەندىن كېيىن ئالدىغا يۈرۈشكە ۋە ياندۇرۇشقا بولىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
41.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.سولغا يول ئۆزگەرتىش
B.كىمەيگەن ئاپتوموبىل يولى
C.قوشۇلغان يول ئورنى
D.جىددىي ئەپتوموبىل يولى
正确答案:B
42.توختىماي يامغۇر يىغىۋاتقان كۈنلەردە تاغ يوللىرىدا يول ياقىسى يۇمشاپ كېتىش ۋە توسمىلار گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ ، يۈرۈش جەريانىدا يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈرۈپ، يول ياقىسىدا يۈرمەسلىك لازىم 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
43.سۇ تېشىپ كەتكەن يولنىڭ بىخەتەر يول يۈرۈشكە تەسىر كۆرسىتىپ ، يۈرۈش قىيىن بولۇشتىكى سەۋەب نېمە ؟ 本题解析
A.يوشۇرۇن ئازگال ۋە چوخچىيىپ چىققان يول يۈزىنى كۆرگىلى بولمايدۇ
B.يولنىڭ يېپىشىش كۈچى ئېشىپ كېتىدۇ
C.كۆرۈش دەرىجىسى تۆۋەنلەپ ، كۆرۈش دائىرىسى ئېنىق بولمايدۇ
D.كۈن نۇرى كۆرۈش سىزىقىنى توسۇۋالىدۇ
正确答案:A
44.ئىشىك،كوزۇپ ياخشى يېپىلمىغاندا ئاپتوموبىلنى ئورنىدىن قوزغاشقا بولمايدۇ . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
45.يالغاندىن ياسىۋالغان،ئۆزگەرتىلگەن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ نومۇر تاختىسىنى ئىشلەتكەن بولسا بىر قېتىمدا قانچە نومۇر تۇتۇلىدۇ ؟ 本题解析
A.2نومۇر
B.3نومۇر
C.6نومۇر
D.12نومۇر
正确答案:D
46.رەسىمدىكى ئايلانما يولدا يۈرگەندىكى ئەڭ يۇقىرى سۈرئەت سائىتىگە قانچە كىلومېتىردىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ ؟ 本题解析
A.سائىتىگە 30 كىلومېتىردىن
B.سائىتىگە 40 كىلومېتىردىن
C.سائىتىگە 50 كىلومېتىردىن
D.سائىتىگە 70 كلىومېتىردىن
正确答案:A
47.سائەتلەر تاختىسىدىكى بەلگىنىڭ داۋاملىق يېقىقلىق تۇرىشى نېمىنى بىلدۈرىدۇ ؟ 本题解析
A.ABS سىستېمىسىدا كاشىلا كۆرۈلگەنلىكىنى
B.بىخەتەرلىك يەل خالتىسىنىڭ كاشىلا ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى
C.بىخەتەرلىك يەل خالتىسىنىڭ ئىشلەۋاتقانلىقىنى
D.بىخەتەرلىك تاسمىسىنى باغلىمىغانلىقنى
正确答案:B
48.يالغاندىن ياسىۋالغان،ئۆزگەرتىلگەن يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى ئىشلەتكەن بولسا بىر قېتىمدا قانچە نومۇر تۇتۇلىدۇ ؟ 本题解析
A.12نومۇر
B.6نومۇر
C.3نومۇر
D.2نومۇر
正确答案:A
49.رەسىمدىكى قاتناش بەلگە سىزىقى سىزىلغان يولدىن ئۆتكەندە سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئۆتۈپ كىتىش لازىم . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
50.يول گىرۋىگىكىدىكى سېرىق تۇتاش سىزىق نېمە مەنىنى بىلدۈرىدۇ؟ 本题解析
A.ئادەملەرنىڭ چىقىپ- چۈشۈشىگە يول قويۇلىدىغانلىقىنى
B.يۈك قاچىلاپ-چۈشۈرۈشكە رۇخسەت قىلىندىغانلىقىنى
C.ئاپتوموبىلنى ئۇزاق ۋاقىت توختىتىپ قويۇش مەنئى قىلىندىغانلىقى
D.ئاپتوموبىلنى توختىتىپ قويۇش مەنئى قىلىنىدىغانلىقى
正确答案:D
客服电话(微信同号):181-1187-1573 | 黔ICP备15004437号-1 |
© 2010-2019驾考金点通 版权所有 Powerde by:jkjdt.com