题库语言:ئۇيغۇرچە(维语)
语言选择: 中文汉语 ئۇيغۇرچە(维语) قازاقشا(哈语)
车型: 小车科目一 小车科目四 客车科目一 客车科目四 货车科目一 货车科目四 摩托车科目一 摩托车科目四
ھەيدىگۈچى يۈرۈش جەريانىدا چاقنىڭ ئېتىلىپ كەتكەنلىكىنى سەزگەندە، يۆنىلىشنى كونترول قىلىش بىلەن بىرگە، جىددىي تورمۇزلاپ ئاپتوموبىلنى دەرھال مەجبۇرىي توختىتىش لازىم.
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
1.قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ھەر قايسى ئالاقىدارلار نەخ مەيداننى قوغدىماي، ھادىسىنىڭ ئاساسى پاكىتىنى تەكشۈرۈپ چىقىشقا ئامال بولماي قالغاندا( ).
2.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك يول ئېغىزىدىكى سېرىق ئۈزۈك سىزىق، قارىمۇ-قارشى يۇرۈۋاتقان ئاپتوموبىل يولىنى ئايرىيدىغان پاسىل سىزىق بولۇپ،ئاپتوموبىللارنىڭ بۇرۇلۇپ يۇرۇشىنى بىلدۇرىدۇ
3.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئەھۋالغا يولۇققاندا قانداق قىلغاندا بىخەتەر ئۆتكىلى بولىدۇ؟
4.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى يول بۆلىكىدە يولنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكىنى،ئۈتۈشكە بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ
5.ناچار ھاۋا كىلىماتىدا ھەيدىگۈچىنىڭ بىخەتەر ھەيدىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق ئامىل:يامغۇرلۇق كۈنلەردە سۇ يىغىلىپ قالىدۇ،تۇمانلىق كۈنلەردە كۆرۈش دەرىجىسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ،قىش پەسلىدە يولنى مۇز قاپلاپ تىيىلغاق بولۇپ كېتىدۇ.
6.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تاغ يوللىرىدا رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئەھۋالغا يولۇققاندا قانداق يۈرۈش كېرەك؟
7.قاتناش ئەخلاقى بىلەن قاتناش قانۇنىنىڭ مۇناسىۋىتى بولسا قاتناش ئەخلاقىنى قاتناش قانۇنىغا سىلىشتۇرغىلى بولمايدىغان ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە بولۇپ،ئىككىسى بىر-بىرىگە بىقىندا ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.قاتناش ئەخلاقى،قاتناش قانۇنىنىڭ موھىم بولغان تولۇقلىمىسى ۋە قوشۇمچە كۈچى ھىساپلىنىدۇ.
8.يې ×× ئوتتۇرا تىپتىكى كوزۇپلۇق يۈك ئاپتوموبىلىنى سائىتىگە 40 كىلومېتىرلىق سۈرئەتتە ھەيدەپ پوتۇ بازىرىنىڭ شاڭۋىنشىئەن دېگەن جاينىڭ 3 كىلومېتىرلىق بۆلىكىنىڭ 600 مېتىر كېلىدىغان يىرىدىكى ئايلانمىدىن ئۆتۈۋاتقاندا ئۇدۇلدىن كېلىۋاتقان ۋاڭ ×× ھەيدىگەن 19 ئادەم ئولتۇرغان ئۈچ چاقلىق يۈك توشۇيدىغان موتوسىكىلىت بىلەن سوقولۇپ، 10 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى،9 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىدەك پەۋقۇلئادە زور قاتناش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئىككى تەرەپ ھەيدىگۈچىنىڭ بۇ ۋەقەدىكى قانۇنغا خىلاپ ئاساسلىق قىلمىشى قايسى؟
9.مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ يول يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىغان ھەرىكەت( )دىن ئىبارەت.
10.قاتناش سىگناللىرى-قاتناش چىراغ سىگنالى،يول قاتناش بەلگىلىرى،( )ۋە قاتناش ساقچىسىنىڭ قوماندىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
1.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى مەخسوس ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇس يولىدا ۋاقىتلىق يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ
2.رول ئىشلىمىگەندىن كېيىن ئاپتوموبىل ئۇدۇل يۈرۈش لىنىيەسىدىن چەتنىسە، قانداق قىلغاندا دەرھال سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ توختاتقىلى بولىدۇ؟
3.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى رەسىمدىكىدەك يول ئېغىزىدا سولغا بۇرىغاندا ئالدىن يول كۆرسەتكۈچ ئىسترېلكىسى سىزىلغان يۆنىلىشكە ئاساسەن سول تەرەپكە يول ئۆزگەرتىش كېرەك
4.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا جىددىيي ئەھۋالغا يولۇققاندا، خەتەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
5.لاۋ جاڭ دوستىنىڭ ئۆيىدە ھاراق ئىچىپ مەست بولغاندىن كېيىن ۋېلىسپېت مېنىپ ئۆيگە كېتىمەن دەپ چىڭ تۇرىۋالىدۇ.ئۇ دوستلىرىغا ۋېلىسپېتنىڭ سۈرئىتى ئاستا،ھىچ قانداق خەتىرى يوق دەيدۇ.ئۇنىڭ دىگىنى توغرىمۇ؟
6.ياڭ×× ئۆزگەرتىپ قوراشتۇرۇلغان كېچىك تىپتىكى مىنىبۇسنى ھەيدەپ (بەلگىلەنگەن ئادەم سانى 9،ئەمەلىيەتتە64 ئادەم سالغان،بۇنىڭ ئىچىدە 62سى بالىلار باغچىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى)ھەيدەپ يۈلىنزى بازىرىنىڭ ماساۋگۇ كەنتىگە كەلگەندە قارشى تەرەپ يولىنى ئىگىلەپ يۈرگەن قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتقان ئېغىر تىپتىكى بىر يۈك ئاپتوموبىلىغا سوقۇلۇپ كېتىپ 22 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى،44 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىدەك پەۋقۇلئادە زور قاتناش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ياڭ ××نىڭ بۇ ۋەقەدىكى قانۇنغا خىلاپ ئاساسلىق قىلمىشى قايسى؟
7.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدە توختاپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ چىقىپ-چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، بىر يۆنىلىشتە پەقەت بىرلا ئاپتوموبىل يولى بولسا، ئارقىدىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى دەرھال توختاپ ساقلاپ تۇرۇشى كېرەك.
8.ھەرىكەتلىك رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئالدىدا كېتىۋاتقان ئاپتوموبىل رەسىمدىكىدەك ئەھۋالغا يولۇققاندا ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟
9.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئاپتوموبىل يول يۈزىدىكى يۆنىلىش كۆرسىتىدىغان ئىسترېلكا ئالدى تەرەپتىكى يولدا ئوڭغا ۋە سولغا بۇرۇلۇشقىلا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ
10.رەسىمدىكى قاتناش ساقچىسىنىڭ قول ئىشارىتى توختاشنى بىلدۈرىدۇ
客服电话(微信同号):181-1187-1573 | 黔ICP备15004437号-1 |
© 2010-2019驾考金点通 版权所有 Powerde by:jkjdt.com