当前题库:ئۇيغۇرچە(维语)货车科目四
语言: 中文汉语 ئۇيغۇرچە(维语) قازاقشا(哈语)
车型: 小车科目一 小车科目四 客车科目一 客车科目四 货车科目一 货车科目四 摩托车科目一 摩托车科目四
1.يۈرۈش جەريانىدا رول ئىشلىمەي يۈرۈش لىنىيەسىدىن چەتنەپ كەتكەندە قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ 本题解析
A.رولنى جىددىي ئايلاندۇرۇپ، يۆنىلىشنى توغرىلاش
B.دەرھال سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ توختاش
C.رولنى توسالغۇ يوق تەرەپكە ئايلاندۇرۇپ ئۆزىنى دالدىغا ئېلىش
D.رولنى توسالغۇ بار تەرەپكە ئايلاندۇرۇپ ئۆزىنى دالدىغا ئېلىش
正确答案:B
2.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ سۈرئەت ئاشۇرۇش يولىدىن يۈرۈش يولىغا قوشۇلۇشتا قىيىنچىلىق تۇغۇلسا توختاپ يول بېرىش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
3.مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ يول يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىغان ھەرىكەت( )دىن ئىبارەت. 本题解析
A.مەخسۇس ياسالغان مەكتەپ ئاپتوموبىلىنى سېتىۋىلىپ،ھادىسە يۈز بەرگەندە ئاپتوموبىلدا ئولتۇرغۇچىلارنىڭ زەخمىلىنىشىنى ئازايتىش
B.بىخەتەر يول يۈرۈش تارىخى ئۇزۇن بولغان پىشقەدەم كەسپى شوپۇرلارنى تەكلىپ قىلىش
C.مۇناسىۋەتلىك يول يۈرۈش بەلگىلىمىسىنى تۈزۈپ،ھەيدىگۈچىنىڭ بىخەتەر يۈرۈشىگە چەك قويۇش
D.يۈرۈش جەريانىدا ھەيدىگۈچىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشىپ مېڭىشى
正确答案:D
4.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپتىكى يول بۆلىكىدە سائىتىگە 40 كىلومېتىرلىق چەكلەنگەن سۈرئەتنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
5.يول بويىدا توختاپ تۇرغان ئاپتوموبىلنى ئورنىدىن قوزغىغاندىن كېيىن دەرھال سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ، سولغا جىددىي بۇرۇلۇپ نورمال يۈرۈۋاتقان ئاپتوموبىل يولىغا ھەيدەپ كىرسە بولىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
6.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئەھۋالغا يولۇققاندا تېزدىن سول تەرەپ بىلەن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
7.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ ئاپتوموبىل ئېقىمىغا قوشۇلغاندا باشقا قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ نورمال يۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك لازىم 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
8.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدە توختاپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ چىقىپ-چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ 本题解析
A.بىر يۆنىلىشتە بىرلا ئاپتوموبىل يولى بولسا ئارقىدىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى دەرھال توختاپ ساقلاپ تۇرۇشى كېرەك
B.بىر يۆنىلىشتە ئىككى ئاپتوموبىل يولى بولغان بولسا، سول تەرەپتىكى يولنىڭ ئارقا تەرەپتىن كېلىۋاتقان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئۆتۈپ كەتسە بولىدۇ
C.بىر يۆنىلىشتە ئۈچ ئاپتوموبىل يولى بولغان بولسا، ئوتتۇرا يولدىكى ئارقا تەرەپتىن كېلىۋاتقان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى دەرھال توختاپ ساقلاپ تۇرۇشى كېرەك
D.بىر يۆنىلىشتە ئۈچ ئاپتوموبىل يولى بولسا، سول تەرەپتىكى يولدا ئارقا تەرەپتىن كېلىۋاتقان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئۆتۈپ كەتسە بولىدۇ
正确答案:ACD
9.يارىدارلارنىڭ سۆڭىكى سۇنۇپ قانىغان بولسا، ئالدى بىلەن سۇنۇقنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاندىن قاننى توختىتىش ھەم تېڭىش لازىم. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
10.يامغۇرلۇق كۈنلەردە يول نەم بولغاچقا ئاپتوموبىلنىڭ تورموز ئىقتىدارى( )كىتىدۇ. 本题解析
A.تۆۋەنلەپ كېتىدۇ
B.يوقىرىلاپ كىتىدۇ
C.ئۆزگەرمەيدۇ
D.سەل يوقىرى بولىدۇ
正确答案:A
11.بىر يۆنىلىشتە ئۈچ ئاپتوموبىل يولى بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يۈرگەندە، سائەتلىك سۈرئىتى 90 كىلومېتىردىن يۇقىرى، 110 كىلومېتىردىن تۆۋەن بولغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قايسى يولدا يۈرۈشكە بولمايدۇ؟ 本题解析
A.سول تەرەپتىكى يولدا
B.ئوتتۇرىدىكى يولدا
C.ئوڭ تەرەپتىكى يولدا
D.خالىغان يولدا يۈرسە بولىدۇ
正确答案:A
12.پىيادىلەر توغرى يولى يوق يوللاردا يولدىن ئۆتۈشكە توغرى كەلگەندە،ئەگەر يولدا ئاپتوموبىل بولمىسا يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا مېڭىشقا بولىدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
13.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن ئايرىلىپ سۈرئەت ئاستىلىتىش يولىدا سۈرئەتنى ئاستىلاتقاندىن كېيىن باغلىما يولغا كىرىش لازىم. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
14.قاتناش ئەخلاقى بىلەن قاتناش قانۇنىنىڭ مۇناسىۋىتى بولسا قاتناش ئەخلاقىنى قاتناش قانۇنىغا سىلىشتۇرغىلى بولمايدىغان ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە بولۇپ،ئىككىسى بىر-بىرىگە بىقىندا ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.قاتناش ئەخلاقى،قاتناش قانۇنىنىڭ موھىم بولغان تولۇقلىمىسى ۋە قوشۇمچە كۈچى ھىساپلىنىدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
15.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك تونىل ئۈستىدىكى بەلگە،ئېگىزلىك چەكلىمىسىنىڭ 3.5 مېتىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
16.ئادەم،ئاپتوموبىل ۋە يول، قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىشتىكى ئۈچ ئاساسى ئامىل بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتوموبىل ھەل قىلغۇچ ئامىل ھىساپلىنىدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
17.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپتە تىك داۋاندىن چۈشىدىغان يول بۆلىكى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
18.ئىھتىيات بىلەن ھەيدەشنىڭ ئۈچ پىرىنسىپى:دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش،تەپسىلى كۈزىتىش ۋە بالدۇر ئالدىنى ئېلىش. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
19.كېچىدە ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار ( )توغرا ئەمەس. 本题解析
A.ئاپتوموبىل ئىچىدە چىراغ ياندۇرۇش
B.يېتەرلىك ئارىلىق ساقلاپ يۈرۈش
C.چىراغنى قارشى تەرەپنىڭ چىرىغىغا ئۇدۇل چۈشۈرمەسلىك
D.يانداش
正确答案:A
20.ئاپتوموبىلنى قار-مۇزلۇق يوللاردا ھەيدىگەندە،ئوتتۇرا سۈرئەت ياكى تۆۋەن سۈرئەتتە يۈرۈش،رولنى ئىمكان قەدەر جىددىي ئايلاندۇرماسلىق،يېنىچە تېيىلىپ كېتىشدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ماي پىدالىنى قاتتىق دەسسىمەسلىك ياكى تېز بوشاتماسلىق كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
21.توڭ ×× بىر چوڭ ئاپتوبۇسنى ھەيدەپ(54يولۇچى سالغان، بەلگىلەنگەن ئادەم سانى 55) تەييۈئەن چېگراسى ئىچىدە، سائىتىگە 45 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن پاتقاق يولدىن ئۆتۈۋاتقاندا تېيىلىپ كېتىپ يولدىن چىقىپ كەتكەن.نەتىجىدە چوڭقۇر جىلغىغا چۈشۈپ كېتىپ 14 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى،40 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىدەك پەۋقۇلئادە زور قاتناش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. توڭ ××نىڭ بۇ ۋەقەدىكى قانۇنغا خىلاپ ئاساسلىق قىلمىشى قايسى؟ 本题解析
A.ئاپتوبۇسقا يولۇچىلارنى نورمىدىن ئارتۇق سالغان
B.زىيادە تېز سۈرئەتتە يول يۈرگەن
C.ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن
D.ئاپتوموبىلنى زىيادە چارچاپ ھەيدىگەن
正确答案:B
22.يۇقىرى سۈرئەتتە كېتىۋاتقاندا تورمۇز تۇيۇقسىز ئىشلىمىسە ھەيدىگۈچى قانداق قىلىش كېرەك؟ 本题解析
A.تورمۇز پىدالىنى ئۈزۈلدۈرۈپ دەسسەش
B.تۆۋەن خوتقا مەجبۇرىي يۆتكەپ سۈرئەتنى ئاستىلاتقاندىن كېيىن، قول تورمۇزنى ئىشلىتىش
C.موفتا (ئايرىغۇچ-قوشقۇچ) پىدالىنى تېزدىن دەسسەش
D.قول تورمۇز دەستىسىنى تېزدىن چىڭ تارتىش
正确答案:B
23.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى ئوڭ تەرەپتىكى يولدىن ھايۋانلارنىڭ ئۆتۈپ تۇرىدىغانلىقىنى، دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
24.يول يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش،ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئاپتوموبىل ھەيدىمەسلىك،چارچىغاندا ھەيدىمەسلىك،ئاپتوموبىلنى ئەدەپ بىلەن ھەيدەشتىن ئىبارەت بىخەتەر ھەيدەش ئېڭىنى تۇرغۇزۇش ھەر بىر ھەيدىگۈچىدە بولۇشقا تىگىشلىك ئاساسى ساپادۇر. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
25.ئ‹‹ئالتە چوڭ خەتەرلىك ھەيدەش قىلمىشىنى توسۇش›› دىگەنلىك ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئاپتوموبىل ھەيدەش،زىيادە يوقۇرى سۈرئەتتە يۈرۈش،چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدەش،قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈش،مەجبۇرى ئاپتوموبىل يانداش،ئاپتوموبىلغا نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سېلىش،نورمىدىن ئارتۇق يۈك قاچىلاش قاتارلىق خەتەرلىك ھەيدەش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
客服电话(微信同号):181-1187-1573 | 黔ICP备15004437号-1 |
© 2010-2019驾考金点通 版权所有 Powerde by:jkjdt.com