当前题库:ئۇيغۇرچە(维语)客车科目四
语言: 中文汉语 ئۇيغۇرچە(维语) قازاقشا(哈语)
车型: 小车科目一 小车科目四 客车科目一 客车科目四 货车科目一 货车科目四 摩托车科目一 摩托车科目四
1.يارىدارنىڭ چوڭ قان تومۇرىدىن قان چىقىپ، بارماق بىلەن بېسىپ قان توختاتماقچى بولغاندا، بارماق بىلەن يارا ئېغىزىنىڭ قايسى ئورنىدىن بېسىش كېرەك؟ 本题解析
A.يۈرەككە يېقىن تەرەپتىكى تومۇرنى
B.قان تومۇرنىڭ تۆۋەن تەرىپىنى
C.يۈرەككە يىراق تەرەپنى
D.قان تومۇر ئوتتۇرىسىنى
正确答案:A
2.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ داۋانغا چىقىۋاتقاندا قانداق قىلغاندا يېتەرلىك ئېنېرگىيەنى ساقلىغىنى بولىدۇ؟ 本题解析
A.ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتى تۆۋەنلەپ كېتىشتىن بۇرۇن خوتنى تۆۋەنلىتىش
B.ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتى تۆۋەنلىگەندىن كېيىن خوتنى تۆۋەنلىتىش
C.ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتى زىيادە تۆۋەنلىگەندە خوتنى تۆۋەنلىتىش
D.ئىمكانقەدەر دەرىجە ئاتلاپ خوتنى تۆۋەنلىتىش
正确答案:A
3.ئاپتوموبىلنى قار-مۇزلۇق يوللاردا توختاتقاندا ياكى سۈرئىتىنى ئاستىلاتقاندا ئىمكان قەدەر ئالدىنى ئېلىش خاراكتىرلىك تورمۇز قىلىش ياكى موتورنىڭ تورموزلاش رولىدىن پايدىلىنىش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
4.رەسىمدىكى بەلگە قايسى تىپتىكى ئاپتوموبىلنىڭ قاتنىشىغا بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ ؟ 本题解析
A.چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى
B.چوڭ تىپتىكى ئاپتوبۇس
C.تۈرلۈك موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى
D.كىچىك تىپتىكى يولۇچى ۋە يۈك ئاپتوموبىلى
正确答案:C
5.ئىدارە قورۇسى ئىچىدە،ئاھالىلار ئولتۇراق رايونلاردا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگەندە تۆۋەن سۈرئەتتە ھەيدەش،پىيادىلەرگە يول بېرىش لازىم. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
6.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تونىلدىن ئۆتكەندە تۆۋەندىكىلەرنىڭ ئىچىدىكى قايسىسى قەتئى مەنئى قىلىنىدۇ؟ 本题解析
A.ئاپتوموبىلنى يانداش
B.ئاپتوموبىلنى توختىتىش
C.ئاپتوموبىلنى قايتۇرۇش
D.ئاپتوموبىلنى ياندۇرۇش
正确答案:ABCD
7.قان كۆپ چىقىپ كېتىپ شۈك بولۇپ قالغان يارىدارلارنى قۇتقۇزغاندا ئىسسىق ساقلاش لازىم. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
8.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئالدى تەرەپتىكى بەلگە يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئاخىرلىشىش نوقتىسىغا يەنە 2 كىلومېتىر قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
9.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن ئايرىلغاندا قايسى چىراغنى يېقىش لازىم. 本题解析
A.سولغا بۇرۇلۇش چىرىغىنى
B.ئوڭغا بۇرۇلۇش چىرىغىنى
C.خەتەرگە دىققەت قىلىش سىگنال چىرىغىنى
D.ئالدى چىراغنى
正确答案:B
10.ئاپتوموبىل يېنىچە تېيىلىپ كەتكەندە دەرھال ( )بىلەن بىرگە رولنى تېيىلغان تەرەپكە ئايلاندۇرۇپ،ھەمدە رولنى قايتۇرۇپ تەڭشەپ تۈزلىنىۋالغاندىن كېيىن داۋاملىق يول يۈرۈش لازىم. 本题解析
A.قول تورموز دەستىسىنى چىڭ تارتىش
B.ماي پىدالىنى دەسسەش
C.ئايرىغۇچ-قوشقۇچ(موفتا) پىدالىنى دەسسەش
D.تورموز پىدالىنى بوشۇتۇش
正确答案:D
11.ھەيدىگۈچى يۈرۈش جەريانىدا چاقنىڭ ئېتىلىپ كەتكەنلىكىنى سەزگەندە، يۆنىلىشنى كونترول قىلىش بىلەن بىرگە، جىددىي تورمۇزلاپ ئاپتوموبىلنى دەرھال مەجبۇرىي توختىتىش لازىم. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
12.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ مەكتەپ ئالدىدىن ئۆتۈۋاتقاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ 本题解析
A.قاتناش بەلگىسى، قاتناش بەلگە سىزىقلىرىنى ئوبدان كۆزىتىش كېرەك
B.سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئاستا يۈرۈش كېرەك
C.سىگنال بەرمەسلىك كېرەك
D.تېزدىن ئۆتۈپ كېتىش كېرەك
正确答案:ABC
13.يې ×× ئوتتۇرا تىپتىكى كوزۇپلۇق يۈك ئاپتوموبىلىنى سائىتىگە 40 كىلومېتىرلىق سۈرئەتتە ھەيدەپ پوتۇ بازىرىنىڭ شاڭۋىنشىئەن دېگەن جاينىڭ 3 كىلومېتىرلىق بۆلىكىنىڭ 600 مېتىر كېلىدىغان يىرىدىكى ئايلانمىدىن ئۆتۈۋاتقاندا ئۇدۇلدىن كېلىۋاتقان ۋاڭ ×× ھەيدىگەن 19 ئادەم ئولتۇرغان ئۈچ چاقلىق يۈك توشۇيدىغان موتوسىكىلىت بىلەن سوقولۇپ، 10 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى،9 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىدەك پەۋقۇلئادە زور قاتناش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئىككى تەرەپ ھەيدىگۈچىنىڭ بۇ ۋەقەدىكى قانۇنغا خىلاپ ئاساسلىق قىلمىشى قايسى؟ 本题解析
A.يې ×× ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تىپىغا ماس كەلمەيدىغان ئاپتوموبىلنى ھەيدىگەن
B.ۋاڭ ×× ئۈچ چاقلىق موتوسىكىلىتقا قانۇنغا خىلاپ ئادەم سالغان
C.يې ×× زىيادە تېز سۈرئەتتە يول يۈرگەن
D.ۋاڭ ×× سىگنال چىرىغىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يول يۈرمىگەن
正确答案:BC
14.سۈن ×× مەلۇم بىر كۈنى سائەت 3 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، 54 ئادەم ئولتۇرغان چوڭ تىپتىكى ئاپتوبۇسنى ھەيدەپ(بەلگىلەنگەن ئادەم سانى 55) سۈييۆ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولىنىڭ 229 كىلومېتىرلىق بۆلىكىنىڭ 300 مېتىر كېلىدىغان يېرىگە كەلگەندە ئاپتوبۇسنى توختاتقان.يولۇچىلار ئاپتوبۇستىن چۈشۈۋاتقاندا، ئارقا تەرەپتىن كېلىۋاتقان لى ×× ھەيدىگەن ئېغىر تىپلىق يېرىم پرىتسېپلىق يۈك ئاپتوموبىلى ئاپتوبۇسنىڭ ئارقىسىغا سوقۇلۇپ 26 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى،29 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىدەك پەۋقۇلئادە زور قاتناش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، لى ×× نىڭ ئالدىنقى كۈنى سائەت 18 دە يولغا چىقىپ تاكى ھادىسە يۈز بەرگىچە بولغان مۇساپە جەريانىدا ئارىلىقتا دەم ئالمىغانلىقى ئېنىقلانغان.بۇ ۋەقەدە ئىككى تەرەپ ھەيدىگۈچىلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئاساسلىق قىلمىشى قايسى؟ 本题解析
A.سۈن ×× قانۇنغا خىلاپ توختىغان
B.سۈن ×× ئاپتوبۇسقا نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سالغان
C.لى ×× زىيادە تېز سۈرئەتتە يول يۈرگەن
D.لى ×× چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن
正确答案:AD
15.تورموز تۇتۇۋىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قۇرۇلمىسى(ABS) بولغان ياكى بولمىغان ئاپتوموبىلنى قارلىق يولدا ھەيدىگەندە قوللۇنىدىغان توغرا ئۇسۇل( )دىن ئىبارەت. 本题解析
A.بوش خوتتا يۈرۈش
B.تورموزلىغاندا قارنىڭ قارشىلىق كۈچى ۋە موتورنىڭ قارشىلىق كۈچىدىن پايدىلىنىپ سۈرئەتنى كىمەيتىش
C.مۇزلۇق يولدا خوتنى تۆۋەنلىتىپ تورموزلىغاندا ئاسان تېيىلىپ كىتىدۇ
D.ھەركەتلەندۈرگۈچى چاقنىڭ يېپىشىش كۈچى بولغاچقا، چاق ئاسانلىقچە تېيىلىپ كەتمەيدۇ
正确答案:B
16.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئەھۋالدا ئاساسىيي يولدىكى ئاپتوموبىل ئېقىمىغا قانداق قوشۇلۇش كېرەك؟ 本题解析
A.سۈرئەتنى تېزلىتىپ بىۋاسىتە ئاپتوموبىل ئېقىمىغا قوشۇلۇش كېرەك
B.ئاساسىيي يولدىكى كۈلرەڭ پىكاپنىڭ كەينىدىن ئاپتوموبىل ئېقىمىغا قوشۇلۇش كېرەك
C.ئاساسىيي يولدىكى قىزىل پىكاپنىڭ ئالدىدىن ئاپتوموبىل ئېقىمىغا قوشۇلۇش كېرەك
D.بۇرۇلۇش چىرىغىنى ياندۇرۇپ بىۋاسىتە ئاپتوموبىل ئېقىمىغا قوشۇلۇش كېرەك
正确答案:B
17.ئاپتوموبىلنى ھەيدەش جەرياندا ئۇلاق ھارۋىلىرىغا يولۇققاندا سىگنال بېرىپ ئۇلارنى يول بېرىشكە ئاگاھلاندۇرۇش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
18.تۇمانلىق كۈنلەردە يۈرگەندە، سىگنال بېرىپ قارشى تەرەپنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىش لازىم. قارشى تەرەپنىڭ سىگنال ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا دەرھال سىگنال بېرىش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
19.ئومۇرتقىسى زەخمىلەنگەن يارىدارلارنى يۆتكىگەندە،يۇمشاق نوسولكا بىلەن يۆتكەش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
20.چاقنىڭ ئېتىلىپ كېتىشىدىكى خاتا قىلمىش قايسى؟ 本题解析
A.چاقنىڭ يەل بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش
B.چاقنىڭ يەل بېسىمىنى قەرەرلىك تەكشۈرۈپ تۇرۇش
C.چاق ئېرىقچىلىرىغا كىرىۋالغان نەرسىلەرنى دەل ۋاقتىدا چىقىرىۋېتىش
D.دەز كەتكەن ياكى چوڭقۇر زەخىملەنگەن چاقنى ئالماشتۇرۇۋېتىش
正确答案:A
21.ھاراق ئىچىپ قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگەنلەرنىڭ،موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسى( )ئاي تۇتۇپ قىلىنىدۇ.ھەم 1000يۇەندىن يوقىرى2000يۇەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىلىدۇ.جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناشنى باشقۇرۇش تارمىقى مەست بولۇپ قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگەنلەرنى تاكى مەستلىكى يېشىلگىچە تۇتۇپ تۇرىدۇ.ھەيدەش كېنىشكىسى كۈچدىن قالدۇرۇلۇپ،قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.( )يىل ئىچىدە ھەيدەش كېنىشكىسنى قايتىدىن ئىلتىماس قىلىپ ئېلىشىغا بولمايدۇ. 本题解析
A. 3، 2
B. 6، 5
C. 12، 10
D. 6، 2
正确答案:B
22.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەر ھەيدەش،مەدىنىيەتلىك ھەيدەش، ھەيدىگۈچىلەردە بولۇشقا تىگىشلىك تەبىئي خىسلەت. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
23.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك يول يۈزىدىكى تور شەكىللىك سىزىق ئېچىگە كېرىپ ئاپتوموبىلنى توختىتىپ ساقلاپ تۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
24.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە بۇ جايدا سىگنال بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
25.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تۇمانلىق كۈنلەردە ھەيدىگەندە ئاپتوموبىلغا قانداق ئەگىشىپ مېڭىش( ) كېرەك؟ 本题解析
A.ئارىلىقنى چوڭ قالدۇرۇپ يۈرۈش
B.پات-پات سىگنال بېرىش
C.يېقىننى يورۇتۇش چىرىغىنى ياندۇرۇپ يۈرۈش
D.يېراقنى يورۇتۇش چىرىغىنى ياندۇرۇپ يۈرۈش
正确答案:A
客服电话(微信同号):181-1187-1573 | 黔ICP备15004437号-1 |
© 2010-2019驾考金点通 版权所有 Powerde by:jkjdt.com