当前题库:ئۇيغۇرچە(维语)货车科目一
语言: 中文汉语 ئۇيغۇرچە(维语) قازاقشا(哈语)
车型: 小车科目一 小车科目四 客车科目一 客车科目四 货车科目一 货车科目四 摩托车科目一 摩托车科目四
1.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.ئىككى يېنى تارايغان يول
B.ئوڭ يېنى تارايغان يول
C.سول يېنى تارايغان يول
D.كەڭلىكى تارايغان يول
正确答案:C
2.رەسىمدە كۆرسىتىلگەن قايسى پىدال ؟ 本题解析
A.ماي پىدالى (تېزلىتىش پىدالى)
B.موفتا(ئايرىغۇچ-قوشقۇچ) پىدالى
C.تومۇز پىدالى
D.قول تورمۇز پىدالى
正确答案:B
3.تۆۋەندىكېلەرنىڭ ئىچىدە قايسى كىنىشكېلەرنى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگەندە بىرگە ئېلىپ يۈرۈش كېرەك ؟ 本题解析
A.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تېزىملىتىش كىنىشكىسى
B.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ سۇغۇرتا تالونى
C.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسى
D.زاۋۇتتىن چىققاندىن كېيىنكى لاياقەتلىك ئىسپاتى
正确答案:C
4.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىشنى تۇنجى قېتىم ئىلتىماس قىلغاندا ۋە ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنغان ئاپتوموبىل تىپىنى كۆپەيتمەكچى بولغاندىن كېيىنكى پىراكتىكا ۋاقىت قانچە ئاي بولىدۇ ؟ 本题解析
A.6ئاي
B.12ئاي
C.3ئاي
D.2يىل
正确答案:B
5.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.تونىلدىن چىقىش ئېغىزى ئارىلىقى
B.تونىلغا كىرىش ئېغىزى ئارىلىقى
C.تونىل ئىچىدە ئاپتوموبىلغا ئەگىشىپ يۈرۈش ئارىلىقى
D.تونىل ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى
正确答案:A
6.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى رەسىمدە كۆرسىتلگەندەك ھەيدەش قىلمىشى قايسى خىل قىلمىشقا كىرىدۇ ؟ 本题解析
A.بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىش
B.قائىدىگە خىلاپ قىلمىش
C.قانۇنغا خىلاپ قىلمىش
D.جىنايەت قىلمىشىغا
正确答案:C
7.سول ياندىكى يولغا كىرىپ يانداۋاتقاندا، نورمال يۈرىۋاتقان ياندالغۇچى ئاپتوموبىلى بىلەن بولغان يان يۆنىلىشلىك بىخەتەر ئارىلىققا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمىسا قانداق قىلىش كېرەك ؟ 本题解析
A.سۈرئەتنى تېزلىتىپ يانداپ ئۆتۈش كېرەك
B.ياندىشىپ بىر بۆلەك ئارىلىق يۈرگەندىن كېيىن قايتا يانداش كېرەك
C.يانداشتىن ۋاز كىچىش كېرەك
D.يانداشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك
正确答案:C
8.كۆرۈش ئارىلىقى 100مېتىرغا يەتمەيدىغان ھاۋارايىغا يولۇققاندا، ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتى قانچە بولىدۇ ؟ 本题解析
A.سائىتىگە 40 كىلومېتردىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ
B.سائىتىگە 60 كىلومېتىردىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ
C.سائىتىگە 80 كىلومېتىردىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ
D.سائىتىگە 90 كىلومېتىردىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ
正确答案:A
9.سائەتلەر تاختىسىدىكى نىڭ يورۇشى نېمىنى بىلدۈردۇ ؟ 本题解析
A.ھاۋانىڭ ئىچىدە ئايلىدىغانلىقىنى
B.كابىنكە ئاستىدىن ۋە ئۇدۇلدىن شامال چىقىدىغانلىقىنى
C.ھاۋانىڭ سىرتىدا ئايلىنىدىغانلىقىنى
D.يان ۋە كابىنكە ئاستىدىن شامال چىقىدىغانلىقىنى
正确答案:B
10.تۆمۈر يول ئېغىزىدىن ئۆتىۋاتقاندا يانداشقا بولمايدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
11.يۈرۈش جەريانىدا، بالىلارغا يولۇققاندا قانداق قىلىش كېرەك ؟ 本题解析
A.سىگنال بېرىپ ئۇلارنى ئالدىرىتىش كېرەك
B.سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئاستا يۈرۈش ،زۆرۈر تىپىلغاندا توختاپ يول بېرىش كېرەك
C.تېزلىكتە يەنە بىر يان يولدىن ئۆتۈپ كېتىش كېرەك
D.سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئايلىنىپ ئۆتۈش كېرەك
正确答案:B
12.قاتناش سىگنالى-قاتناش سىگنال چىرىغى، قاتناش بەلگىسى، قاتناش بەلگە سىزىقلىرى ۋە قاتناش ساقچىسىنىڭ كوماندىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
13.رەسىمدىكى باشلاش كۆرسەتكۈچىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.ئالدى تەرەپتە ئوڭغا بۇرۇلۇشنى كۆرسىتىش
B.سولغا يول ئۆزگەرتىشنى كۆرسىتىش
C.ئالدى تەرەپتە ئۇدۇل يۈرۈشنى كۆرسىتىش
D.ئالدى تەرەپتە سولغا بۇرۇلۇشنى كۆرسىتىش
正确答案:D
14.رەسىمدىكى يولدا يۈرگەندە سىگنالنى چوقۇم ئاز ئىشلىتىش كېرەك . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
15.يولدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ مال-مۈلۈك زىيىنى پەيدا قىلغان بولۇپ، ئۆزلىرى كېڭىشىپ نەق مەيداندىن ئايرىلىشقا تېگىشلىك تۇرۇپمۇ ئايرىلغىلى ئۇنىماي قاتناشنىڭ توسۇلۇشىغا سەۋەبچى بولسا ھەيدىگۈچىگە 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
16.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگەندە نومۇر تاختىسىنى بەلگىلىمە بويىچە ئورنىتىش لازىم . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
17.سائەتتە موتورنىڭ مىنۇتىغا 6000 قېتىم ئايلىنىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
18.ئاپتوموبىل داۋاندا كېتىۋاتقاندا، يول ئەھۋالىنى، داۋان ئۇزۇنلۇقىنى ئالدىن كۆزىتىپ ، دەل ۋاقىتدا خوتنى تۆۋەنلىتىپ، ئاپتوموبىلنىڭ يېتەرلىك ئېنىرگىيەسىنى ساقلاش كېرەك 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
19.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا قويۇق تۇمانغا يولۇقۇپ كۆرۈش سىزىقى توسالغۇغا ئۇچرىغاندا دەرھال ئاپتوموبىلنى جىددىي تورمۇزلاپ توختىتىش كېرەك 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
20.ئاپتوموبىل تۆمۈر يول ئېغىزىدىن ئۆتكەندە تۆۋەن خوتتا بىخەتەر ئۆتۈش ، موتورنىڭ ئوتى ئۆچۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مۇساپە ئارىلىقىدا خوت ئالماشتۇرماسلىق لازىم 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
21.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئاممىۋى تېلېفۇنى
B.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفۇنى
C.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ جىددىي ئەھۋال تېلېفۇنى
D.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ياردەم تەلەپ قىلىش تېلېفۇنى
正确答案:D
22.بىراك قىلىش ئۆلچىمىگە يەتكەن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى چوڭ رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن يولغا ھەيدەپ چىقسا بولدۇ . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
23.يۈرۈش جەريانىدا، سەپ بولۇپ يولدىن ئۆتۈىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا يولۇققاندا قانداق ئۆتۈش كېرەك ؟ 本题解析
A.سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئۇلار بىلەن يول تالىشىپ ئۆتۈش كېرەك
B.توختاپ يول بېرىش كېرەك
C.سۈرئەتنى تۆۋەنلىتىپ ئاستا تۈرۈش كېرەك
D.ئۈزمەي سىگنال بېرىپ يول بېرىشكە مەجبۇرلاش كېرەك
正确答案:B
24.تىرانسپورت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاپتوبۇس تېزىمغا ئالدۇرغان كۈندىن باشلاپ قانچىلىك ۋاقىت ئىچىدە يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتىلىدۇ ؟ 本题解析
A.2يىلدا
B.3يىلدا
C.4يىلدا
D.5يىلدا
正确答案:D
25.رەسىمدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يۈرگەندىكى ئەڭ يۇقىرى سۈرئەت سائىتىگە قانچە كىلومېتىردىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ ؟ 本题解析
A.سائىتىگە 100 كىلومېتىردىن
B.سائىتىگە 110 كىلومېتىردىن
C.سائىتىگە 120 كىلومېتىردىن
D.سائىتىگە 90 كىلومېتىردىن
正确答案:B
26.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.بىر يۆنىلىشتە يۈرۈش
B.ئوڭ ياندىن ئايلىنىپ يۈرۈش
C.خەتەرگە دىققەت قىلىش
D.سول ياندىن ئايلىنىپ يۈرۈش
正确答案:B
27.رەسىمدىكى قاتناش بەلگە سىزىقى سىزىلغان يولدىن ئۆتكەندە سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئۆتۈپ كىتىش لازىم . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
28.قار-مۇزلۇق يولدا بىخەتەر يول يۈرۈشكە كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق ئامىل نېمە ؟ 本题解析
A.ئېلېكتىر ئۈسكىنلىرى ئاسان نەملىشىپ ماسسا بولۇپ قالىدۇ
B.كۆرۈش دەرىجىسى تۆۋەنلەپ، كۆرۈش دائىرىسى ئېنىق بولمايدۇ
C.يۈرۈش قارشىلىقى ئېشىپ كېتىدۇ
D.تورمۇزلىنىشچانلىقى ناچارلىشىپ ،يۆنىلىشتىن چەتنەپ كېتىدۇ
正确答案:D
29.رەسىمدىكىسى قايسى تۈردىكى بەلگە ؟ 本题解析
A.ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى
B.مەنئى قىلىش بەلگىسى
C.كۆرسەتكۈچ بەلگە
D.يول كۆرسىتىش بەلگىسى
正确答案:D
30.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ جىددى ئايلانما يولدىن ئۆتكەندە ئەڭ يۇقىرى سۈرئەت سائىتىگە قانچە كىلومېتىردىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ ؟ 本题解析
A.سائىتىگە 20كىلومېتىردىن
B.سائىتىگە 30 كىلومېتىرىدن
C.سائىتىگە 40 كىلومېتىردىن
D.سائىتىگە 50 كىلومېتىردىن
正确答案:B
31.قاتناش ساقچىسى باشقا ئاپتوموبىلنىڭ سۇغۇرتا بەلگىسىنى ئىشلەتكەن گۇمانلىق ھەيدىگۈچىنىڭ ئاپتوموبىلىنى تۇتۇپ قالىدۇ . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
32.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا قاتناشنى تارقاقلاشتۇرۇپ باشقۇرۇۋاتقان ئەھۋالغا يولۇققاندا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن چىقىپ كەتمەي،يولنىڭ چېتىدە توختاپ باشقۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن داۋاملىق يۈرۈش لازىم 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
33.ھەيدىگۈچى قاتناش-تىرانسپورت باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىگە خلاپلىق قىلىپ پەۋقۇلئادە زور قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلسا ھەم ئومومنىڭ ۋە شەخسىنىڭ مال مۈلىكىنى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچراتقان بولسا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ ياكى تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
34.چىراغلار ۋىكليۇچاتېلىنى بۇراپ رەسىمدىكى ئورۇنغا توغرىلىغاندا ئاپتوموبىلدىكى بارلىق چىراغلار يورۇيدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
35.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىنىڭ دەسلەپتە ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئالغاندىن كېيىنكى پىراكتىكا مۇددىتى قانچە ئاي بولىدۇ ؟ 本题解析
A.6ئاي
B.12ئاي
C.16ئاي
D.18ئاي
正确答案:B
36.ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇس بېكىتىدە توختىغان ئاپتوبۇسقا يېقىنلاپ كەلگەندە، ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسى قوزغىلىپ ماڭسا ياكى ئاپتوبۇسنىڭ ئالدى تەرىپىدىن پىيادىلەر چىقىپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك ؟ 本题解析
A.سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئاپتوبۇس بىلەن يېتەرلىك ئارىلىق ساقلاپ دەرھال توختاش تەييارلىقىدا تۇرۇش كېرەك
B.نورمال سۈرئەتتە يۈرۈش كېرەك
C.جىددىي تورمۇز قىلىش تەييارلىقىدا تۇرۇش كېرەك
D.سىگنال بېرىپ ئەسكەرتىپ،سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئۆتۈپ كېتىش كېرەك
正确答案:A
37.سائەتلەر تاختىسىدىكى نىڭ يورۇشى نېمىنى بىلدۈردۇ ؟ 本题解析
A.ھاۋانىڭ ئىچكى قىسىمدا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى
B.ھاۋانىڭ سىرتقى قىسىمدا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى
C.ئۇدۇلدىن شامال ئۇرۇلىۋاتقانلىقىنى
D.كابىنكە ئالدى ئەينىكىدىكى قىرونى تازىلاشنى
正确答案:B
38.جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرىش تارمىقى نومۇر خاتىرىلەش بىر دەۋرى ئىچىدە تۇتۇلغان نومۇرى بەلگىلەنگەن نومۇر چېكىگە يەتكەن ھەيدىگۈچىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ ؟ 本题解析
A.قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ
B.15كۈندىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ
C.ئۆمۈر بويى ھەيدەش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ
D.قانۇن-نىزام تەربىيەسى ئېلىپ بېرىپ قايتىدىن ئىمتىھان ئېلىنىدۇ .
正确答案:D
39.يول ئېغىزىدا ئالدىن يۈرۈش ھوقوقىغا ئىگە قاتناش ۋاسىتىسى باشقا ئاپتوموبىلنىڭ يول تالىشىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە قانداق قىلىش كېرەك ؟ 本题解析
A.يول تالىشىپ ئۆتۈپ كېتىش كېرەك
B.سۈرئەتنى ئالدىن تېزلىتىپ يۈرۈش كېرەك
C.ئالدىن يۈرۈش ھوقوقىغا ئىگە ئاپتوموبىللار بەلگىلىمە بويىچە يۈرگەندە يول بېرىشكە بولمايدۇ
D.سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يول بېرىش ، زۆرۈر تىپىلغاندا توختاپ يول بېرىش
正确答案:D
40.ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ رەسىمدىكى ئورۇنغا كەلگەندە، ئالدى چاق توختاش سىزىقىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسا داۋاملىق يۈرۈشكە بولىدۇ . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
41.ھەيدىگۈچىنىڭ كېچىدە نەرسىلەرنى كۆزىتىش ئىقتىدارى كۈندۈزگە قارىغاندا ناچار بولۇپ، كۆرۈش ئارىلىقى قىسقىراپ كېتىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
42.تىرانسپورت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاپتوبۇس تېزىمغا ئالدۇرغان كۈندىن باشلاپ ئىشلەتكەن ۋاقىت 5 يىلدىن ئېشىپ كەتسە، قانچىلىك ۋاقىت ئىچىدە بىر قېتىم تەكشۈرتىلىدۇ ؟ 本题解析
A.6ئايدا
B.1يىلدا
C.2يىلدا
D.3يىلدا
正确答案:A
43.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.دۆلەت يولى نومۇرى
B.ئۆلكە يولى نومۇرى
C.ناھىيە يولى نومۇرى
D.يېزا يولى نومۇرى
正确答案:A
44.رەسىمدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ 本题解析
A.ئىككى يېنى تارايغان يول
B.ئوڭ يېنى تارايغان يول
C.سول يېنى تارايغان يول
D.كەڭلىكى تارايغان يول
正确答案:B
45.داۋانغا تېخى ياماشمىغان ئاپتوموبىل رەسىمدىكىدەك ئەھۋالدا داۋاندىن چۈشىۋاتقان ئاپتوموبىلغا يول بېرىشى كېرەك . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
46.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ قاتناش سىگنالى بىلەن كونترول قىلىنمايدىغان يول ئېغىزىدىن ئۆتكەندە قانداق يۈرۈش كېرەك ؟ 本题解析
A.سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يۈرۈش
B.سۈرئەتنى تېزلىتىپ يۈرۈش
C.چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللار ئاۋۋال يۈرۈش
D.سول تەرەپتىكى ئاپتوموبىللار ئاۋۋال يۈرۈش
正确答案:A
47.ھەيدىگۈچىنىڭ كىنىشكىسى يىتىپ كېتىپ 3 ئاي ئىچىدە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىسە بولىدۇ . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
48.رەسىمدىكى يولدا قايتۇرۇشقا بولمايدۇ . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
49.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدىكى سىگنال چىرىغىغا يولۇققاندا، ئەگەر توختاش سىزىقىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسا داۋاملىق يۈرۈشكە بولىدۇ . 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
50.پاتقاق يولدا يۈرگەندە چاق ئاسانلا يېنىچە تېيىلىپ ئاپتوموبىلنىڭ كەينى داۋالغۇپ قاتناش ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
客服电话(微信同号):181-1187-1573 | 黔ICP备15004437号-1 |
© 2010-2019驾考金点通 版权所有 Powerde by:jkjdt.com