当前题库:ئۇيغۇرچە(维语)客车科目四
语言: 中文汉语 ئۇيغۇرچە(维语) قازاقشا(哈语)
车型: 小车科目一 小车科目四 客车科目一 客车科目四 货车科目一 货车科目四 摩托车科目一 摩托车科目四
1.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ ۋېلىسىپىت مىنگۈچىلەرنىڭ يولنى ئېگەللەپ قاتناشقا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە ئۈزمەي سىگنال بېرىپ، سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئۇلارنىڭ سول تەرىپىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
2.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك قىزىل رەڭلىك پىكاپ بۇ ئاپتوموبىل يولىدا يۈرسە بولىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
3.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپتە ماتۇرسىز قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ يولى بارلىقىنى ئەسكەرتىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
4.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەكدەك يول ئېغىزىدا ئوڭغا بۇرۇلماقچى بولغاندا يول ئۆزگەرتمىسىمۇ بولىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
5.تۇمانلىق كۈنلەردە كۆپرەك سىگنال بېرىپ قارشى تەرەپنىڭ دىققىتىنى قوزغاش لازىم.قارشى تەرەپنىڭ سىگنالىنى ئاڭلىغاندا سىگنال بېرىپ جاۋاپ قايتۇرۇش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
6.موتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ ھەرىكەتلىك رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەكدەك ئەھۋالغا يولۇققاندا قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك 本题解析
A.قارشى تەرەپنىڭ يولىدا يۈرۈش كېرەك
B.جىددىي تورمۇز قىلىپ تۆۋەن سۈرئەتتە يۈرۈش كېرەك
C.ئايلانما يولنىڭ سىرتىنى بويلاپ يۈرۈش كېرەك
D.سۈرئەتنى تېزدىن كېمەيتىپ، ئوڭغا يۆلىنىپ يۈرۈش كېرەك
正确答案:D
7.تورمۇزلىغاندا ئالدى چاق تورمۇزى تۇتمىسا ئاپتوموبىلنىڭ بۇرالدۇرۇش ئىقتىدارى يوقۇلىدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
8.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ يول ئېغىزىدىن ئۆتۈۋاتقاندا رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئەھۋالغا يولۇققاندا قانداق قىلىش كېرەك؟ 本题解析
A.يول ئېغىزىغا بىۋاسىتە كىرىپ كۈتۈش كېرەك
B.يول ئېغىزىدىكى توختاش سىزىقىنىڭ سىرتىدا كۈتۈپ تۇرۇش كېرەك
C.ئوڭ تەرەپتىكى موتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى يولى بىلەن ئۆتۈپ كېتىش كېرەك
D.قارشى تەرەپ يولىدىن پايدىلىنىپ يول ئېغىزىدىن ئۆتۈپ كېتىش كېرەك
正确答案:B
9.قاتناش سىگناللىرى-قاتناش چىراغ سىگنالى،يول قاتناش بەلگىلىرى،( )ۋە قاتناش ساقچىسىنىڭ قوماندىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 本题解析
A.يول بەلگە سىزىقلىرى
B.قاتناش تەشۋىقاتى
C.قاتناش پىلانى
D.يول بەلگىلىرى
正确答案:A
10.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئالدى تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپتىكى مەشھۇر جاي بىلەن بولغان ئارىلىقنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
11.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئالدى تەرەپتىكى بەلگە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ كىرىش ئېغىزىغا 1 كىلومېتىر قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
12.م‹‹مەدىنى قاتناش ھەرىكىتىنى تەشەببۇس قىلىش››،موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى پىيادىلەر يولىغا كەلگەندە پىيادىلەرگە يول بېرىش،رەت بويىچە يول يۈرۈش،رەتلىك توختىتىش،چىراغلارنى ئەدەپلىك ئىشلىتىش،پىيادىلەر،موتۇرسىز قاتناش ۋاسىتىلىرى ھەر قايسىسى ئۆز يولىدا يۈرۈش،پىيادىلەر،موتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرى يولدىن ئۆتكەندە سىگنال چىراغنىڭ كۆرسەتمىىسى بويىچە ئۆتۈش قاتارلىق مەدىنىيەتلىك قاتناشنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىش لازىم. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
13.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك يول ئېغىزىدىكى پىيادىلەر توغرا يولى سىزىقى پىيادىلەرنىڭ توغرا يولدىن ئالدى بىلەن ئۈتۈشىگە رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
14.تورمۇز ئىشلىمىگەندە ئالدىنى ئېلىشقا تېگىشلىك ئۈنۈملۈك ئۇسۇل قايسى؟ 本题解析
A.تورمۇز سىستېمىسىنى قەرەرلىك ئاسراپ تۇرۇش
B.يولغا چىقىشتىن بۇرۇن تورمۇز پىدالىنىڭ ئەركىن ئارىلىقىنى تەكشۈرۈش
C.تورمۇزنى توغرا ئىشلىتىش، قىززىپ ئاجىزلاپ كېتىشتىن ساقلىنىش
D.ماي تورموز ئورنىتىلغان ئاپتوموبىل يولغا چىقىشتىن ئاۋۋال تورمۇز مېيىنىڭ تېمىپ ئېقىۋاتقان ياكى ئاقمايۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈش
正确答案:ABCD
15.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىدىكى يېقىلغۇغا ئوت كەتكەندە ئوت ئۆچۈرۈشتە ئىشلىتىشكە بولمايدىغان نەرسە نېمە؟ 本题解析
A.يول ياقىسىدىكى قۇم-توپا
B.پاختىلىق چاپان
C.ئىش كىيىمى
D.سۇ
正确答案:D
16.ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتى بەك تېز بولۇپ كېتىپ ئالدىدىكى ئاپتوموبىلغا سوقۇلۇپ كېتىش ئېھتىمالى بولسا ھەيدىگۈچى قانداق تەدبىر قوللىنىش كېرەك؟ 本题解析
A.ئالدى بىلەن تورمۇزلاپ سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ، ئاندىن ئاپتوموبىلنى يانغا تارتىپ يول بېرىش
B.رولنى سولغا جىددىي ئايلاندۇرۇپ يول بېرىش
C.رولنى ئوڭغا جىددىي ئايلاندۇرۇپ يول بېرىش
D.ئالدى بىلەن ئاپتوموبىلنى چەتكە تارتىپ يول بېرىپ ئاندىن تورمۇز قىلىپ سۈرئەتنى ئاستىلىتىش
正确答案:A
17.ئاپتوموبىل پاتقاق يولدا يۈرىۋاتقاندا( )دىققەت قىلىش كېرەك. 本题解析
A.يول ئۈستىدە خوت يۆتكەش،تورموز قىلىش،بۇرالدۇرۇش ۋە توختىتىشقا
B.رولنى جىددىي ئايلاندۇرۇشقا ياكى ئايلىنىش بۇلۇڭى زىيادە چوڭ بولۇپ كېتىشكە
C.بالۇن قۇرۇق ئايلىنىپ تېيىلسا،بالۇن گۈللىرى ئارىسىدىكى لايلارنى چىقىرىۋىتىپ،بالۇن ئاستىغا شىغىل،دەرەخ شاخلىرى ۋە ئوت-چۆپلەرنى ياتقۇزۇش كېرەك
D.ياخشى يولنى تاللاپ يۈرۈش،تېيىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىش
正确答案:B
18.قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ھەر قايسى ئالاقىدارلار نەخ مەيداننى قوغدىماي، ھادىسىنىڭ ئاساسى پاكىتىنى تەكشۈرۈپ چىقىشقا ئامال بولماي قالغاندا( ). 本题解析
A.بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ
B.مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنمايدۇ
C.قىسمەن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ
D.تەڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ
正确答案:B
19.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى توختاتقاندىكى خاتا ئۇسۇل قايسى؟ 本题解析
A.بەلگىلەنگەن ئورۇندا توختىتىش
B.پىيادىلەر توغرا يولىدا توختىتىش مەنئې قىلىنىدۇ
C.ئاپتوموبىلنى يول ياقىسىدا ۋاقىتلىق توختاتقاندا،باشقا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ۋە پىيادىلەرنىڭ يول يۈرۈشىگە دەخلى قىلىشقا بولمايدۇ
D.موتورسىز قاتناش ۋاستىلىرى يولىدا توختىتىشقا بولىدۇ
正确答案:D
20.رەسىمدىكى قاتناش ساقچىسىنىڭ قول ئىشارىتى سولغا بۇرۇلۇشنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
21.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ تۆۋەندىكى ھەرىكەتلىك رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئەھۋالغا يولۇققاندا قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ 本题解析
A.سۈرئەتنى ئاستىلىتىش ياكى توختاپ يول بېرىش
B.سىگنال بېرىپ قارشى تەرەپنى يول بېرىشكە قىستاش
C.پىيادىلەر كېلىشتىن بۇرۇن يول تالىشىپ ئۆتۈپ كېتىش
D.دەرھال يول ئۆزگەرتىپ پىيادىلەرنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىش
正确答案:A
22.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا قويۇق تۇماندا كۆرۈش دەرىجىسى توسقۇنلۇققا ئۇچرىسا ئاپتوموبىلنى دەرھال جىددىيي تورمۇزلاپ توختىتىش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
23.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك يول يۈزىدىكى ئوخشاش يۈنىلشتە يۈرۈۋاتقان ئاپتوموبىل يولىنىڭ پاسىل سىزىقى ئاپتوموبىللارنىڭ بۇ سىزىقتىن ھالقىپ ئۈتۈپ يول ئۈزگەرتىشىگە رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
24.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك يول ئېغىزىدىكى ئاق ئۈزۈك سىزىق سولغا بۇرۇلغاندا ئۇدۇل يۇرۇش بۆلىكىگە كىرىشكە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
25.ھەيدىگۈچى يول يۈرۈش جەريانىدا ئالدىدىكى ئاپتوموبىل بىلەن بولغان بىخەتەر ئارىلىقىنى ساقلاش بىلەن بىرگە ئارقىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ ئارقىغا سوقۇۋېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئېھتىيات بىلەن تورمۇز قىلىشى كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
客服电话(微信同号):181-1187-1573 | 黔ICP备15004437号-1 |
© 2010-2019驾考金点通 版权所有 Powerde by:jkjdt.com