当前题库:ئۇيغۇرچە(维语)客车科目四
语言: 中文汉语 ئۇيغۇرچە(维语) قازاقشا(哈语)
车型: 小车科目一 小车科目四 客车科目一 客车科目四 货车科目一 货车科目四 摩托车科目一 摩托车科目四
1.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەكدەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدىدا قايسى يول ئېغىزى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ؟ 本题解析
A.سىمان كېسىشكەن يول ئېغىزىT
B.Y سىمان كېسىشكەن يول ئېغىزى
C.+سىمان كېسىشكەن يول ئېغىزى
D.ھالقسىمان كېسىشكەن يول ئېغىزى
正确答案:D
2.مەلۇم بىر كۈنى ئەتىگەن سائەت6دە رەن×× بىر چوڭ ئاپتوبۇسنى ھەيدەپ يولغا چىقىدۇ.ئۇ ئاپتوبۇسنى ئۇدا ھەيدەپ چۇشتىن بۇرۇن سائەت 11 بولغاندا يىخەن ناھىيەسنىڭ يىنەن يولىنىڭ 1 كىلومېتىر كېلىدىغان جايىدا چوڭقۇرلۇقى 8.5 مېتىر كېلىدىغان بىر تىك ياردىن چۈشۈپ كېتىپ 13 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى،9 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىدەك پەۋقۇلئادە زور قاتناش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. رەن×× نىڭ بۇ ۋەقەدىكى قانۇنغا خىلاپ ئاساسلىق قىلمىشى قايسى؟ 本题解析
A.زىيادە تېز سۈرئەتتە يول يۈرگەن
B.ئاپتوموبىلنى قاتناش بەلگە سىزىقى بويىچە ھەيدىمىگەن
C.ئاپتوبۇسقا يولۇچىلارنى نورمىدىن ئارتۇق قاچىلىغان
D.ئاپتوموبىلنى زىيادە چارچاپ ھەيدىگەن
正确答案:D
3.ئۇدۇل يۈرۈدىغان ئاپتوموبىل قىزىل چىراققا يولۇققاندا دەرھال سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ توختاپ،يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىش سىگنالىنى كۈتۈش لازىم. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
4.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تاغ يوللىرىدا ئاپتوموبىلغا ئەگىشىپ قانداق يۈرۈشى كېرەك؟ 本题解析
A.ئالدىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ ئارقىدىن ئەگىشىپ يۈرۈشى كېرەك
B.بىخەتەر ئارىلىقنى چوڭايتىشى كېرەك
C.ئۇزۇتىغا يۆنىلىدىغان ئارىلىقىنى كىچىكلىتىشى كېرەك
D.ئالدىدىكى ئاپتوموبىلنى تېزدىن يانداپ ئۆتۈپ كېتىشى كېرەك
正确答案:B
5.قار-مۇزلۇق يوللاردا ئاپتوموبىلغا ئەگىشىپ قانداق يۈرۈش كېرەك؟ 本题解析
A.چوڭراق بىخەتەر ئارىلىق قالدۇرۇپ يۈرۈش كېرەك
B.خەتەرگە دىققەت قىلىش سىگنال چىرىغىنى يېقىپ يۈرۈش كېرەك
C.يىراقنى يوروتۇش چىرىغىنى ئالماشتۇرۇپ يېقىپ يۈرۈش كېرەك
D.پات-پات سىگنال بېرىپ ئالدىدىكى ئاپتوموبىلنى ئەسكەرتىش كېرەك
正确答案:A
6.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك قىزىل رەڭلىك پىكاپ بۇ ئاپتوموبىل يولىدا يۈرسە بولىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
7.يۈرۈش جەريانىدا چاق تۇيۇقسىز ئېتىلىپ كەتسە ھەيدىگۈچى رولنى چىڭ تۇتۇپ، ئىمكانقەدەر ئاپتوموبىلنىڭ ئۇدۇل يۆنىلىشتە يۈرۈشىنى كونترول قىلىش لازىم. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
8.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپتە تىك داۋانغا چىقىش يول بۆلىكى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
9.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدىكىدەك يول ئېغىزىدا ئوڭغا يول ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
10.تورموز تۇتۇلۇپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قۇرۇلمىسى(ABS) ئورنىتىلمىغان ئاپتوموبىل قار-مۇزلۇق يولدا يۈرگەندە تورمۇزنى قانداق ئىشلىتىش كېرەك؟ 本题解析
A.تورمۇز پىدالىنى يېنىك دەسسەش ياكى ئۈزۈلدۈرۈپ دەسسەش
B.تورمۇز پىدالىنى باشقا يوللاردا يۈرگەنگە ئوخشاش دەسسەش
C.تورمۇز پىدالىنى قاتتىق دەسسەش
D.تورمۇز پىدالىنى كۈچەپ دەسسەش
正确答案:A
11.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەر كۆرۈش ئارىلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان داۋان چوققىسىغا ھەيدەپ چىققاندا، بىخەتەرلىككە قانداق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؟ 本题解析
A.تېز سۈرئەتتە ئۆتۈپ كېتىش كېرەك
B.خەتەرگە دىققەت قىلىش سىگنال چىرىغىنى يېقىش كېرەك
C.سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئاستا يۈرۈش ھەمدە سىگنال بېرىپ بەلگە بېرىش كېرەك
D.خالىغانچە ئۆتۈش كېرەك
正确答案:C
12.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەكدەك تۆمۈر يول ئېغىزىدىن ئۆتۈۋاتقاندا سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ توختاش كېرەك 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
13.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ سۈرئەت ئاشۇرۇش يولىغا كىرگەندىن كېيىن ئاندىن بۇرۇلۇش چىرىغىنى ياندۇرۇش لازىم. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
14.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك يول ئېغىزىدىكى ئاق ئۈزۈك سىزىق سولغا بۇرۇلغاندا ئۇدۇل يۇرۇش بۆلىكىگە كىرىشكە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
15.پەقەت( )چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدەشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ۋە ھەر ۋاقىت سەگەك تۇرۇشتىكى ئىشەنچىلىك،ئەڭ ئۈنۈملىك ئۇسۇلدۇر. 本题解析
A.موزىكا ئاڭلاش
B.ئۇخلاپ ئارام ئالغاندا
C.چوڭقۇر نەپەس ئېلىش
D.كابىنكىدىن چىقىپ سىرتتا ھارىكەت قىلىش
正确答案:B
16.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئەھۋالغا تۇيۇقسىز يولۇققاندا ھەيدىگۈچى دەرھال سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ياكى توختاپ يول بېرىشى لازىم. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
17.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى رەسىمدىكىدەك يولدا قانداق ھەيدىسە ئەڭ بىخەتەر بولىدۇ؟ 本题解析
A.سۈرئەتنى ئىمكانقەدەر تېزلىتىپ ئالدىدىكى ئاپتوموبىلدىن ئۆتۈپ كېتىش
B.سىگنال بېرىپ ئالدىدىكى ئاپتوموبىلنى يول بېرىشكە قىستاش
C.مۇۋاپىق ئارىلىقنى ساقلاپ،ئاپتوموبىلغا ئەگىشىپ مېڭىش
D.ئالدىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن يانداش
正确答案:C
18.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئەھۋالدا ۋاقىتلىق توختاتقاندىن كېيىن، ئاپتوموبىلنىڭ كەينىگە سىيرىلدۈرۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن رولنى سولغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
19.يۈرۈش جەريانىدا چارۋىلارنىڭ تۇيۇقسىز يولنى توغرا كېسىپ ئۆتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ئاپتوموبىلدا ئولتۇرغۇچىلار ۋە ماددى ئەشيالارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلغان ئەھۋالدا ئۇلارغا يول بېرىش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
20.جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى قاتناش ھادىسىسىنى تەكشۈرۈش ياكى باھالاپ بېكىتىشنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن ( )بولىدۇ. 本题解析
A.قاتناش ھادىسىسىدىكى ئالاقىدارنىڭ مۇناسىۋەتلىك كېنىشكىلىرىنى مۇسادىرە قىلىشقا
B.قاتناش ھادىسىسىدىكى ئالاقىدارنىڭ مۇناسىۋەتلىك كېنىشكىلىرىنى ئىناۋەتسىز قىلىشقا
C.قاتناش ھادىسىسىدىكى ئالاقىدارنىڭ مۇناسىۋەتلىك كېنىشكىلىرىنى ۋاقىتلىق تۇتۇپ قىلىشقا
D.قاتناش ھادىسىسىدىكى ئالاقىدارنىڭ مۇناسىۋەتلىك كېنىشكىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا
正确答案:C
21.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىگە ۋە بېنزىنغا ئوت كەتكەندە سۇ چېچىپ ئوتنى ئۆچۈرۈشكە بولىدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
22.قاتناشتىكى ئالتە چوڭ يامان ئادەتنى تۈگۈتىش دىگەنلىك ( )نى كۆرسىتىدۇ. 本题解析
A.يۈرۈش جەريانىدا خالىغانچە يول ئۆزگەرتىش
B.جىددىي ئاپتوموبىل يولىنى ئىگەللەپ يۈرۈش
C.ئاپتوموبىل ھەيدەۋىتىپ قول تېلىفوندا سۆزلىشىش
D.بىخەتەرلىك تاسمىسىنى باغلىماسلىق
正确答案:ABCD
23.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئەھۋالغا يولۇققاندا،پىيادىلەرگە قانداق قىلىپ ئەدەپ بىلەن يول بەرگىلى بولىدۇ؟ 本题解析
A.پىيادىلەر ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن قوزغىلىش
B.پىيادىلەرنىڭ ئالدىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىش
C.سىگنال بېرىپ پىيادىلەرنى يول بېرىشكە ئاگاھلاندۇرۇش
D.ئاپتوموبىلنى ئورنىدىن قوزغاپ، پىيادىلەرگە ئاستا يېقىنلىشىش
正确答案:A
24.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى مۇز تۇتقان يولدا قانداق ئۇچرىشىش كېرەك؟ 本题解析
A.ئىككى ئاپتوموبىل يېقىنلاپ كەلگەندە سۈرئەتنى ئاستىلىتىش كېرەك
B.سۈرئەتنى مۇۋاپىق تېزلىتىپ ئۇچرىشىش كېرەك
C.سۈرئەتنى ئالدىن ئاستىلىتىپ، ئاستا ئۇچرىشىش كېرەك
D.ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچرىشىش كېرەك
正确答案:C
25.يارىدارلارنىڭ سۆڭىكى سۇنۇپ قانىغان بولسا، ئالدى بىلەن سۇنۇقنى مۇقىملاشۇرۇپ، ئاندىن قاننى توختىتىش ھەم يارا ئېغىزىنى تېڭىش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
客服电话(微信同号):181-1187-1573 | 黔ICP备15004437号-1 |
© 2010-2019驾考金点通 版权所有 Powerde by:jkjdt.com