当前题库:ئۇيغۇرچە(维语)货车科目四
语言: 中文汉语 ئۇيغۇرچە(维语) قازاقشا(哈语)
车型: 小车科目一 小车科目四 客车科目一 客车科目四 货车科目一 货车科目四 摩托车科目一 摩托车科目四
1.كېچىدە ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە سۈرئەتنى كونتىرول قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ،ئاپتوموبىلغا ئەگىشىپ مېڭىش ئارىلىقىنى چوڭ قالدۇرۇپ،چىراغنى توغرا ئىشلىتىپ،يولنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىۋاتقان پىيادىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
2.لىن××ئاپتوموبىلنى سائىتىگە110كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن شەھەر ئىچىدە ھەيدەپ ، ئالدىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ ئارقىسىغا سوقۇۋېتىپ ئاپتوموبىلىنى تاشلاپ قېچىپ كېتىۋاتقاندا، كوچىدىكى ئامما تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنغان.تەكشۈرۈش ئارقىلىق لىن×× ھادىسە سادىر قىلغاندا ئۇنىڭ قان تەركىبىدىكى ئىسىپىرتنىڭ قويۇقلۇقى 135.8مىللى گىرام/يۈز مىللى لىتىر ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. لىن××نىڭ بۇ ۋەقەدىكى قانۇنغا خىلاپ ئاساسلىق قىلمىشى قايسى؟ 本题解析
A.ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش
B.ئاپتوموبىلنى زىيادە تېز سۈرئەتتە ھەيدەش
C.ئاپتوموبىلنى زىيادە چارچاپ ھەيدەش
D.ھادىسە سادىر قىلغاندىن كېيىن قېچىپ كېتىش
正确答案:ABD
3.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش كېنىشكىسىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى( )يىل بولىدۇ . 本题解析
A. 4.0
B.5.0
C.6.0
D.7.0
正确答案:C
4.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك سول تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپتىكى يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدە يۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
5.قار-مۇزلۇق يوللاردا ئاپتوموبىلغا ئەگىشىپ قانداق يۈرۈش كېرەك؟ 本题解析
A.چوڭراق بىخەتەر ئارىلىق قالدۇرۇپ يۈرۈش كېرەك
B.خەتەرگە دىققەت قىلىش سىگنال چىرىغىنى يېقىپ يۈرۈش كېرەك
C.يىراقنى يوروتۇش چىرىغىنى ئالماشتۇرۇپ يېقىپ يۈرۈش كېرەك
D.پات-پات سىگنال بېرىپ ئالدىدىكى ئاپتوموبىلنى ئەسكەرتىش كېرەك
正确答案:A
6.قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەۋاتقاندا باشقىلار بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟ 本题解析
A.ئالدىراقسانلىق قىلماي،كەيپىيات تۇراقلاقلاشقاندىن كېيىن ھەيدەش كېرەك
B.قارشى تەرەپ بىلەن تالاش-تارتىش قىلىپ،كەيپىيات تۇراقلاشمايلا يولغا چىقىش
C.قېيداپ ئاپتوموبىل ھەيدەش
D.ئاپتوموبىلنى زىيادە تېز ھەيدەپ ئاچچىقىنى چىقىرىش
正确答案:A
7.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئالدى تەرەپ يول ئېغىزىدىكى ئاپتوموبىلنى توختىتىپ يول بېرىش سىزىقى سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ غۇل يولدىكى ئاپتوموبىلغا يول بېرىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
8.كۆيگەن يارىدار ئۇسساپ كەتسە، قايناق سۇ ئىچسىلا بولىدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
9.قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتقان كۈنلەردە ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە «سۇدا تېيىلىش» ھادىسىسى يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يۈرۈش لازىم. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
10.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئاپتوموبىل يول يۈزىدىكى يۆنىلىش كۆرسىتىدىغان ئىسترېلكا ئالدى تەرەپتىكى يولدا ئوڭغا ۋە سولغا بۇرۇلۇشقىلا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
11.يول يۈرۈش جەريانىدا ھەيدىگۈچىنىڭ تۈكۈرگىسى كەلسە( )كېرەك. 本题解析
A.دەرىزىدىن سىرتقا قاراپ تۈكۈرسە بولىدۇ
B.يانچۇقىدىكى قەغەزگە تۈكۈرۈپ،ئاپتوموبىل توختىغاندىن كېيىن ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋىتىش
C.ئاپتوموبىل ئىچىگە تۈكۈرىش
D.ئاپتوموبىلنى يول چېتىگە ھەيدەپ،دەرىزىدىن سىرتقا تۈكۈرىش
正确答案:B
12.بورانلىق كۈنلەردە يۈرگەندە ئەگەر بوران شىددەت بىلەن ئۇرۇلۇپ ئاپتوموبىل گەۋدىسى توغرىسىغا قىيسايسا، دەرھال رولنى تېز ئايلاندۇرۇپ يۈرۈش يۆنىلىشنى ئەسلىيگە كەلتۈرۈش لازىم. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
13.رەسىمدىكى بەلگە ئالدى تەرەپتە كۆپ رېلىسلىق تۆمۈر يول بىلەن تاشيول كېسىشكەن يول ئېغىزى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
14.يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى يولغا قويۇش چارىسىنىڭ 48-ماددىسىنىڭ 5-تارمىقىدا:كېچىدە ئۇچراشقاندا قارشى تەرەپتىن كىلىۋاتقان قاتناش ۋاسىتىسى بىلەن( )مېتىر ئارىلىقتا يېقىننى يورۇتۇش چىرىغىنى ياندۇرۇش كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن. 本题解析
A.50مېتىر
B.100مېتىر
C.150مېتىر
D.200مېتىر
正确答案:C
15.مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا رەسىمدىكىدەك ئەھۋالغا يولۇققاندا ھەر ۋاقىت توختاش تەييارلىقىدا تۇرۇش كېرەك 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
16.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك يول يۈزىدىكى ئاق تۇتاش سىزىق ئاپتوموبىل يولىنىڭ يول باشلاش يۆنىلىش ئورنىنى كۆرسىتىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
17.ئاپتوموبىلنى چارچاپ ھەيدەش نۆۋەتتىكى قاتناش ھادىسنىڭ كۆپ يۈز بىرىشىدىكى سەۋەپلەرنىڭ بىرىدۇر.شۇڭا موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدىگۈچىلەرگە بولغان قاتناش بىخەتەرلىك تەربىيىسىنى كۈچايتىپ،پىسخىكىلىق ،فىزىلوگىيەلىك جەھەتتە ئەستايىدىل مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ،چارچاپ ھەيدەشنى يوقۇتۇش تەدبىرىنى قوللانغاندىلا قاتناش ھادىسىنىڭ يۈز بىرىشىنى كىمەيتكىلى بولىدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
18.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپتە تىك داۋاندىن چۈشىدىغان يول بۆلىكى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
19.قاتناش ۋاسىتىسى يۈرۈش جەريانىدا يول ئۆزگەرتىشكە،يانداشقا،قايتۇرۇشقا توغرا كەلگەندە بۇرۇلۇش چىرىغىنى3-5سىكونت ياندۇرۇپ،ئارقىدىكى ئاپتوموبىللارغا ۋە قارشى تەرەپتىىن كىلىۋاتقان قاتناش ۋاسىتىسىگە سىگنال بېرىپ بەلگە بېرىش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
20.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك مىيىپلار ۋېلىسىپىتىنى ئىتتىرىپ كېتىۋاتقانلارغا يولۇققاندا قانداق يۈرۈش كېرەك؟ 本题解析
A.پىيادىنىڭ ئالدى تەرىپىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈش كېرەك
B.پىيادىنىڭ ئارقا تەرىپىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈش كېرەك
C.ئۈزمەي سىگنال بېرىپ ئاگاھلاندۇرۇش كېرەك
D.ئاپتوموبىلنى ئۆزلىگىدىن توختىتىپ ئەدەپ بىلەن يول بېرىش كېرەك
正确答案:D
21.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدىكىدەك يول بۆلىكىدىن ئۆتكەندە مەركىزىيي تۇتاش سىزىقتىن ھالقىپ ئۆتۈپ يانداشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
22.قاتتىق بوران چىقىۋاتقان،قار-يامغۇر يېغىۋاتقان،تۇمانلىق كۈنلەردە ياكى مۇزلۇق يولدا كېتىۋاتقاندا سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يۈرۈش ھەمدە بىخەتەرلىك ئارىلىقىنى چوڭايتىپ، قاتناشنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە راۋانلىقىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلغان ئەھۋالدا يۈرۈش لازىم. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
23.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئەھۋالغا يولۇققاندا كوچا ئاپتوبوسى بېكىتىدە ۋاقىتلىق توختاشقا بولىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
24.سۇ تېشىپ كەتكەن يولدا سۇنىڭ ئاستىدىكى ئازگال ۋە يولنىڭ ئىگىز-پەسلىكىنى كۆرگىلى بولمىغاچقا،بىخەتەر يول يۈرۈشكە تەسىر كۆرسىتىدۇ،بۇنداق چاغدا ئاسانلىقچە يۈرۈشكە بولمايدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
25.ھەرىكەتلىك رەسىم 5دە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشتىن قانچە خىلى بار؟ 本题解析
A.قانۇنغا خىلاپ قىلمىشتىن بىر خىلى بار
B.قانۇنغا خىلاپ قىلمىشتىن ئىككى خىلى بار
C.قانۇنغا خىلاپ قىلمىشتىن ئۈچ خىلى بار
D.قانۇنغا خىلاپ قىلمىشتىن تۆت خىلى بار
正确答案:C
客服电话(微信同号):181-1187-1573 | 黔ICP备15004437号-1 |
© 2010-2019驾考金点通 版权所有 Powerde by:jkjdt.com