当前题库:ئۇيغۇرچە(维语)客车科目四
语言: 中文汉语 ئۇيغۇرچە(维语) قازاقشا(哈语)
车型: 小车科目一 小车科目四 客车科目一 客车科目四 货车科目一 货车科目四 摩托车科目一 摩托车科目四
1.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە يوقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىكى جىددىي تېلېفۇن بېرىش ئۇرنىنى كۆرسىتىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
2.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ مەكتەپ ئالدىدىن ئۆتۈۋاتقاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ 本题解析
A.قاتناش بەلگىسى، قاتناش بەلگە سىزىقلىرىنى ئوبدان كۆزىتىش كېرەك
B.سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئاستا يۈرۈش كېرەك
C.سىگنال بەرمەسلىك كېرەك
D.تېزدىن ئۆتۈپ كېتىش كېرەك
正确答案:ABC
3.قاتتىق بوراندا يۈرگەندە شامال تېزلىكى ۋە شامال يۆنىلىشى دائىم دېگۈدەك ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بولغاچقا رول تۇيۇقسىز تارتىلغاندەك بولسا ھەيدىگۈچى قانداق قىلىشى كېرەك؟ 本题解析
A.رولنى شامالنىڭ ئەكسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك
B.رولنى شامالنىڭ ئوڭ يۆنىلىشىگە قاراپ ئايلاندۇرۇش كېرەك
C.جىددىي تورمۇز قىلىش كېرەك
D.رولنى ئىككى قول بىلەن چىڭ تۇتۇش كېرەك
正确答案:D
4.پۈتۈن بەدىنى كۆيۈپ كەتكەن يارىدارلارنى قۇتقۇزغاندا بەدەنگە سوغۇق سۇ چېچىپ ئۆچۈرۈشكە بولىدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
5.كېچىدە ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن ئىككى ئاپتوموبىلنىڭ ئۆزئارا 150 مېتىر يىراقلىقتا يىراق-يېقىننى يورۇتۇش چىراغلىرىنى ئالماشتۇرۇپ يېقىپ بەلگە بېرىشىدىكى مەقسەت نېمە؟ 本题解析
A.ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن ئىككى ئاپتوموبىل بىر-بىرىنى ئۆزئارا ئەسكەرتىش
B.ھەيدەش مەشغۇلاتىدىكى بىر خىل ئادەت
C.ئىككى تەرەپنىڭ ئالدى تەرەپنى كۆزىتىشكە قولايلىق يارىتىش
D.ھەيدىگۈچىلەر ئارىسىدىكى بىر خىل ئەدەپ-قائىدە
正确答案:C
6.ئۇچراشقاندا رەسىمدىكىدەك ئەھۋالغا يولۇققاندا تۆۋەن سۈرئەتتە ئۇچرىشىش ياكى توختاپ يول بېرىش كېرەك 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
7.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك يول يۈزىدىكى بەلگە بۇ بۈلەك يولدىكى چەكلەنگەن ئەڭ تۈۋەن سۈرئەتنىڭ سائىتىگە 60 كىلومېتىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
8.ھۇشىدىن كەتكەن يارىدارنى يۆتكىگەندە ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
9.رەسىمدىكى بەلگە ئالدى تەرەپتە كۆپ رېلىسلىق تۆمۈر يول بىلەن تاشيول كېسىشكەن يول ئېغىزى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
10.ئاپتوموبىل يېنىچە تېيىلىپ كەتكەندە يۆنىلىشنى قانداق توغرىلاش كېرەك؟ 本题解析
A.ئالدى چاق يېنىچە تېيىلسا رولنى تېيىلغان تەرەپكە ئايلاندۇرۇش
B.ئالدى چاق يېنىچە تېيىلسا رولنى تېيىلغان تەرەپنىڭ ئەكسىگە ئايلاندۇرۇش
C.ئارقا چاق يېنىچە تېيىلسا رولنى تېيىلغان تەرەپكە ئايلاندۇرۇش
D.ئارقا چاق يېنىچە تېيىلسا رولنى تېيىلغان تەرەپنىڭ ئەكسىگە ئايلاندۇرۇش
正确答案:BC
11.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى توختاتقاندىكى خاتا ئۇسۇل قايسى؟ 本题解析
A.بەلگىلەنگەن ئورۇندا توختىتىش
B.پىيادىلەر توغرا يولىدا توختىتىش مەنئې قىلىنىدۇ
C.ئاپتوموبىلنى يول ياقىسىدا ۋاقىتلىق توختاتقاندا،باشقا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ۋە پىيادىلەرنىڭ يول يۈرۈشىگە دەخلى قىلىشقا بولمايدۇ
D.موتورسىز قاتناش ۋاستىلىرى يولىدا توختىتىشقا بولىدۇ
正确答案:D
12.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئالدى تەرەپتىكى بەلگە كېسىشكەن يول ئېغىزىغا بارىدىغان جاينىڭ يۆنىلىشىنى ئالدىن مەلۇم قىلىش ئۇچۇرىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
13.ھەيدىگۈچى يۈرۈش جەريانىدا سۇ يىغىلىپ قالغان يولدىن ئۆتكەندە، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ 本题解析
A.سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك
B.سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئۆتۈپ كېتىش كېرەك
C.نورمالنى سۈرئەتتە ئۆتۈش كېرەك
D.تۆۋەن خوتتا سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئۆتۈش كېرەك
正确答案:A
14.تۆمۈر يول ئېغىزىدا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەكدەك سىگنال چىرىغىغا يولۇققاندا قانداق يۈرۈش كېرەك؟ 本题解析
A.بىر تەرەپتىن كۆزىتىپ،بىر تەرەپتىن ئاستا ئۆتۈش كېرەك
B.خوتنى ئۆزگەرتمەيلا تېز سۈرئەتتە ئۆتۈپ كېتىش كېرەك
C.پويىز يىتىپ كىلىشنىڭ ئالدىدىلا ئۆتۈپ كېتىش كېرەك
D.توختاش سىزىقىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ كەتمەسلىك كېرەك
正确答案:D
15.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئالدىدىكى يول ئېغىزىدا قانداق قايتۇرۇش كېرەك؟ 本题解析
A.سولغا بۇرۇلۇشنى كۆتۈش رايونىدا قايتۇرۇش كېرەك
B.يول ئېغىزىدىكى ئۈزۈك سىزىق ئورنىدا قايتۇرۇش كېرەك
C.سولغا بۇرۇلۇش چىرىغى يانغاندا قايتۇرۇش كېرەك
D.ئۇدۇل يۈرۈش سىگنال چىرىغى يانغاندا قايتۇرۇش كېرەك
正确答案:B
16.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ تاغ يوللىرىدىكى ئايلانما يوللاردىن ئۆتكەندە، ئالدى بىلەن «سۈرئەتنى ئاستىلىتىش، سىگنال بېرىش، ئوڭ تەرەپ بىلەن يۈرۈش» لازىم. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
17.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك يول يۈزىدىكى ئاق رەڭلىك نۇر قايتۇرۇدىغان ئۈزۈك سىزىق ئالدى تەرەپتىكى يول بۈلىكىدە سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئاستا يۈرۈشنى ئاگاھلاندۇرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
18.ئۇزۇن داۋاندىن چۈشۈۋاتقاندا ئاپتوموبىل سۈرئىتىنى كونترول قىلىشتىكى ئەڭ بىخەتەر ئۇسۇل قايسى؟ 本题解析
A.بوش خوتتا سىيرىلدۈرۈپ چۈشۈش
B.موفتا(ئايرىغۇچ-قوشقۇچ) پىدالىنى دەسسەپ سىيرىلدۈرۈپ چۈشۈش
C.موتورنىڭ تورمۇزلاش رولىدىن پايدىلىنىش
D.تورمۇز پىدالىنى ئۈزمەي دەسسەش
正确答案:C
19.ئۇچرىشىش جەريانىدا يولنىڭ بىر يېنىدا توسالغۇ بولسا،ئىككى تەرەپ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قانداق يول يۈرۈشى كېرەك؟ 本题解析
A.توسالغۇ يوق تەرەپتىكى ئاپتوموبىل قارشى تەرەپنىڭ ئاۋۋال يۈرۈشىگە يول بېرىشى كېرەك
B.سۈرئىتى ئاستا ئاپتوموبىل سۈرئىتى تېز ئاپتوموبىلغا يول بېرىشى كېرەك
C.توسالغۇ بار تەرەپتىكى ئاپتوموبىل قارشى تەرەپنىڭ ئاۋۋال يۈرۈشىگە يول بېرىشى كېرەك
D.سۈرئىتى تېز ئاپتوموبىل سۈرئىتى ئاستا ئاپتوموبىلنىڭ ئاۋۋال يۈرۈشىگە يول بېرىشى كېرەك
正确答案:C
20.يول يۈرۈش جەريانىدا باشقا ئاپتوموبىلنىڭ ناچار يوللاردا پېتىپ قىلىپ ماڭالمايۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئۇلارغا ياردەم قىلىش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
21.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىدا كاشىلا كۆرۈلۈپ ياكى ھادىسە يۈز بېرىپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا جىددىيي توختىتىشقا توغرا كەلگەندە، ھەيدىگۈچى ۋە يولۇچىلار قانداق قىلىشى كېرەك؟ 本题解析
A.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئالدىدا تۇرۇش كېرەك
B.ئاپتوموبىلدىن چۈشمەي، قۇتقۇزۇشنى كۈتۈش كېرەك
C.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئارقىدا تۇرۇش كېرەك
D.تېزدىن ئوڭ تەرەپتىكى يول ياقىسىغا ياكى ئاپتوموبىلنى جىددىي توختىتىش بەلۋېغىغا يۆتكىلىش لازىم
正确答案:D
22.ئاپتوموبىل تېز سۈرئەتتە كېتىۋاتقاندا چاق تۇيۇقسىز ئېتىلىپ كەتسە قوللىنىدىغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قايسى؟ 本题解析
A.جىددىي تورمۇزلاپ يول بويىدا توختاش
B.رولنى چىڭ تۇتۇپ،يۆنىلىشنى توغرىلاش
C.ماي پىدالىنى دەرھال بوشىتىش
D.تورمۇز پىدالىنى يېنىك دەسسەش
正确答案:BCD
23.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك سول تەرەپتىكى بەلگە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئىككى يۆنىلىشتە يېتىپ باردىغان جاينى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
24.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەكدەك بۇ ئەھۋالغا يولۇققاندا قانداق يۈرۈش كېرەك؟ 本题解析
A.ئىككى ياندىكى ئاپتوموبىل يولىدا،ئاپتوموموبىللارنىڭ يۈرۈشى مەنئې قىلىنىدۇ
B.ئىككى ياندىكى ئاپتوموبىل يولىغا سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ كېرىپ يۈرۈش كېرەك
C.ئوڭ ياندىكى ئاپتوموبىل يولىغا كىرىپ يۈرۈش كېرەك
D.ئىككى ياندىكى ئاپتوموبىل يولىغا سۈرئەتنى تېزلىتىپ كىرىپ يۈرۈش كېرەك
正确答案:A
25.ئالدى تەرەپتىكى يول ئېغىزىدىن ئۇدۇل ئۆتمەكچى بولسا قانداق يۈرۈش كېرەك؟ 本题解析
A.يول ئېغىزىغا يېقىنلاپ كەلگەندە سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ، ئاستا يۈرۈش كېرەك
B.يول ئېغىزىغا كىرىپ بولغاندىن كېيىن سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئاستا يۈرۈش كېرەك
C.سۈرئەتنى ئاستىلاتماي بىۋاسىتە ئۆتۈپ كېتىش كېرەك
D.سۈرئەتنى ئالدىن تېزلىتىپ يول ئېغىزىدىن ئۆتۈش كېرەك
正确答案:A
客服电话(微信同号):181-1187-1573 | 黔ICP备15004437号-1 |
© 2010-2019驾考金点通 版权所有 Powerde by:jkjdt.com