题库语言:ئۇيغۇرچە(维语)
语言选择: 中文汉语 ئۇيغۇرچە(维语) قازاقشا(哈语)
车型: 小车科目一 小车科目四 客车科目一 客车科目四 货车科目一 货车科目四 摩托车科目一 摩托车科目四
لىيۇ ئەپەندى ھەيدىگەن باۋلەي ماركىلىق پىكاپ بىلەن ۋاڭ خانىم ھەيدىگەن ئاۋتو ماركىلىق پىكاپ يېنىك دەرىجىدە سۈركۈلۈپ زەخمىلەنگەن.ئۇلار ھادىسە توغرىسىدا ھىچ قانداق تالاش تارتىش قىلماي،زىيان-زەخمەتنى بىر تەرەپ قىلش توغرىسىدا ئۆزلىرى كىلىشىپ ھەل قىلغان.بۇلارنىڭ بۇنداق قىلغىنى توغرىمۇ؟
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
1.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدىكىدەك ئەھۋالغا يولۇققاندا سول تەرەپتىكى يولنى ئىگىلەپ يۈرۈش كېرەك
2.مەلۇم بىر كۈنى سائەت 13 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە لو×× ئوتتۇرا تىپلىق بىر ئاپتوبۇسنى ھەيدەپ يوقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ 0 كىلومېتىرلىق بۆلىكىدىن يولغا چىققان.چۈشتىن كېيىن سائەت 14دىن 10 ئۆتكەندە يوقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ 125 كىلومېتىرلىق بۆلىكىنىڭ 200 مېتىر كېلىدىغان يېرىگە كەلگەندە ئالدىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ ئارقىغا سوقۇۋېتىپ ئاپتوموبىلنى يولنىڭ غەربىي جەنۇبى يان باغرىدىن قىستاپ چىقىرىۋېتىپ 11 ئادەمنىڭ نەخ مەيداندا ئۆلۈشى،2 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىدەك پەۋقۇلئادە زور قاتناش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. لۇ××نىڭ بۇ ۋەقەدىكى قانۇنغا خىلاپ ئاساسلىق قىلمىشى قايسى؟
3.قاتتىق بوراندا يۈرگەندە شامال تېزلىكى ۋە شامال يۆنىلىشى دائىم دېگۈدەك ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بولغاچقا رول تۇيۇقسىز تارتىلغاندەك بولسا ھەيدىگۈچى قانداق قىلىشى كېرەك؟
4.چاقنىڭ يەل بېسىمى بەك تۆۋەن بولسا يۇقىرى سۈرئەتتە يۈرۈۋاتقاندا قانداق ئاقىۋەت يۈز بېرىشى مۇمكىن؟
5.قاتناش ساقچىسىنىڭ رەسىمدىكىدەك قول ئىشارىتىنى كۈرگەندە قانداق يۈرۈش كېرەك؟
6.موتورغا ئوت كەتكەندە، ھەيدىگۈچىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈشتىكى خاتا ئۇسۇلى قايسى؟
7.پىيادىلەر، پىيادىلەر يولىدا مېڭىشى كېرەك. پىيادىلەر يولى بولمىسا ( ) مېڭىشى كېرەك.
8.موتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئايلانما يولدىن ئۆتۈۋاتقاندا ئاپتوموبىلنى قانداق ھەيدىسە ئاسان ھادىسە پەيدا قىلىدۇ؟
9.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ سولغا يول ئۆزگەرتكەندە رەسىمدىكىدەك ئەھۋالغا يولۇققاندا، يول بېرىشكە دىققەت قىلىش كېرەك
10.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يۈرگەندە، ئېھتىياتسىزلىقتىن چىقىش ئېغىزىدىن ئۆتۈپ كېتىپ قالسا يول ياقىسىدا ئاپتوموبىلنى كەينىگە ياندۇرۇپ، چىقىش ئېغىزىغا قايتۇرۇپ كېلىشكە بولىدۇ.
1.لى ×× 21 ئادەم ئولتۇرغان چوڭ تىپتىكى ئاپتوبۇسنى(بەلگىلەنگەن ئادەم سانى 35) كېتىۋاتقاندا تورمۇز سىستېمىسىدا نورمالسىز ئەھۋاللارنىڭ بارلىقىنى بايقاپ تۇرۇپمۇ ئۇنى بىر تەرەپ قىلمىغان.نەتىجىدە شۇاڭداۋ خەيۋەن چوڭ كۆۋرۈكىدە سائىتىگە 50 كىلومېتىرلىق سۈرئەتتە(بۇ يول بۆلىكىدە چەكلەنگەن سۈرئەت چېكى 40 كىلومېتىر) يۈرۈۋاتقاندا تورمۇز ئىشلىمەي ئاپتوبۇس دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىپ 13ئادەمنىڭ ئۆلۈشى،8 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىدەك پەۋقۇلئادە زور قاتناش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. لى ××نىڭ بۇ ۋەقەدىكى قانۇنغا خىلاپ ئاساسلىق قىلمىشى قايسى؟
2.ئارقا چاق ئېتىلىپ كەتكەندە ھەيدىگۈچى ھودۇقۇپ كەتمەي ( )،كۈچىنىڭ بارىچە ئاپتوموبىلنىڭ ئۇدۇل يۈرۈشىنى كونتىرول قىلىپ،سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ توختىتىش كېرەك.
3.كېچىدە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئەھۋالغا يولۇققاندا قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
4.رەسىمدىكى قاتناش ساقچىسىنىڭ قول ئىشارىتى سولغا بۇرۇلۇشنى بىلدۈرىدۇ
5.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىكى ئاق ئۈزۈك سىزىق بەلگىسى يول يۈرگەندە ئاپتۇموبىل سۈرئىتىگە ھۆكۈم قىلىشتا پايدىلنىش ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەيدۇ
6.يارىدارنى قۇتقۇزغاندا داكا بولمىسا، تۆۋەندىكى قۇتقۇزۇشتا كۆرۈلگەن خاتالىق قايسى؟
7.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا كاشىلا كۆرۈلۈپ ياكى قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ يۈرەلمەي قالغاندا، ئوخشاش يۆنىلىشتە كېتىۋاتقان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە سۆرىتىپ يۈرۈشكە بولىدۇ.
8.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئالدى تەرەپتىكى بەلگە ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسىدىن باشقا قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ يولغا كىرىپ يۈرۈشىگە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ
9.ئالدى تەرەپتىكى يول ئېغىزىدىن ئۇدۇل ئۆتمەكچى بولسا قانداق يۈرۈش كېرەك؟
10.يوقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا توسالغۇ ياكى ھادىسە يۈز بېرىش تۈپەيلىدىن ئاپتوموبىلنى توختىتىشقا توغرى كەلگەندىن باشقا ۋاقىتلاردا ئاپتوموبىلنى توختىتىپ ئادەملەرنىڭ چىقىپ-چۈشۈشىگە ياكى يۈك قاچىلاپ-چۈشۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
客服电话(微信同号):181-1187-1573 | 黔ICP备15004437号-1 |
© 2010-2019驾考金点通 版权所有 Powerde by:jkjdt.com