当前题库:ئۇيغۇرچە(维语)客车科目四
语言: 中文汉语 ئۇيغۇرچە(维语) قازاقشا(哈语)
车型: 小车科目一 小车科目四 客车科目一 客车科目四 货车科目一 货车科目四 摩托车科目一 摩托车科目四
1.موتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى قوش يۆنىلىشلىك تونىلغا ھەيدەپ كىرىشتىن بۇرۇن قايسى چىراغنى يېقىش كېرەك؟ 本题解析
A.خەتەرگە دىققەت قىلىش سىگنال چىرىغىنى يېقىش كېرەك
B.يىراقنى يورۇتۇش چىرىغىنى يېقىش كېرەك
C.تۇمان چىرىغىنى يېقىش كېرەك
D.يېقىننى يورۇتۇش چىرىغىنى يېقىش كېرەك
正确答案:D
2.ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ يولغا چىقىشتا، نومۇر تاختىسى ئېسىش، تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلىق بەلگىسى، سۇغۇرتا بەلگىسى ئېلىۋىلىش ھەم ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ( ) بىللە ئېلىپ يۈرۈش كېرەك. 本题解析
A.يول يۈرۈش كېنىشكىسىنى
B.تىزىمغا ئالدۇرۇش كېنىشكىسىنى
C.تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغان گۇۋانامىسىنى
D.سېتىۋالغاندىكى باج تاپشۇرۇش ئىسپاتىنى
正确答案:A
3.ھۇشىدىن كەتكەن يارىدارلارنى قۇتۇلدۇرغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ 本题解析
A.دەرھال يۈرەك، ئۆپكىنىڭ خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك
B.يارىدارنىڭ ئۈستۈنكى كالپۇكىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بۇرۇننىڭ ئاستىغا توغرا كىلىدىغان يېرىنى قاتتىق بېسىش كېرەك
C.يارىدارنىڭ يۈزىگە شاپىلاق بىلەن ئۇرۇش كېرەك
D.قۇتۇلدۇرۇشتىن بۇرۇن نەپەسلىنىشىنى تەكشۈرۈش كېرەك
正确答案:D
4.ئاپتوموبىل ئۇزۇن مەزگىل يوقىرى سۈرئەتتە يۈرسە ياكى نورمىدىن ئارتۇق يۇك بېسىپ يۈرسە موتورنىڭ تىمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ كېتىدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
5.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپتىكى يول ئېغىزىدا ئاپتوموبىللارنىڭ سولغا بۇرۇلۇشىغا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
6.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا كاشىلا كۆرۈلۈپ ياكى قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ يۈرەلمەي قالغاندا، ئوخشاش يۆنىلىشتە كېتىۋاتقان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە سۆرىتىپ يۈرۈشكە بولىدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
7.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نېمە؟ 本题解析
A.ئالدىدىكى يولدىن ئوڭغا يۆلىنىپ يۈرۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ
B.ئالدىدىكى يولدا ئۇدۇل يۈرۈشكە يول قويماسلىق كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ
C.ئالدىدىكى يولنىڭ ئۇدۇل يۈرىدىغان تاق يۆنىلىشلىك يول ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ
D.ئالدىدىدكى ئوڭغا بۇرۇلۇدىغان يول ئېغىزىغا دېققەت قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ
正确答案:C
8.ئاپتوموبىلغا ئوت كەتكەندە ئەڭ ياخشىسى سۇ چىچىپ ئۆچۈرۈش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
9.ئاپتوموبىل چاقىنىڭ ئېتىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشتىكى توغرا ئۇسۇل چاقنىڭ يەل بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشتىن ئىبارەت. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
10.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ كېتىۋاتقاندا قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتقان ئاپتوموبىل بولمىسا يانداشقا بولىدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
11.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئاپتوموبىل يولى يۈزىدىكى يۆنىلىش كۆرسىتىدىغان ئىسترېلكا ئالدى تەرەپتىكى يول ئېغىزىدا بېشىنى قايتۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
12.قاتناش ساقچىسىنىڭ رەسىمدىكىدەك قول ئىشارىتىنى كۈرگەندە قانداق يۈرۈش كېرەك؟ 本题解析
A.ئاپتوموبىلنى توختىتىپ ساقلاش كېرەك
B.ئۇدۇل يۈرۈش كېرەك
C.ئوڭغا بۇرۇلۇش كېرەك
D.سولغا بۇرۇلۇش كېرەك
正确答案:A
13.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدىكىدەك قاتناش بەلگىسىگە يولۇققاندا دەرھال سۈرئەتنى ئاستىلىتىش كېرەك 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
14.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپتە ئېقىم ئايرىش يول ئېغىزى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
15.يولۇچىلار ئاپتوموبىلدىن چۈشكەندە،قانداق قىلغاندا بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟ 本题解析
A.توختىغاندىن كېيىن دەرھال ئىشىكنى ئېچىپ چۈشۈشى كېرەك
B.ئالدى تەرەپتىكى قاتناش ئەھۋالىنى كۈزۈتىش
C.ئالدى بىلەن ئىشىكنى ئېچىپ،ئاندىن يان ئارقا تەرەپتىكى ئەھۋاللارنى كۆزىتىش
D.ئالدى بىلەن يان ئارقا تەرەپتىكى ئەھۋاللارنى كۆزىتىپ،ئاندىن ئاستا ئىشىكنى ئېچىش كېرەك
正确答案:D
16.ھەرىكەتلىك رەسىم 6دە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشتىن قانچە خىلى بار؟ 本题解析
A.قانۇنغا خىلاپ قىلمىشتىن بىر خىلى بار
B.قانۇنغا خىلاپ قىلمىشتىن ئىككى خىلى بار
C.قانۇنغا خىلاپ قىلمىشتىن ئۈچ خىلى بار
D.قانۇنغا خىلاپ قىلمىشتىن تۆت خىلى بار
正确答案:C
17.ئاپتوموبىل يولغا چىقىشتىن بۇرۇن چاقنى قايسى جەھەتلەردىن تەكشۈرۈش كېرەك؟ 本题解析
A.تەكشۈرۈش ھاجەتسىز
B.چاقنىڭ يۇيۇلغان-يۇيۇلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش كېرەك
C.زاپاس چاقنىڭ قايسى ئورۇندا ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈش كېرەك
D.چاقنىڭ يەل بېسىمى ۋە چاق بولتىلىرىنىڭ چىڭ بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش كېرەك
正确答案:D
18.ھەيدىگۈچى مۇرەككەپ يوللاردا قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگەندە،يۈكسەك دەرىجىدە سەگەك بولۇپ«بىرىنچىدىن ئاستا،ئىككىنچىدىن قاراش،ئۈچىنچىدىن ئۆتۈش»،«ئۈچ مىنۇت توختاپ تۇرۇشقا رازى بولۇش كېرەككى،بىر سىكونتنى تالاشماسلىق»دىن ئىبارەت قائىدىگە ئەمەل قىلىش كېرەك.بۇ بولسىمۇ ھەيدىگۈچىلەردىن( )ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. 本题解析
A.تېز ۋە ئاستا
B.پايدا بىلەن زىيان
C.توغرا بىلەن خاتا
D.ياخشى بىلەن يامان
正确答案:A
19.خەتەرلىك بويۇملارنى توشۇيدىغان قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچى، يۈك قاچىلاپ-چۈشۈرۈش خادىملىرى ۋە يۈك نازارەتچىسى قاتارلىقلار توشۇلىدىغان خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملارنىڭ خۇسۇسىيىتى، خەتەرلىك دەرىجىسى، قاچىلىغان باكلارنىڭ ئىشلىتىلىش ئالاھىدىلىكى ۋە ھادىسە تەسادىپىي يۈز بەرگەندە قوللىنىشقا تېگىشلىك جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى بىلىشى كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
20.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگەندە تەكرار يول ئۆزگەرتىپ يۈرۈشكە بولمايدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
21.رەسىمدىكى قاتناش ساقچىسىنىڭ قول ئىشارىتى ئۇدۇل يۈرۈشنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
22.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ باغلىما يولىدا توختىتىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
23.موتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسى كېچىدە قاتناش سىگنال چىرىغى بىلەن كونترول قىلىنمايدىغان كېسىشكەن يول ئېغىزىدىن ئۆتكەندە قايسى چىراغنى يېقىش كېرەك؟ 本题解析
A.يىراقنى يورۇتۇش چىرىغىنى
B.يېقىننى يورۇتۇش چىرىغىنى
C.خەتەرگە دىققەت قىلىش سىگنال چىرىغىنى
D.يىراق-يېقىننى يورۇتۇش چىرىغىنى ئالماشتۇرۇپ يېقىپ بەلگە بېرىش
正确答案:D
24.ھەيدىگۈچى كابىنكىگە كىرىشتىن ئاۋۋال ئالدى بىلەن نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟ 本题解析
A.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئەتراپىدىكى ئەھۋاللارنى كۆزىتىشى كېرەك
B.ئەتراپىدىكى ئەھۋاللارنى كۆزەتمىسىمۇ بولىدۇ
C.ئىشىكنى ئېچىپلا كابىنكىغا كېرىشى كېرەك
D.ھاۋا رايى ئەھۋالىنى ئوبدان كۆزىتىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك
正确答案:A
25.سۆڭىكى سۇنغان يارىدارلارنى قۇتقۇزغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ 本题解析
A.دەرھال نوسۇلكىغا سېلىپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك
B.يارىدارنىڭ تۇرقىنى مۇۋاپىق تەڭشەش كېرەك
C.بىنت بىلەن سۇنغان ئورۇننى تېڭىش كېرەك
D.بەدەننىڭ سۇنغان يېرىنى مىدىرلاتماسلىق كېرەك
正确答案:D
客服电话(微信同号):181-1187-1573 | 黔ICP备15004437号-1 |
© 2010-2019驾考金点通 版权所有 Powerde by:jkjdt.com