当前题库:ئۇيغۇرچە(维语)货车科目四
语言: 中文汉语 ئۇيغۇرچە(维语) قازاقشا(哈语)
车型: 小车科目一 小车科目四 客车科目一 客车科目四 货车科目一 货车科目四 摩托车科目一 摩托车科目四
1.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك يول يۈزى بەلگىسى ئورنىتىلغان يول ئېغىزىدا ئاپتوموبىللارنىڭ ئوڭغا بۇرۇلۇشىغىلا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
2.قىزىل چەمبەر ئىچىدىكى بەلگە سول تەرەپتىكى يولدا كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرشىگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
3.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەكدەك بۇ ئەھۋالغا يولۇققاندا قانداق يۈرۈش كېرەك؟ 本题解析
A.ئىككى ياندىكى ئاپتوموبىل يولىدا،ئاپتوموموبىللارنىڭ يۈرۈشى مەنئې قىلىنىدۇ
B.ئىككى ياندىكى ئاپتوموبىل يولىغا سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ كېرىپ يۈرۈش كېرەك
C.ئوڭ ياندىكى ئاپتوموبىل يولىغا كىرىپ يۈرۈش كېرەك
D.ئىككى ياندىكى ئاپتوموبىل يولىغا سۈرئەتنى تېزلىتىپ كىرىپ يۈرۈش كېرەك
正确答案:A
4.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدىكىدەك ئەھۋالغا يولۇققاندا سول تەرەپتىكى يولنى ئىگىلەپ يۈرۈش كېرەك 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
5.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك پىيادىلەرگە يولۇققاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ 本题解析
A.يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈرۈش كېرەك
B.ئۈزمەي سىگنال بېرىش كېرەك
C.سۈرئەتنى تېزلىتىپ يانداپ ئۆتۈپ كېتىش كېرەك
D.پىيادىلەرنىڭ ھەرىكەت ھالىتىنى دىققەت بىلەن كۆزىتىش كېرەك
正确答案:D
6.جاۋ××(ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنىغان ئاپتوموبىل تىپى A2) چوڭ تىپتىكى كارۋاتلىق ئاپتوبۇسنى ھەيدەپ قاغىلىق ناھىيەسى چېگراسىدىكى 219 نومۇرلۇق دۆلەت يولىنىڭ 226 كىلومېتىرلىق بۆلىكىنىڭ 215 مېتىر كېلىدىغان يىرىدىكى ئايلانمىدىن ئۆتۈۋاتقاندا چوڭقۇر جىلغىغا چۈشۈپ كېتىپ 16 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، 26 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىدەك پەۋقۇلئادە زور قاتناش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. جاۋ ×× نىڭ بۇ ۋەقەدىكى قانۇنغا خىلاپ ئاساسلىق قىلمىشى قايسى؟ 本题解析
A.ئاپتوبۇسقا يولۇچىلارنى نورمىدىن ئارتۇق سالغان
B.يىللىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگەن
C.ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنغان ئاپتوموبىل تىپىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگەن
D.ئاپتوموبىلنى زىيادە چارچاپ ھەيدىگەن
正确答案:C
7.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى كېسىشكەن يول ئېغىزىدىن ئۆتكەندە يانداشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
8.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك سول تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپتىكى يول ئېغىزىدا قايتۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
9.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ سۇ تاشقان يولدىن ئۆتكەندە قوللىنىشقا تېگىشلىك توغرا ئۇسۇل قايسى؟ 本题解析
A.توختاپ سۇ ئەھۋالىنى ئېنىقلاش
B.بىخەتەرلىككە كۆز يەتكەندىن كېيىن تۆۋەن سۈرئەتتە ئۆتۈش
C.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى سۇدىن ئۆتكەندىن كېيىن تورمۇز پىدالىنى يېنىك، ئۈزۈلدۈرۈپ دەسسەش
D.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى سۇدىن ئۆتكەندىن كېيىن تورمۇز پىدالىنى يېنىك ئۈزمەي دەسسەش
正确答案:ABC
10.قاتناش ساقچىسىنىڭ رەسىمدىكىدەك قول ئىشارىتىنى كۈرگەندە قانداق يۈرۈش كېرەك ؟ 本题解析
A.سولغا بۇرۇلۇش كېرەك
B.ئاپتۇموبىلنى توختىتىپ ساقلاش كېرەك
C.ئۇدۇل يۈرۈش كېرەك
D.سولغا بۇرۇلۇشنى كۈتۈش رايۇنىغا كىرىش كېرەك
正确答案:B
11.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى رەسىمدىكىدەك يول ئېغىزىدا سولغا بۇرىغاندا ئالدىن يول كۆرسەتكۈچ ئىسترېلكىسى سىزىلغان يۆنىلىشكە ئاساسەن سول تەرەپكە يول ئۆزگەرتىش كېرەك 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
12.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ ئالدى تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپتىكى يول ئېغىزىدا سولغا بۇرۇلۇش يولى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
13.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا توسالغۇغا، كاشىلىغا ئۇچرىغاندىن باشقا چاغلاردا ئاپتوموبىلنى توختىتىپ ئادەملەرنىڭ چىقىرىپ-چۈشۈرۈشكە ياكى يۈكلەرنى قاچىلاپ-چۈشۈرۈشكە بولمايدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
14.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئەھۋالدا سىگنالنى مۇۋاپىق ئىشلىتىپ، سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئۆتۈپ كېتىش لازىم. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
15.قاتناش ۋاسىتىسى تاغ يولىغا كېرگەندە”ئۇدا ئايلانما يول“بەلگىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.ھەمدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتناش ۋاسىتىسى ۋە پىيادىلەرگە يول بېرىپ،سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ،ئالدىن سىگنال بېرىپ يۈرۈش لازىم. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
16.يامغۇر ياققان كۈنلەردە يول يۈزى نەم بولغاچقا ئاپتوموبىلنىڭ تورموز ئارىلىقى ئۇزۇراپ كېتىدۇ.يۈرۈش جەريانىدا ئىمكان قەدەر جىددىي تورموز قىلىپ سۈرئەتنى ئاستىلىتىش لازىم. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
17.قاتناش ۋاسىتىسى قوش يۆنىلىشلىك تونىلغا كىرىشتىن بۇرۇن( )ياندۇرۇش كېرەك. 本题解析
A.خەتەرگە دىققەت قىلىش سىگنال چىرىغىنى يېقىش
B.يېراقنى يورۇتۇش چىرىغىنى يېقىش
C.تۇماندىن مۇداپىيەلىنىش چىرىغىنى يېقىش
D.دائىرنى يورۇتۇش چىرىغى ياكى يېقىننى يورۇتۇش چىرىغىنى يېقىش
正确答案:D
18.ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتى بەك تېز بولۇپ كېتىپ ئالدىدىكى ئاپتوموبىلغا سوقۇلۇپ كېتىش ئېھتىمالى بولسا ھەيدىگۈچى قانداق تەدبىر قوللىنىش كېرەك؟ 本题解析
A.ئالدى بىلەن تورمۇزلاپ سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ، ئاندىن ئاپتوموبىلنى يانغا تارتىپ يول بېرىش
B.رولنى سولغا جىددىي ئايلاندۇرۇپ يول بېرىش
C.رولنى ئوڭغا جىددىي ئايلاندۇرۇپ يول بېرىش
D.ئالدى بىلەن ئاپتوموبىلنى چەتكە تارتىپ يول بېرىپ ئاندىن تورمۇز قىلىپ سۈرئەتنى ئاستىلىتىش
正确答案:A
19.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپتىكى يول بۆلىكىدە سائىتىگە 40 كىلومېتىرلىق چەكلەنگەن سۈرئەتنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
20.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدىكىدەك يول بۆلىكىدىن ئۆتكەندە ئالدىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن ياندىسا بىخەتەر بولىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
21.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا كاشىلا كۆرۈلۈپ ياكى قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ يۈرەلمەي قالغاندا، ئوخشاش يۆنىلىشتە كېتىۋاتقان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە سۆرىتىپ يۈرۈشكە بولىدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
22.كېچىدە ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار ( )توغرا ئەمەس. 本题解析
A.ئاپتوموبىل ئىچىدە چىراغ ياندۇرۇش
B.يېتەرلىك ئارىلىق ساقلاپ يۈرۈش
C.چىراغنى قارشى تەرەپنىڭ چىرىغىغا ئۇدۇل چۈشۈرمەسلىك
D.يانداش
正确答案:A
23.يۇقىرى سۈرئەتتە يۈرۈۋاتقان ئاپتوموبىلنىڭ رولى ئىشلىمىگەندە ئۇنى جىددىي تورمۇزلىسا ئاسان ئاغدۇرۇلۇپ كېتىدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
24.قويۇق تۇماندا يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيولدا ھادىسە تۈپەيلىدىن داۋاملىق يۈرۈشكە مۇمكىن بولمىغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟ 本题解析
A.ئاپتوموبىلدا ئولتۇرغۇچىلار دەرھال سول تەرەپتىكى ئىشىكتىن چىقىپ كېتىش
B.ئاپتوموبىلنىڭ ئارقا تەرەپتىن 100 مېتىر كېلىدىغان جايغا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسىنى قويۇپ قويۇش
C.خەتەرگە دىققەت قىلىش سىگنال چىرىغى ۋە يىراقنى يورۇتۇش چىرىغىنى يېقىش
D.ئاپتوموبىلدىكى كىشىلەر مۇھاپىزەت رېشاتكىسىنىڭ سىرتىدىكى بىخەتەر جايدا تۇرۇش
正确答案:D
25.ئاپتوموبىلنى قايتۇرۇش جەريانىدا ئاپتوموبىل بېشىنىڭ ئىككى يېنىدىكى بوشلۇق ئورنىغا دىققەت قىلىپ،بۇرۇلۇش بۇلۇڭىنىڭ بەك چوڭ بولۇپ كېتىپ، سۈركۈلۈپ كىتىش ھادىسىسىدىن ساقلىنىش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
客服电话(微信同号):181-1187-1573 | 黔ICP备15004437号-1 |
© 2010-2019驾考金点通 版权所有 Powerde by:jkjdt.com