当前题库:ئۇيغۇرچە(维语)客车科目四
语言: 中文汉语 ئۇيغۇرچە(维语) قازاقشا(哈语)
车型: 小车科目一 小车科目四 客车科目一 客车科目四 货车科目一 货车科目四 摩托车科目一 摩托车科目四
1.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپ يول يۈزىدىكى بەلگە ئاپتوموبىل ياندىغاندا ۋاقتىنچە پايدىلىنىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
2.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا كاشىلا كۆرۈلۈپ تەكشۈرۈشكە توغرا كەلگەندە ئۇنى قانداق توختىتىش كېرەك؟ 本题解析
A.ئەڭ چەتتىكى ئاپتوموبىل يولىدا توختىتىش كېرەك
B.ئىچى تەرەپتىكى ئاپتوموبىل يولىدا توختىتىش كېرەك
C.جىددىي ئاپتوموبىل يولىدا توختىتىش كېرەك
D.باغلىما يول ئېغىزىنىڭ ئۈچ بۇرجەكلىك بەلۋېغىدا توختىتىش كېرەك
正确答案:C
3.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك يول ئېغىزىدىكى ئاق ئۈزۈك سىزىق ئوخشاش يۈنىلىشتە يۇرۋاتقان ئاپتوموبىل يولىنى ئايرىيدىغان پاسىل سىزىق بولۇپ، بۇ سىزىقنى بويلاپ بۇرۇلۇشقا بولىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
4.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەكدەك تۆمۈر يول ئېغىزىدا ئىككى دانە قىزىل چىراغ نۆۋەتلىشىپ لىپىلداپ يېنىۋاتقان بولسا،ئاپتوموبىلنى توختىتىپ ساقلاپ تۇرۇش كېرەك 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
5.ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىلىرى قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە پىيادىلەرنىڭ خەتەرلىك جايلارغا دىققەت قىلىشىنى ئاگاھلاندۇرىدىغان بەلگە بولۇپ،بەلگىلەرنىڭ تېگى سېرىق،چۆرىسى قارا،رەسىم نۇسخىسى قارا رەڭدە بولىدۇ.بەلگىلەرنىڭ شەكلى( )بولىدۇ. 本题解析
A.دۈگىلەك شەكلىدە
B.تەڭ تەرەپلىك ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدە
C.كۇۋادىرات شەكلىدە
D.تىك تۆت بۇلۇڭ شەكلىدە
正确答案:B
6.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىن ئۆتۈۋاتقاندا رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەكدەك ئەھۋالغا يولۇققاندا ئۈزمەي سىگنال بېرىش كېرەك 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
7.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەكدەك پىيادىلەر توغرا يولىغا كەلگەندە سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئۆتۈپ كەتسە بولىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
8.يانداش جەريانىدا ئالدى تەرەپتىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى سۈرئەتنى ئاستىلاتمىسا،يول بەرمىسە ھەيدىگۈچى قانداق قىلىش كېرەك؟ 本题解析
A.ئۈزمەي سىگنال بېرىپ تېزلىكتە يانداپ ئۆتۈپ كېتىش كېرەك
B.سۈرئەتنى تېزلىتىپ داۋاملىق يانداش كېرەك
C.داۋاملىق يانداشتىن توختاش كېرەك
D.ئالدىدىكى ئاپتوموبىلغا يېقىن ئەگىشىپ مېڭىپ،پۇرسەت بولسىلا دەرھال يانداش كېرەك
正确答案:C
9.يامغۇرلۇق كۈنلەردە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يۈرگەندە «سۇدا تېيىلىش» تۈپەيلىدىن يۈرۈش يۆنىلىشنى كونترول قىلغىلى بولمىغاندا ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
10.كېچىدە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىدا كاشىلا كۆرۈلسە ھەيدىگۈچى قانداق قىلغاندا بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟ 本题解析
A.بىخەتەر جاينى تاللاپ توختاتقاندا
B.خەتەرگە دىققەت قىلىش سىگنال چىرىغىنى ياققاندا
C.دائىرىنى كۆرسىتىش ۋە ئارقا چىراغنى ياققاندا
D.بەلگىلىمە بويىچە ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسىنى قويۇپ قويغاندا
正确答案:ABCD
11.ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىلەردىن يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن، نىزامغا رىئايە قىلىپ، بىر يىلغىچە جەملەنمە نومۇر تۇتۇلمىغانلىرىنىڭ ھەيدەش كىنىشكىسىنى ( ) ئۇزارتىلسا بولىدۇ. كونكرېت چارىسىنى دۆۋلەت مىنىستىرلىگىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بەلگىلەيدۇ. 本题解析
A.ئىناۋەتلىك مۇددىتى
B.تەكشۈرۈش مۇددىتى
C.قوغداش مۇددىتى
D.بەدەن سالامەتلىك ئىسپاتىنى تاپشۇرۇش ۋاقتى
正确答案:B
12.ئاپتوموبىلنى ياندۇرغاندا، رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەكدەك ئەھۋالدا قانداق ياندۇرسا بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟ 本题解析
A.تۆۋەن سۈرئەتتە ئاستا ياندۇرسا
B.تەشەببۇسكارلىق بىلەن توختاپ يول بەرسە
C.ئۈزمەي سىگنال بېرىپ بەلگە بەرسە
D.ئوڭغا بۇرۇلۇپ ياندۇرسا
正确答案:B
13.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەكدەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدىدا قايسى يول ئېغىزى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ؟ 本题解析
A.سىمان كېسىشكەن يول ئېغىزىT
B.Y سىمان كېسىشكەن يول ئېغىزى
C.+سىمان كېسىشكەن يول ئېغىزى
D.ھالقسىمان كېسىشكەن يول ئېغىزى
正确答案:D
14.رەسىمدە كۆرسىتلىگەن بەلگە يولدا توسالغۇ بولۇپ ، ئاپتۇموبىلنىڭ سول ياندىن ئايلىنىپ ئۆتۈش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
15.پاتقاق يولدا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى چاق قۇرۇق ئايلىنىپ تېيىلسا ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ 本题解析
A.ئەگەشكۈچى چاقنىڭ ئاستىغا شېغىل ياتقۇزۇش كېرەك
B.يۇقىرى خوتقا سېلىپ، سۈرئەتنى تېزلىتىپ چىقىپ كېتىش كېرەك
C.ھەرىكەتلەندۈرگۈچى چاقنىڭ ئاستىغا شېغىل ياتقۇزۇش كېرەك
D.رولنى جىددىي ئايلاندۇرۇپ، سۈرئەتنى جىددىي ئاشۇرۇش كېرەك
正确答案:C
16.جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىنىڭ قاتناشنى باشقۇرۇش تارمىقى يول قاتناش ھادىسىسىنى تەكشۈرۈشتە قاتناش ھادىسىسىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرۈش،ئېلىش ياكى كۆپەيتىشكە توغرا كەلسە، ئالاقىدار ئىدارە ۋە خادىملار( )كېرەك. 本题解析
A.ياردەم قىلسا بولىدۇ
B.چوقۇم ھەمكارلىشىشى شەرت
C.سۆيۈنچە بەرسە ياردەم قىلسا بولىدۇ
D.ياردەم قىلماسلىق كېرەك
正确答案:B
17.ي‹‹يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى››دا ئاپتوموبىلنىڭ يوقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىكى ئەڭ يوقىرى سائەتلىك سۈرئىتىنى120كىلومېتىردىن ئاشۇرىۋېتىشكە بولمايدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.شۇڭا يوقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يۈرگەندە سائەتلىك تىزلىكنى120كىلومېتىردىن ئاشۇرىۋەتمىسىلا قانۇنغا خىلاپ ھىساپلانمايدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
18.ھەيدىگۈچى مۇرەككەپ يوللاردا قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگەندە،يۈكسەك دەرىجىدە سەگەك بولۇپ«بىرىنچىدىن ئاستا،ئىككىنچىدىن قاراش،ئۈچىنچىدىن ئۆتۈش»،«ئۈچ مىنۇت توختاپ تۇرۇشقا رازى بولۇش كېرەككى،بىر سىكونتنى تالاشماسلىق»دىن ئىبارەت قائىدىگە ئەمەل قىلىش كېرەك.بۇ بولسىمۇ ھەيدىگۈچىلەردىن( )ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. 本题解析
A.تېز ۋە ئاستا
B.پايدا بىلەن زىيان
C.توغرا بىلەن خاتا
D.ياخشى بىلەن يامان
正确答案:A
19.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئالدى تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپتىكى مەشھۇر جاي بىلەن بولغان ئارىلىقنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
20.تورمۇز ئىشلىمىگەندە ئالدىنى ئېلىشقا تېگىشلىك ئۈنۈملۈك ئۇسۇل قايسى؟ 本题解析
A.تورمۇز سىستېمىسىنى قەرەرلىك ئاسراپ تۇرۇش
B.يولغا چىقىشتىن بۇرۇن تورمۇز پىدالىنىڭ ئەركىن ئارىلىقىنى تەكشۈرۈش
C.تورمۇزنى توغرا ئىشلىتىش، قىززىپ ئاجىزلاپ كېتىشتىن ساقلىنىش
D.ماي تورموز ئورنىتىلغان ئاپتوموبىل يولغا چىقىشتىن ئاۋۋال تورمۇز مېيىنىڭ تېمىپ ئېقىۋاتقان ياكى ئاقمايۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈش
正确答案:ABCD
21.يۈرۈش جەريانىدا موتورنىڭ ئوتى تۇيۇقسىز ئۆچۈپ قېلىپ قايتا ئوت ئالدۇرغىلى بولمىسا، دەرھال جىددىيي تورمۇز قىلىپ ئاپتوموبىلنى تېزدىن مەجبۇرىيي توختىتىش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
22.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ ئاپتوموبىل ئېقىمىغا قوشۇلغاندا باشقا قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ نورمال يۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك لازىم 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
23.رەسىمدىكىدەك ھاۋارايىدا ئاپتوموبىلنى ئورنىدىن قوزغىغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ 本题解析
A.يىراقنى يورۇتۇش چىرىغىنى ياندۇرۇش كېرەك
B.ئالدى-ئارقا تۇمان چىرىغىنى ياندۇرۇش كېرەك
C.پەقەت سولغا بۇرۇلۇش چىرىغىنىلا ياندۇرۇش كېرەك
D.سىگنالنى ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلىتىش كېرەك
正确答案:B
24.ئاپتوموبىلنى قار-مۇزلۇق يوللاردا توختاتقاندا ياكى سۈرئىتىنى ئاستىلاتقاندا ئىمكان قەدەر ئالدىنى ئېلىش خاراكتىرلىك تورمۇز قىلىش ياكى موتورنىڭ تورموزلاش رولىدىن پايدىلىنىش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
25.تاۋ ×× 33 يولۇچى ئولتۇرغان ئوتتۇرا تىپتىكى ئاپتوبۇسنى سائىتىگە 120 كىلومېتىرلىق سۈرئەتتە ھەيدەپ،شۈپىڭنەن يوقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ 163 كىلومېتىرلىق بۆلىكىگە كەلگەندە، يولنىڭ ئىچكى تەرىپىدە كاشىلا سەۋەبىدىن يۆتكەپ كېتىشكە مۇمكىن بولماي توختاپ قالغان، ئەن ×× ھەيدىگەن پىكاپ (پىكاپنىڭ ئارقىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى قويۇلمىغان) قا سوقۇلۇپ كەتكەن.ئاپتوبۇس ئوڭ تەرەپتىكى رېشاتكىدىن ھالقىپ چىقىپ كېتىپ، يېنىچە ئاغدۇرۇلۇپ كېتىپ 16 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى،15 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىدەك پەۋقۇلئادە زور قاتناش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ ۋەقەدە ئىككى تەرەپ ھەيدىگۈچىلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئاساسلىق قىلمىشى قايسى؟ 本题解析
A.تاۋ ×× ئاپتوبۇسقا نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سالغان
B.تاۋ ×× زىيادە تېز سۈرئەتتە يول يۈرگەن
C.ئەن ×× بەلگىلىمە بويىچە پىكاپنىڭ ئارقىغا ئاگاھ بەلگىسىنى قويمىغان
D.ئەن ×× قانۇنغا خىلاپ توختىغان
正确答案:ABC
客服电话(微信同号):181-1187-1573 | 黔ICP备15004437号-1 |
© 2010-2019驾考金点通 版权所有 Powerde by:jkjdt.com