当前题库:ئۇيغۇرچە(维语)客车科目四
语言: 中文汉语 ئۇيغۇرچە(维语) قازاقشا(哈语)
车型: 小车科目一 小车科目四 客车科目一 客车科目四 货车科目一 货车科目四 摩托车科目一 摩托车科目四
1.قار ياققان كۈنلەردە يۈرگەندە( )تەلەپ قىلىنىدۇ. 本题解析
A.ماي پىدالىنى ئاستا دەسسەش
B.سۈرئەتنى ئاستىلىتىش
C.رولنى ئاز ئايلاندۇرۇش
D.ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى كۆپ قىلىش
正确答案:ABCD
2.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ يولغا چىققاندا،ئۇنىڭغا ئوت ئۆچۈرگۈچ ۋە دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كىلىدىغان( )سەپلەنگەن بولۇشى كېرەك. 本题解析
A.كاشىلا بىر تەرەپ قىلىش ئاپتوموبىلىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى
B.داۋالاش ساندۇقى
C.زاپاس چاق
D.جىددىي قۇتقۇزۇش ئەسلىھەلىرى
正确答案:A
3.تاڭ ×× 74 ئادەم ئولتۇرغان چوڭ تىپتىكى ئاپتوبۇسنى(بەلگىلەنگەن ئادەم سانى 30) سائىتىگە 38 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ئۇدا ئايلانما تاغ يولىدىن چۈشۈۋاتقاندا ئاپتوبۇس ئۆرۈلۈپ، يول بويىدىكى كۆلگە چۈشۈپ كېتىپ 17ئادەمنىڭ ئۆلۈشى،57 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىدەك پەۋقۇلئادە زور قاتناش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. تاڭ ××نىڭ بۇ ۋەقەدىكى قانۇنغا خىلاپ ئاساسلىق قىلمىشى قايسى؟ 本题解析
A.ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن
B.ئاپتوبۇسقا نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سالغان
C.چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن
D.زىيادە تېز سۈرئەتتە يول يۈرگەن
正确答案:BD
4.قاتناش بەلگىلىرى:كۆرسەتكۈچ بەلگىلىرى،ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىلىرى،مەنئى قىلىش بەلگىلىرى،يول كۆرسىتىش بەلگىلىرى،ساياھەت رايونى بەلگىلىرى،يول قۇرۇلۇش بىخەتەرلىك بەلگىلىرى ۋە ( )بەلگىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 本题解析
A.باشقا
B.مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان
C.قوشۇمچە
D.چەكلەش
正确答案:C
5.پىيادىلەر توغرى يولى يوق يوللاردا يولدىن ئۆتۈشكە توغرى كەلگەندە،ئەگەر يولدا ئاپتوموبىل بولمىسا يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا مېڭىشقا بولىدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
6.ئاپتوموبىل ئايلانغاندا رول تۇيۇقسىز ئىشلىمىسە، ئالدىدىكى يولنىڭ شارائىتى ئۇدۇل يۈرۈشكە ماس كەلسە ئاپتوموبىلنى جىددىي تورمۇزلىماسلىق لازىم. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
7.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى سۇ تاشقان كۆۋرۈكدىن ئۆتكەندە ئاپتوموبىلنى توختىتىپ، سۇ ئەھۋالىنى كۆزىتىپ،بىخەتەرلىككە كۆز يەتكەندىن كېيىن قانداق ئۆتكۈزۈش كېرەك؟ 本题解析
A.يۇقىرى خوتتا سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئۆتۈپ كېتىش كېرەك
B.سۇ ئېقىمىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ۋاقتىدا كۆزىتىش كېرەك
C.ھەرۋاقىت توختاش تەييارلىقىدا تۇرۇش كېرەك
D.تۆۋەن خوتتا تەكشى سۈرئەتتە ئۆتۈش كېرەك
正确答案:D
8.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى رەسىمدىكىدەك يولدا قانداق ھەيدىسە ئەڭ بىخەتەر بولىدۇ؟ 本题解析
A.سۈرئەتنى ئىمكانقەدەر تېزلىتىپ ئالدىدىكى ئاپتوموبىلدىن ئۆتۈپ كېتىش
B.سىگنال بېرىپ ئالدىدىكى ئاپتوموبىلنى يول بېرىشكە قىستاش
C.مۇۋاپىق ئارىلىقنى ساقلاپ،ئاپتوموبىلغا ئەگىشىپ مېڭىش
D.ئالدىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن يانداش
正确答案:C
9.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ قويۇق تۇمانلىق كۈنلەردە كۆرۈش دەرىجىسى ئىنتايىن تۆۋەن ئەھۋالدا قانداق يۈرۈش كېرەك؟ 本题解析
A.ئالدى چىراغنى يېقىپ تۆۋەن سۈرئەتتە يۈرۈش كېرەك
B.تۇمان چىرىغىنى يېقىپ تۆۋەن سۈرئەتتە يۈرۈش كېرەك
C.بىخەتەر جاينى تېپىپ توختاش كېرەك
D.يول ياقىسىنى بويلاپ تۆۋەن سۈرئەتتە يۈرۈش كېرەك
正确答案:C
10.يامغۇرلۇق كۈنلەردە سۇدا تېيىلىش ھادىسىسى ئوڭاي يۈز بېرىدىغان بولۇپ،بۇ يامغۇردا ھادىسە ئاسان يۈز بېرىشدىكى سەۋەپلەرنىڭ بىرىدۇر. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
11.پىراكتىكانت ھەيدىگچى خەتەرلىك بويۇملارنى توشۇيدىغان قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىسە بولىدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
12.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپتە ئېقىم ئايرىش يول ئېغىزى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
13.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىدا كاشىلا كۆرۈلسە ياكى قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرسە بەلگىلىمە بويىچە بىخەتەرلىك تەدبىرىنى قوللۇنىپ،ھەيدىگۈچى ۋە يولۇچىلار( )كېرەك. 本题解析
A.ئەسلى ئورنىدىن قوزغالماي بىر تەرەپ قىلىشنى كۈتۈش
B.ئاپتوموبىل ئىچىدە ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىش
C.تېزدىن بىخەتەر جايغا يۆتكىلىش
D.ئاپتوموبىلنى ئوڭشاش ياكى ئالاقىدار تەرەپ بىلەن مۇنازىرلىشىش
正确答案:C
14.تورموز تۇتۇۋىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قۇرۇلمىسى بار ياكى يوق بولغان ئاپتوموبىلنى قارلىق يولدا ھەيدىگەندە بوش خوتتا يۈرۈشكە بولمايدۇ.تورموزلىغاندا قارنىڭ قارشىلىق كۈچى ۋە موتورنىڭ قارشىلىق كۈچىدىن پايدىلىنىپ سۈرئەتنى ئاستىلىتىش لازىم.مۇزلۇق يولدا خوتنى تۆۋەنلىتىپ تورموزلىغاندا گەرچە تىيىلىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ھەركەتلەندۈرگۈچى چاقنىڭ يېپىشىش كۈچى بولغاچقا، ئوخشاشلا كۈچ تەسىرىگە ئۇچراپ،يەنىلا بوش خوتتا قۇرۇق ئايلانغاندىكىدىن كۆپ ياخشى بولىدۇ-دە چاقمۇ ئاسانلىقچە تېيىلىپ كەتمەيدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
15.ئالتە ياشلىق قىز گۈلنۇر دادىسىنىڭ ئىككى چاقلىق موتوتسىكىلىتىغا ئولتۇرۇپ مەكتەپكە بارسا بولمايدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
16.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىكى ئاق ئۈزۈك سىزىق بەلگىسى يول يۈرگەندە ئاپتۇموبىل سۈرئىتىگە ھۆكۈم قىلىشتا پايدىلنىش ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەيدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
17.چاق ئېتىلىپ كەتكەندىن كېيىن ھەيدىگۈچى سۈرئەتنى كونترول قىلىشتىن ئاۋۋال ئاپتوموبىلنىڭ يان تەرەپكە ئاغدۇرۇلۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەرگىزمۇ تورمۇز پىدالىنى چىڭ دەسسەپ توختىتىشقا بولمايدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
18.چىن فامىلىلىك ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ ئىدارە باشلىقىنى ئالغىلى كېتىۋاتقاندا،ئالدى تەرەپتە بىر بوۋاينىڭ يولنى توغرى كېسىپ ئۆتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالىدۇ.بۇ چاغدا چىن فامىلىلىك قانداق قىلىشى كېرەك؟ 本题解析
A.ئۈزمەي سىگنال بېرىپ ئاگاھلاندۇرۇش
B.سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئالدى تەرەپتىن ئۆتۈپ كېتىش
C.تېزلىكتە ئارقا تەرەپتىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىش
D.سۈرئەتنى ئاستىلىتىش ياكى توختاپ يول بېرىش
正确答案:D
19.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ توسۇلۇپ قالغان يول ئېغىزىدا رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئەھۋالغا يولۇققاندا قانداق يۈرۈش كېرەك؟ 本题解析
A.ئەسلىي ئاپتوموبىل يولىغا چۈشۈپ يۈرۈش كېرەك
B.ئالدىدىكى ئاپتوموبىلغا يېقىن ئەگىشىپ يول بەرمەسلىك كېرەك
C.ئەدەپ بىلەن يول بېرىپ يۈرۈش كېرەك
D.سىگنال بېرىپ ئالدى چىراغنى ياندۇرۇپ يۈرۈش كېرەك
正确答案:C
20.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ تاغقا يانداشقان خەتەرلىك يول بۆلەكلىرىدىن ئۆتۈۋاتقاندا ئوڭ تەرەپ بىلەن يۈرۈش لازىم. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
21.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يۈرگەندە، ئېھتىياتسىزلىقتىن چىقىش ئېغىزىدىن ئۆتۈپ كېتىپ، كېلەركى چىقىش ئېغىزى يىراقراق بولسا، بۇ چاغدا قانداق قىلىش كېرەك؟ 本题解析
A.يول ياقىسىنى بويلاپ ئاپتوموبىلنى ياندۇرۇپ قايتىپ كېتىش كېرەك
B.داۋاملىق ئالدىغا قاراپ يۈرۈش كېرەك
C.دەرھال توختاش كېرەك
D.دەرھال ئاپتوموبىلنى قايتۇرۇش كېرەك
正确答案:B
22.ھەيدىگۈچى چاقتىن يەل قاچقانلىقىنى سەزسە ئاپتوموبىلنى غول يولدىن ھەيدەپ چىققاندا ئاغدۇرۇلۇپ كېتىش ياكى ئارقىدىكى ئاپتوموبىل دەل ۋاقتىدا تورمۇز قىلالماي ئارقا تەرەپكە سوقۇۋېتىشدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇنى جىددىي تورمۇز قىلىشقا بولمايدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
23.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپتىكى تاغ ئېغىزىدا توغرا شامالغا دىققەت قىلىشنى ئاگاھلاندۇش بەلگىسى 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
24.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك يولنىڭ ئوڭ تەرپىدىكى ئاپتوموبىل يولىنىڭ ياقىسىغا سىزىلغان ئاق ئۈزۈك سىزىقدىن ھالقىپ ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
25.يوللاردا قاتناشقا ئائىت پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ھەر قايسىسى ئۆز يولىدا يۈرۈش پىرىنسىپىغا رىئايە قىلىشى شەرت.يولدا كېتىۋاتقان پىيادىلەر چوقۇم ( ) يۈرۈشى كېرەك. 本题解析
A.شەھەرنىڭ تېز سۈرئەتلىك يولىدا
B.پىيادىلەر يولىدا
C.كونتىرول قىلىنىدىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولىدا
D.موتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى يولىدا
正确答案:B
客服电话(微信同号):181-1187-1573 | 黔ICP备15004437号-1 |
© 2010-2019驾考金点通 版权所有 Powerde by:jkjdt.com