当前题库:ئۇيغۇرچە(维语)客车科目四
语言: 中文汉语 ئۇيغۇرچە(维语) قازاقشا(哈语)
车型: 小车科目一 小车科目四 客车科目一 客车科目四 货车科目一 货车科目四 摩托车科目一 摩托车科目四
1.قار-مۇزلۇق يولدا مەسلىلەرنى بىرتەرەپ قىلغاندا جىددىيي تورمۇز قىلىشقا بولمايدۇ. بىراق رولنى جىددىي ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ مەسىلىنى بىرتەرەپ قىلىش لازىم. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
2.شاۋچىڭ ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ يوقىرى سۈرئەتلىك يولدا كېتىۋاتقاندا ئالدى تەرەپتىن بىر ياۋا ھايۋان يولنىڭ ئوتتۇرىغا ئېتىلىپ چىقىدۇ.بۇ چاغدا شاۋچىڭ ئەڭ ياخشىسى قانداق تەدبىر قوللۇنىشى كېرەك؟ 本题解析
A.جىددىي تورموز قىلىش
B.تېزدىن مۇھاپىزەت رىشاتكىسىغا سوقۇش
C.ئىمكان قەدەر سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يول بېرىش
D.دەرھال بىر يانغا تارتىپ يول بېرىش
正确答案:C
3.كېچىدە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئەھۋالغا يولۇققاندا قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. 本题解析
A.نورمال سۈرئەتتە يۈرۈش كېرەك
B.تېز سۈرئەتتە يۈرۈپ، چىراغ يورۇقىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش كېرەك
C.سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ياكى توختاپ يول بېرىش كېرەك
D.يىراقنى يورۇتۇش چىرىغىنى يېقىپ تاقابىل تۇرۇش كېرەك
正确答案:C
4.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئەھۋالدا ۋاقىتلىق توختىغاندىن كېيىن، ئاپتوموبىلنىڭ كەينىگە سىيرىلدۈرۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن رولنى ئوڭغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
5.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك سول تەرەپتىكى بەلگە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئىككى يۆنىلىشتە يېتىپ باردىغان جاينى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
6.كېچىسى ئۇچراشقاندا رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئەھۋالغا يولۇققاندا ئىككى ئاپتوموبىل ئالدى چىرىغىنىڭ كېسىشكەن ئورنى (كۆرۈش سىزىقىنىڭ كۆرۈنمەس بۆلىكى)دىكى خەۋپكە ھۇشيار تۇرۇش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
7.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى كېچىدە ۋاقىتلىق توختاتقاندا قايسى چىراغنى يېقىش كېرەك؟ 本题解析
A.ئالدى-ئارقا تۇمان چىرىغى،دائىرە چىرىغى ۋە ئارقا چىراغنى
B.ئالدى چوڭ چىراغ،دائىرە چىرىغى ۋە ئارقا چىراغنى
C.خەتەرگە دىققەت قىلىش سىگنال چىرىغىنى ،دائىرە چىرىغى ۋە ئارقا چىراغنى
D.ئاپتوموبىلنى ياندۇرۇش چىرىغى،دائىرە چىرىغى ۋە ئارقا چىراغنى
正确答案:C
8.ھەيدىگۈچىنىڭ تەكرار يول ئۆزگەرتىپ يۈرۈشى ھەيدەشتىكى بىر خىل ناچار ئادەت ھېسابلىنىدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
9.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تاغ يوللىرىدا ئاپتوموبىلغا ئەگىشىپ قانداق يۈرۈشى كېرەك؟ 本题解析
A.ئالدىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ ئارقىدىن ئەگىشىپ يۈرۈشى كېرەك
B.بىخەتەر ئارىلىقنى چوڭايتىشى كېرەك
C.ئۇزۇتىغا يۆنىلىدىغان ئارىلىقىنى كىچىكلىتىشى كېرەك
D.ئالدىدىكى ئاپتوموبىلنى تېزدىن يانداپ ئۆتۈپ كېتىشى كېرەك
正确答案:B
10.قويۇق تۇمانلىق كۈنلەردە ئاپتوموبىلنى ۋاقىتلىق توختاتماقچى بولغاندا، تۇمان چىرىغى ۋە يېقىننى يورۇتۇش چىرىغىنى يېقىپ قويۇش كېرەك 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
11.ئاپتوموبىل قار-مۇز يوللاردا يېنىچە تېيىلىپ كەتكەندە دەرھال رولنى ئايلاندۇرۇپ توغرىلاش لازىم. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
12.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەكدەك ئورۇندا قايتۇرۇشقا توغرا كەلگەندە،پىيادىلەرنىڭ نورمال قاتنىشىغا تەسىر كۆرسەتمىگەن ئەھۋالدا قايتۇرۇشقا بولىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
13.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ تاغ يولىدا رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئەھۋالغا يولۇققاندا قانداق ئۆتۈش كېرەك؟ 本题解析
A.ئالدى سول تەرەپ تاغقا يانداشقان خەتەرلىك يول كېرەك
B.يولنىڭ سول تەرىپى بىلەن يۈرۈش كېرەك
C.يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈرۈش كېرەك
D.ئوڭ تەرەپ بىلەن تۆۋەن سۈرئەتتە ئۆتۈش كېرەك
正确答案:D
14.پەۋقۇلاددە زور قاتناش ھادىسىگە يولۇقۇپ كۆپلىگەن يارىدارلارنى دوختۇرخانىغا يۆتكەشكە توغرى كەلگەندە،ھۇشىدىن كەتكەن يارىدارلارنى ئالدى بىلەن يۆتكەش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
15.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئەھۋالغا يولۇققاندا قانداق قىلىش كېرەك؟ 本题解析
A.ئۈزمەي سىگنال بېرىپ ئاگاھلاندۇرۇش كېرەك
B.سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئالدى تەرەپتىن ئايلىنىپ ئۆتۈش كېرەك
C.خەتەر كۆرۈلگەندە ئاندىن سۈرئەتنى ئاستىلىتىش كېرەك
D.تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يول بېرىش كېرەك
正确答案:D
16.يول يۈرۈش جەريانىدا ھەيدىگۈچىنىڭ تۈكۈرگىسى كەلسە( )كېرەك. 本题解析
A.دەرىزىدىن سىرتقا قاراپ تۈكۈرسە بولىدۇ
B.يانچۇقىدىكى قەغەزگە تۈكۈرۈپ،ئاپتوموبىل توختىغاندىن كېيىن ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋىتىش
C.ئاپتوموبىل ئىچىگە تۈكۈرىش
D.ئاپتوموبىلنى يول چېتىگە ھەيدەپ،دەرىزىدىن سىرتقا تۈكۈرىش
正确答案:B
17.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك يول يۈزىدىكى ئاق ئۈزۈك ۋە تۇتاش سىزىقنىڭ تۇتاش سىزىق تەرىپىدىن ھالقىپ ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
18.يامغۇر ياغقاندا ئاپتوموبىلنى ۋاقىتلىق توختاتقاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ 本题解析
A.خەتەرگە دىققەت قىلىش سىگنال چىرىغىنى يېقىش كېرەك
B.ئالدى-كەينى تۇمان چىرىغىنى يېقىش كېرەك
C.يېقىننى يورۇتۇش چىرىغىنى يېقىش كېرەك
D.ئاپتوموبىلنىڭ ئارقىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسىنى قويۇش كېرەك
正确答案:A
19.پاتقاق يوللاردا يۈرگەندە، قانداق قىلغاندا سۈرئەتنى كونترول قىلغىلى ھەم بىر قېتىمدىلا ئۆتۈپ كەتكىلى بولىدۇ؟ 本题解析
A.قول تورمۇزنى ئىشلەتكەندە
B.موفتا(ئايرىغۇچ-قوشقۇچ) پىدالىنى دەسسىگەندە
C.تورمۇز پىدالىنى دەسسىگەندە
D.ماي پىدالىنى دەسسىگەندە
正确答案:D
20.لى ×× 21 ئادەم ئولتۇرغان چوڭ تىپتىكى ئاپتوبۇسنى(بەلگىلەنگەن ئادەم سانى 35) كېتىۋاتقاندا تورمۇز سىستېمىسىدا نورمالسىز ئەھۋاللارنىڭ بارلىقىنى بايقاپ تۇرۇپمۇ ئۇنى بىر تەرەپ قىلمىغان.نەتىجىدە شۇاڭداۋ خەيۋەن چوڭ كۆۋرۈكىدە سائىتىگە 50 كىلومېتىرلىق سۈرئەتتە(بۇ يول بۆلىكىدە چەكلەنگەن سۈرئەت چېكى 40 كىلومېتىر) يۈرۈۋاتقاندا تورمۇز ئىشلىمەي ئاپتوبۇس دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىپ 13ئادەمنىڭ ئۆلۈشى،8 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىدەك پەۋقۇلئادە زور قاتناش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. لى ××نىڭ بۇ ۋەقەدىكى قانۇنغا خىلاپ ئاساسلىق قىلمىشى قايسى؟ 本题解析
A.زىيادە تېز سۈرئەتتە يول يۈرگەن
B.چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن
C.ئاپتوبۇسقا نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سالغان
D.تورمۇزى ئىشلىمەيدىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگەن
正确答案:AD
21.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپتە تاق يۆنىلىشلىك تونىلنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
22.لاۋ جاڭ دوستىنىڭ ئۆيىدە ھاراق ئىچىپ مەست بولغاندىن كېيىن ۋېلىسپېت مېنىپ ئۆيگە كېتىمەن دەپ چىڭ تۇرىۋالىدۇ.ئۇ دوستلىرىغا ۋېلىسپېتنىڭ سۈرئىتى ئاستا،ھىچ قانداق خەتىرى يوق دەيدۇ.ئۇنىڭ دىگىنى توغرىمۇ؟ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
23.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەكدەك پىيادىلەر توغرا يولىدىن قانداق ئۆتۈش كېرەك؟ 本题解析
A.سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئۆتۈش كېرەك
B.سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئۆتۈش كېرەك
C.سىگنال بېرىپ ئۆتۈش كېرەك
D.جىددىي تورمۇزلاش كېرەك
正确答案:A
24.قاتناش ساقچىسىنىڭ رەسىمدىكىدەك قول ئىشارىتىنى كۈرگەندە قانداق يۈرۈش كېرەك ؟ 本题解析
A.ئۇدۇل يۈرۈش كېرەك
B.ئاپتوموبىلنى يول چىتىگە يېقىن توختىتىش كېرەك
C.سولغا بۇرۇلۇشنى كۈتۈش رايۇنىغا كېرىش كېرەك
D.ئوڭغا بۇرۇلۇش كېرەك
正确答案:D
25.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك سول تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپتىكى يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدە يۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
客服电话(微信同号):181-1187-1573 | 黔ICP备15004437号-1 |
© 2010-2019驾考金点通 版权所有 Powerde by:jkjdt.com