当前题库:ئۇيغۇرچە(维语)客车科目四
语言: 中文汉语 ئۇيغۇرچە(维语) قازاقشا(哈语)
车型: 小车科目一 小车科目四 客车科目一 客车科目四 货车科目一 货车科目四 摩托车科目一 摩托车科目四
1.لىن××ئاپتوموبىلنى سائىتىگە110كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن شەھەر ئىچىدە ھەيدەپ ، ئالدىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ ئارقىسىغا سوقۇۋېتىپ ئاپتوموبىلىنى تاشلاپ قېچىپ كېتىۋاتقاندا، كوچىدىكى ئامما تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنغان.تەكشۈرۈش ئارقىلىق لىن×× ھادىسە سادىر قىلغاندا ئۇنىڭ قان تەركىبىدىكى ئىسىپىرتنىڭ قويۇقلۇقى 135.8مىللى گىرام/يۈز مىللى لىتىر ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. لىن××نىڭ بۇ ۋەقەدىكى قانۇنغا خىلاپ ئاساسلىق قىلمىشى قايسى؟ 本题解析
A.ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش
B.ئاپتوموبىلنى زىيادە تېز سۈرئەتتە ھەيدەش
C.ئاپتوموبىلنى زىيادە چارچاپ ھەيدەش
D.ھادىسە سادىر قىلغاندىن كېيىن قېچىپ كېتىش
正确答案:ABD
2.ھەيدىگۈچىنىڭ تەكرار يول ئۆزگەرتىپ يۈرۈشى ھەيدەشتىكى بىر خىل ناچار ئادەت ھېسابلىنىدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
3.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك يول يۈزىدىكى مەركىزىيي سېرىق ئۈزۈك سىزىق بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغان ئەھۋالدا ئۈزۈك سىزىقتىن ھالقىپ ئۆتۈپ يانداشقا بولدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
4.يامغۇرلۇق كۈنلەردە سۇدا تېيىلىش ھادىسىسى ئوڭاي يۈز بېرىدىغان بولۇپ،بۇ يامغۇردا ھادىسە ئاسان يۈز بېرىشدىكى سەۋەپلەرنىڭ بىرىدۇر. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
5.نورمال يۈرۈش جەريانىدا ئىمكانقەدەر يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا ياكى سىزىقنى بېسىپ يول يۈرۈش، قارشى تەرەپ ئاپتوموبىلنىڭ يول ئىگىلىۋېلىشىغا قەتئى پۇرسەت بەرمەسلىك لازىم. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
6.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئۇدۇل كېلىۋاتقان موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىغا يول بېرىشكە دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
7.ئاپتوموبىلنى قار-مۇزلۇق يوللاردا توختاتقاندا ياكى سۈرئىتىنى ئاستىلاتقاندا ئىمكان قەدەر ئالدىنى ئېلىش خاراكتىرلىك تورمۇز قىلىش ياكى موتورنىڭ تورموزلاش رولىدىن پايدىلىنىش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
8.يۈرۈش جەريانىدا رول ئىشلىمەي يۈرۈش لىنىيەسىدىن چەتنەپ كەتكەندە قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ 本题解析
A.رولنى جىددىي ئايلاندۇرۇپ، يۆنىلىشنى توغرىلاش
B.دەرھال سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ توختاش
C.رولنى توسالغۇ يوق تەرەپكە ئايلاندۇرۇپ ئۆزىنى دالدىغا ئېلىش
D.رولنى توسالغۇ بار تەرەپكە ئايلاندۇرۇپ ئۆزىنى دالدىغا ئېلىش
正确答案:B
9.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئالدى تەرەپتىكى بەلگە ھەر قايسى يول ئېغىزىنىڭ چىقىش ئېغىزىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
10.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەكدەك ئەھۋالدا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يانداشقا بولمايدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
11.قاتناش ساقچىسىنىڭ رەسىمدىكىدەك قول ئىشارىتىنى كۈرگەندە قانداق يۈرۈش كېرەك ؟ 本题解析
A.ئۇدۇل يۈرۈش كېرەك
B.ئاپتوموبىلنى توختىتىپ ساقلاش كېرەك
C.ئوڭغا بۇرۇلۇش كېرەك
D.سولغا بۇرۇلۇش كېرەك
正确答案:B
12.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك يول بۆلىكىدىن ئۆتكەندە ئالدىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ سول تەرىپىدىن يانداشقىلا رۇخسەت قىلىنىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
13.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپتىكى 200مېتىر ئارىلىقتا توغان يول بارلىقىغا دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتىش بەلگىسى 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
14.كېچىدە ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە( )دىققەت قىلىش كېرەك. 本题解析
A.ئالدىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ تېزلىكىگە ئاساسەن سۈرئەتنى كونتىرول قىلىش
B.ئەگىشىپ مېڭىش ئارىلىقىنى ئاپتوموبىلنىڭ شۇ چاغدىكى سۈرئىتىگە ئاساسەن بەلگىلەش
C.چىراغلارنى توغرا ئىشلىتىشكە
D.ئوڭ ۋە سول ياندىن يولنى كېسىپ ئۆتىۋاتقان پىيادىلەرگە دىققەت قىلىش
正确答案:C
15.يامغۇر ياغقاندا ئاپتوموبىلنى ۋاقىتلىق توختاتقاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ 本题解析
A.خەتەرگە دىققەت قىلىش سىگنال چىرىغىنى يېقىش كېرەك
B.ئالدى-كەينى تۇمان چىرىغىنى يېقىش كېرەك
C.يېقىننى يورۇتۇش چىرىغىنى يېقىش كېرەك
D.ئاپتوموبىلنىڭ ئارقىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسىنى قويۇش كېرەك
正确答案:A
16.ناچار ھاۋا كىلىماتىدا ھەيدىگۈچىنىڭ بىخەتەر ھەيدىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق ئامىل:يامغۇرلۇق كۈنلەردە سۇ يىغىلىپ قالىدۇ،تۇمانلىق كۈنلەردە كۆرۈش دەرىجىسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ،قىش پەسلىدە يولنى مۇز قاپلاپ تىيىلغاق بولۇپ كېتىدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
17.ئاپتوموبىلنى ياندىغاندا ئوڭ تەرەپتىن ياندىسا بولىدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
18.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئەھۋالغا يولۇققاندا، يۈرۈش يولىغا قانداق كىرىش كېرەك؟ 本题解析
A.سۈرئەتنى كونترول قىلىپ، ئاپتوموبىلغا ئەگىشىپ كىرىش كېرەك
B.سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئىككىنچى ئاپتوموبىلدىن بۇرۇن كىرىش كېرەك
C.سۈرئەتنى تېزلىتىپ بىرىنچى ئاپتوموبىلدىن بۇرۇن كىرىش كېرەك
D.خالىغان ئىككى ئاپتوموبىلنىڭ ئارىلىقىغا قىستۇرۇلىۋېلىشى كېرەك
正确答案:A
19.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئەھۋالغا يولۇققاندا،پىيادىلەرگە قانداق قىلىپ ئەدەپ بىلەن يول بەرگىلى بولىدۇ؟ 本题解析
A.پىيادىلەر ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن قوزغىلىش
B.پىيادىلەرنىڭ ئالدىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىش
C.سىگنال بېرىپ پىيادىلەرنى يول بېرىشكە ئاگاھلاندۇرۇش
D.ئاپتوموبىلنى ئورنىدىن قوزغاپ، پىيادىلەرگە ئاستا يېقىنلىشىش
正确答案:A
20.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەكدەك يول ئېغىزىدا سولغا بۇرۇلغاندا يول ئېغىزى مەركىزىيگە تايىنىپ سولغا بۇرۇلۇش كېرەك 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
21.پۈتۈن بەدىنى كۆيۈپ كەتكەن يارىدارنى قۇتۇلدۇرغاندىكى خاتا تەدبىر بولسا( ): 本题解析
A.قۇم-توپىلار بىلەن يېپىش
B.كېيىم-كېچەكلەرگە تۇتاشقان ئوتنى دەرھال ئۆچۈرۈش
C.بەدەنگە سوغۇق سۇ چېچىش
D.كۆيۈپ كەتكەن كىيىملىرىنى سالدۇرىۋىتىش
正确答案:A
22.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەكدەك ئەھۋالغا يولۇققاندا قانداق يۈرۈش كېرەك؟ 本题解析
A.سەپ بولۇپ تېزىلىپ ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ئالدىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈش كېرەك
B.سۈرئەتنى ئاستىلىىپ ئاستا ئۆتۈش كېرەك
C.دەرھال توختاپ يول بېرىش كېرەك
D.تېزىلىپ ماڭغانلارنىڭ ئارىسىدىكى بوشلۇقتىن ئۆتۈپ كېتىش كېرەك
正确答案:C
23.ئىھتىيات بىلەن ھەيدەشنىڭ ئۈچ پىرىنسىپى:دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش،تەپسىلى كۈزىتىش ۋە بالدۇر ئالدىنى ئېلىش. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
24.سۇدىن ئۆتكەندە ئاپتوموبىلنىڭ يېتەرلىك بولغان ئېنېرگىيەسىگە كاپالەتلىك قىلىپ، يېرىم يولدا توختاپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
25.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئالدى ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپتىكى يول ئېغىزىدا ئايلىنىپ يۇرۇش يولى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
客服电话(微信同号):181-1187-1573 | 黔ICP备15004437号-1 |
© 2010-2019驾考金点通 版权所有 Powerde by:jkjdt.com