当前题库:ئۇيغۇرچە(维语)客车科目四
语言: 中文汉语 ئۇيغۇرچە(维语) قازاقشا(哈语)
车型: 小车科目一 小车科目四 客车科目一 客车科目四 货车科目一 货车科目四 摩托车科目一 摩托车科目四
1.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ ئاپتوموبىل ئېقىمىغا قوشۇلغاندا باشقا قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ نورمال يۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك لازىم 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
2.ھەرىكەتلىك رەسىم 7دە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشتىن قانچە خىلى بار؟ 本题解析
A.قانۇنغا خىلاپ قىلمىشتىن بىر خىلى بار
B.قانۇنغا خىلاپ قىلمىشتىن ئىككى خىلى بار
C.قانۇنغا خىلاپ قىلمىشتىن ئۈچ خىلى بار
D.قانۇنغا خىلاپ قىلمىشتىن تۆت خىلى بار
正确答案:B
3.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئەھۋالغا يولۇققاندا تېزدىن سول تەرەپ بىلەن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
4.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپتىكى تاغ ئېغىزىدا توغرا شامالغا دىققەت قىلىشنى ئاگاھلاندۇش بەلگىسى 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
5.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى كېسىشكەن يول ئېغىزىدىن ئۆتكەندە،بۇرۇلۇدىغان قاتناش ۋاسىتىسى يول تالاشسا توختاپ يول بېرىش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
6.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىدىكى يېقىلغۇغا ئوت كەتكەندە ئوت ئۆچۈرۈشتە ئىشلىتىشكە بولمايدىغان نەرسە نېمە؟ 本题解析
A.يول ياقىسىدىكى قۇم-توپا
B.پاختىلىق چاپان
C.ئىش كىيىمى
D.سۇ
正确答案:D
7.يۈرۈش جەريانىدا ئالدى تەرەپتە قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ،ياردەمگە مۇھتاج بولسا( )كېرەك. 本题解析
A.داۋاملىق مېڭىۋىرىش
B.سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ توختاپ،ئاكتىپلىق بىلەن ياردەم قىلىش،ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداننى قوغداپ،دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىش
C.قارشى تەرەپ بىلەن كېلىشىپ،سۆيۈنچە بەرسە ياردەم بېرىش
D.دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىپ،توختاپ قاراپ تۇرۇش
正确答案:B
8.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىدا كاشىلا كۆرۈلسە ياكى قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرسە بەلگىلىمە بويىچە بىخەتەرلىك تەدبىرىنى قوللۇنىپ،ھەيدىگۈچى ۋە يولۇچىلار( )كېرەك. 本题解析
A.ئەسلى ئورنىدىن قوزغالماي بىر تەرەپ قىلىشنى كۈتۈش
B.ئاپتوموبىل ئىچىدە ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىش
C.تېزدىن بىخەتەر جايغا يۆتكىلىش
D.ئاپتوموبىلنى ئوڭشاش ياكى ئالاقىدار تەرەپ بىلەن مۇنازىرلىشىش
正确答案:C
9.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى سۇغا چۈشۈپ كەتكەندە دەرھال ئىشىك- درىزىلەرنى چىڭ ئېتىپ ئاپتوموبىلنىڭ ئىچىگە سۇ كىرىپ كېتىشىنى توسۇپ، ھاۋا ئۆتۈشۈشنى ۋاقتىنچە ئۈزۈپ تاشلاپ، قۇتقۇزغۇچى خادىملارغا ھادىسە يۈز بەرگەن جاينى تېلېفوندا ئۇقتۇرۇپ، قۇتقۇزۇشنى كۈتۈپ تۇرۇش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
10.ھەيدىگۈچى ئاپتوموبىل ھەيدەۋېتىپ تاماكا چەكسە يۈرۈش بىخەتەرلىككە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
11.تورموز تۇتۇلۇپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قۇرۇلمىسى(ABS) ئورنىتىلمىغان ئاپتوموبىل قار-مۇزلۇق يولدا يۈرگەندە تورمۇزنى قانداق ئىشلىتىش كېرەك؟ 本题解析
A.تورمۇز پىدالىنى يېنىك دەسسەش ياكى ئۈزۈلدۈرۈپ دەسسەش
B.تورمۇز پىدالىنى باشقا يوللاردا يۈرگەنگە ئوخشاش دەسسەش
C.تورمۇز پىدالىنى قاتتىق دەسسەش
D.تورمۇز پىدالىنى كۈچەپ دەسسەش
正确答案:A
12.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەكدەك ئەھۋالغا يولۇققاندا قانداق يۈرۈش كېرەك؟ 本题解析
A.سەپ بولۇپ تېزىلىپ ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ئالدىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈش كېرەك
B.سۈرئەتنى ئاستىلىىپ ئاستا ئۆتۈش كېرەك
C.دەرھال توختاپ يول بېرىش كېرەك
D.تېزىلىپ ماڭغانلارنىڭ ئارىسىدىكى بوشلۇقتىن ئۆتۈپ كېتىش كېرەك
正确答案:C
13.ئاپتوموبىلنى قار-مۇزلۇق يوللاردا ھەيدىگەندە،ئوتتۇرا سۈرئەت ياكى تۆۋەن سۈرئەتتە يۈرۈش،رولنى ئىمكان قەدەر جىددىي ئايلاندۇرماسلىق،يېنىچە تېيىلىپ كېتىشدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ماي پىدالىنى قاتتىق دەسسىمەسلىك ياكى تېز بوشاتماسلىق كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
14.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپتىكى يولنىڭ سول يېنى كېڭەيگەن يول ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
15.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئەھۋالغا يولۇققاندا قانداق يۈرۈش كېرەك؟ 本题解析
A.ئۈزمەي سىگنال بېرىش كېرەك
B.تېزدىن ئۆتۈپ كېتىش كېرەك
C.سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئاستا يۈرۈش كېرەك
D.بىر ياندىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىش كېرەك
正确答案:C
16.يۇقىرى سۈرئەتتە يۈرۈۋاتقان ئاپتوموبىلنىڭ رولى ئىشلىمىگەندە ئۇنى جىددىي تورمۇزلىسا ئاغدۇرۇلۇپ كەتمەيدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
17.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەكدەك پىيادىلەر توغرا يولىغا كەلگەندە سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئۆتۈپ كەتسە بولىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
18.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك سول تەرەپتىكى بەلگە سول تەرەپ يول ئېغىزىدىن ئاپتوموبىل ئېقىمىغا قۇشۇلۇشتا دېققەت قىلىش كېرەكلىكىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
19.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىدا كاشىلا كۆرۈلۈپ ياكى ھادىسە يۈز بېرىپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا جىددىيي توختىتىشقا توغرا كەلگەندە، ھەيدىگۈچى ۋە يولۇچىلار قانداق قىلىشى كېرەك؟ 本题解析
A.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئالدىدا تۇرۇش كېرەك
B.ئاپتوموبىلدىن چۈشمەي، قۇتقۇزۇشنى كۈتۈش كېرەك
C.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئارقىدا تۇرۇش كېرەك
D.تېزدىن ئوڭ تەرەپتىكى يول ياقىسىغا ياكى ئاپتوموبىلنى جىددىي توختىتىش بەلۋېغىغا يۆتكىلىش لازىم
正确答案:D
20.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپتىكى يول بۆلىكىدە يانداشقا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
21.لىيۇ ئەپەندى ھەيدىگەن باۋلەي ماركىلىق پىكاپ بىلەن ۋاڭ خانىم ھەيدىگەن ئاۋتو ماركىلىق پىكاپ يېنىك دەرىجىدە سۈركۈلۈپ زەخمىلەنگەن.ئۇلار ھادىسە توغرىسىدا ھىچ قانداق تالاش تارتىش قىلماي،زىيان-زەخمەتنى بىر تەرەپ قىلش توغرىسىدا ئۆزلىرى كىلىشىپ ھەل قىلغان.بۇلارنىڭ بۇنداق قىلغىنى توغرىمۇ؟ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
22.يول يۈرۈش جەريانىدا پىيادىلەرنىڭ رەسىمىدە كۆرسىتىلگەندەكدەك ھەرىكىتىنى كۆرگەندە يول بېرىشكە بولمايدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
23.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك يول كۆرسىتىش ئىسترېلكىسى سىزىقى يوقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا كىرىش يۈنىلىشىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
24.جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى قاتناش ھادىسىسىنى تەكشۈرۈش ياكى باھالاپ بېكىتىشنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن ( )بولىدۇ. 本题解析
A.قاتناش ھادىسىسىدىكى ئالاقىدارنىڭ مۇناسىۋەتلىك كېنىشكىلىرىنى مۇسادىرە قىلىشقا
B.قاتناش ھادىسىسىدىكى ئالاقىدارنىڭ مۇناسىۋەتلىك كېنىشكىلىرىنى ئىناۋەتسىز قىلىشقا
C.قاتناش ھادىسىسىدىكى ئالاقىدارنىڭ مۇناسىۋەتلىك كېنىشكىلىرىنى ۋاقىتلىق تۇتۇپ قىلىشقا
D.قاتناش ھادىسىسىدىكى ئالاقىدارنىڭ مۇناسىۋەتلىك كېنىشكىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا
正确答案:C
25.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك يولنىڭ ئوتتىرسىدىكى سېرىق رەڭلىك ئۈزۈك-تۇتاش سىزىق ياندىغاندا سىزىقتىن ۋاقىتلىق ھالقىپ ئۈتۈشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
客服电话(微信同号):181-1187-1573 | 黔ICP备15004437号-1 |
© 2010-2019驾考金点通 版权所有 Powerde by:jkjdt.com