题库语言:ئۇيغۇرچە(维语)
语言选择: 中文汉语 ئۇيغۇرچە(维语) قازاقشا(哈语)
车型: 小车科目一 小车科目四 客车科目一 客车科目四 货车科目一 货车科目四 摩托车科目一 摩托车科目四
رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ ياندىكى بۇ بەلگە ئالدى تەرەپتىكى 200مېتىر ئارىلىقتا يېزا بارلىقىنى ئەسكەرتىش بەلگىسى
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
1.ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ( ) شۇ مەمۇرىي رايون دائىرىسىدىكى يول قاتناش ئەھۋالىغا ئاساسەن،شەھەر رايونىغا كېرىدىغان قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئومۇمى مىقدارىغا ياكى ۋاقتىغا قارىتا چەك قويىدۇ.
2.پىيادىلەرنىڭ پىيادىلەر توغرى يولىنى كېسىپ ئۆتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە،دەرھال توختاش بىلەن بىرگە ئۈزمەي سىگنال بېرىپ پىيادىلەرنى تىزراق مىڭىشقا دەۋەت قىلىش لازىم.
3.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ تاغ يوللىرىدا رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئەھۋالغا يولۇققاندا، سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئالدىدىكى ئاپتوموبىلنى يانداپ ئۆتۈپ كېتىش لازىم.
4.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ تاغ يوللىرىدىكى ئايلانما يوللاردىن ئۆتكەندە، ئالدى بىلەن «سۈرئەتنى ئاستىلىتىش، سىگنال بېرىش، ئوڭ تەرەپ بىلەن يۈرۈش» لازىم.
5.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدىكىدەك يول ئېغىزىدا ئوڭغا يول ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ
6.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەكدەك سىگنال چىرىغى ئۇدا لىپىلداۋاتقان ئەھۋالغا يولۇققاندا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى قانداق يۈرۈشى كېرەك؟
7.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ تاغقا يانداشقان خەتەرلىك يول بۆلەكلىرىدىن ئۆتۈۋاتقاندا ئوڭ تەرەپ بىلەن يۈرۈش لازىم.
8.ئالدىدىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ توختاپ رەت بويىچە ئاستا يۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، قايسىلار قاتناشتىكى يامان ئادەتكە كىرىدۇ؟
9.جىددىي ئەھۋالدا يارىدارلارنى جىددىي قۇتقۇزغاندا ئالدى بىلەن بېسىپ تۇرۇپ قاننى توختىتىش، ئاندىن قان چىقىش ئەھۋالىغا قاراپ باشقا قان توختىتىش ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ.
10.ئاپتوموبىل كاشىلا سەۋەبىدىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن ئايرىلغىلى بولمىسا، ھەيدىگۈچى ۋە يولۇچىلار ئاپتوموبىلدا ئولتۇرۇپ قۇتقۇزۇشنى كۈتۈپ تۇرۇشى لازىم.
1.پىراكتىكا مەزگىلىدە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگەندە،ئاپتوموبىلنىڭ ئارقىغا پىراكتىكانت ھەيدىگۈچى دىگەن بەلگىنى چاپلاپ قويۇش ياكى ئېسىپ قويۇش لازىم.
2.ھۇشىدىن كەتكەن يارىدارنى يۆتكىگەندە ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇش كېرەك.
3.ئاپتوموبىلنى ھەيدەش جەرياندا ئۇلاق ھارۋىلىرىغا يولۇققاندا سىگنال بېرىپ ئۇلارنى يول بېرىشكە ئاگاھلاندۇرۇش كېرەك.
4.يۈرۈش جەريانىدا رول تۇيۇقسىز ئىشلىمىسە،ھەرگىزمۇ جىددىي تورموز قىلىشقا بولمايدۇ.بۇ چاغدا ھەيدىگۈچى ئاپتوموبىلدىكى يولۇچىلارغا جىددىلەشمەسلىك،تېزدىن( ) توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش كېرەك.
5.بىخەتەرلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش،ھۇشيار سەگەك بولۇشتەك بىخەتەرلىك ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ،قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش كېرەك.
6.موتورغا ئوت كەتكەندە، ھەيدىگۈچىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈشتىكى خاتا ئۇسۇلى قايسى؟
7.ناچار ھاۋا كىلىماتىدا ھەيدىگۈچىنىڭ بىخەتەر ھەيدىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق ئامىل:يامغۇرلۇق كۈنلەردە سۇ يىغىلىپ قالىدۇ،تۇمانلىق كۈنلەردە كۆرۈش دەرىجىسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ،قىش پەسلىدە يولنى مۇز قاپلاپ تىيىلغاق بولۇپ كېتىدۇ.
8.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئەھۋالغا يولۇققاندا قانداق قىلىش كېرەك؟
9.يولدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ تالاپەت ھادىسىسى كۆرۈلمىگەن، ئالاقىدارلار پاكىت ۋە ھادىسە سەۋەبى ئۈستىدە تالاش – تارتىش بولمىغان بولسا، دەرھال نەق مەيداندىن( )، قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، زىياننى تۆلەشنى ئۆزلىرى كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ؛ نەق مەيداندىن دەرھال ئايرىلىپ كېتەلمەيدىغانلار ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىسىغا ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى كېرەك.
10.قىزىل چىراغ يانغاندا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. موتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى ۋە پىيادىلەرنىڭ قاتنىشىغا بولىدۇ.
客服电话(微信同号):181-1187-1573 | 黔ICP备15004437号-1 |
© 2010-2019驾考金点通 版权所有 Powerde by:jkjdt.com