题库语言:ئۇيغۇرچە(维语)
语言选择: 中文汉语 ئۇيغۇرچە(维语) قازاقشا(哈语)
车型: 小车科目一 小车科目四 客车科目一 客车科目四 货车科目一 货车科目四 摩托车科目一 摩托车科目四
رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپتە سولغا ئۇدا بۇرۇلىدىغان يول بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
1.سۈن ×× مەلۇم بىر كۈنى سائەت 3 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، 54 ئادەم ئولتۇرغان چوڭ تىپتىكى ئاپتوبۇسنى ھەيدەپ(بەلگىلەنگەن ئادەم سانى 55) سۈييۆ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولىنىڭ 229 كىلومېتىرلىق بۆلىكىنىڭ 300 مېتىر كېلىدىغان يېرىگە كەلگەندە ئاپتوبۇسنى توختاتقان.يولۇچىلار ئاپتوبۇستىن چۈشۈۋاتقاندا، ئارقا تەرەپتىن كېلىۋاتقان لى ×× ھەيدىگەن ئېغىر تىپلىق يېرىم پرىتسېپلىق يۈك ئاپتوموبىلى ئاپتوبۇسنىڭ ئارقىسىغا سوقۇلۇپ 26 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى،29 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىدەك پەۋقۇلئادە زور قاتناش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، لى ×× نىڭ ئالدىنقى كۈنى سائەت 18 دە يولغا چىقىپ تاكى ھادىسە يۈز بەرگىچە بولغان مۇساپە جەريانىدا ئارىلىقتا دەم ئالمىغانلىقى ئېنىقلانغان.بۇ ۋەقەدە ئىككى تەرەپ ھەيدىگۈچىلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئاساسلىق قىلمىشى قايسى؟
2.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك بەلگە ئوڭ تەرەپتىكى يولنىڭ تاق يۆنىلىشىلىك يول ئىكەنلىلكىنى بىلدۈرىدۇ
3.رەسىمدىكى قاتناش ساقچىسىنىڭ قول ئىشارىتى ئۇدۇل يۈرۈشنى بىلدۈرىدۇ
4.ھەيدىگۈچى رولنىڭ ياخشى ئىشلىمىگەنلىكىنى سەزگەندە،داۋاملىق يول يۈرسە بولىدۇ.
5.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپتىكى يول بۆلىكىدە سائىتىگە 40 كىلومېتىرلىق چەكلەنگەن سۈرئەتنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ
6.سىگنال چىرىغى بىلەن كونتىرول قىلىنىدىغان پىيادىلەر توغرا يولىدىن ئۆتمەكچى بولغاندا،( )يانغاندىن كېيىن ئۆتۈش كېرەك.
7.پىراكتىكا مەزگىلىدە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگەندە،ئاپتوموبىلنىڭ ئارقىغا پىراكتىكانت ھەيدىگۈچى دىگەن بەلگىنى چاپلاپ قويۇش ياكى ئېسىپ قويۇش لازىم.
8.يول بويىدا توختاپ تۇرغان ئاپتوموبىلنى ئورنىدىن قوزغىغاندىن كېيىن دەرھال سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ، سولغا جىددىي بۇرۇلۇپ نورمال يۈرۈۋاتقان ئاپتوموبىل يولىغا ھەيدەپ كىرسە بولىدۇ
9.مەخسۇس ئاپتوموبىل يولىدا پەقەت بەلگىلەنگەن قاتناش ۋاسىتىسىنىڭلا يۈرۈشىگە يول قويۇلىدۇ.باشقا قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يۈرۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.
10.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپتە ئۇدا جىددىي ئايلانما يول بارلىقىنى ئەسكەرتىش بەلگىسى
1.قار-يامغۇرلۇق ھاۋا رايىدا ياكى مۇزلۇق يولدا ئۇچراشقاندا( )كېرەك.
2.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئەھۋالدا سىگنالنى مۇۋاپىق ئىشلىتىپ، سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئۆتۈپ كېتىش لازىم.
3.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپ 100 مېتىر ئارىلىقتا ئاپتوموبىلنى توختىتىپ تەكشۇرتىدىغان ئورۇن بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ
4.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يۈرۈش جەريانىدا ۋېلىسىپىت مىنگۈچىلەرنىڭ ئاپتوموبىل يولىغا كىرىۋالغانلىقىنى كۆرگەندە دەرھال سىگنال بېرىپ يول بېرىشكە مەجبۇرلاش لازىم.
5.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە بۇ جايدا سىگنال بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ
6.كۆرسەتكۈچ بەلگىلەر قاتناش ۋاسىتىسى ۋە پىيادىلەرنىڭ يول يۈرۈشىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان بەلگىلەر بولۇپ،ئۇنىڭ رەڭگى( )بولۇپ،ئۇلار دۈگىلەك،كۇۋادىرات،تىك تۆت بۇلۇڭ شەكلىدە بولىدۇ.
7.يۇقىرى سۈرئەتتە كېتىۋاتقاندا تورمۇز تۇيۇقسىز ئىشلىمىسە ھەيدىگۈچى قانداق قىلىش كېرەك؟
8.شې ×× 4.05 توننا يۈك بېسىلغان (بەلگىلەنگەن يۈك قاچىلاش مىقدارى1.2 توننا) تۆۋەن سۈرئەتلىك موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ نىڭجىڭ ناھىيەسى تەۋەسىدىكى 314 نومۇرلۇق ئۆلكە يولىنىڭ 51 كىلومېتىرلىق بۆلىكىنىڭ 260 مېتىر كېلىدىغان يېرىگە كەلگەندە، يولنىڭ مەركىزىي سىزىقىدىن ھالقىپ ئۆتۆپ ئوخشاش يۆنىلىشتە كېتىۋاتقان ئاپتوموبىلنى يانداش جەريانىدا قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتقان 12 ئادەم ئولتۇرغان(بەلگىلەنگەن ئادەم سانى 11) ئوتتۇرا تىپتىكى ئاپتوبۇس بىلەن ئۇدۇلدىن سوقۇلۇپ كېتىپ 10 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى،2 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىدەك پەۋقۇلئادە زور قاتناش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ ۋەقەدىكى قانۇنغا خىلاپ ئاساسلىق قىلمىش قايسى؟
9.پاتقاق يولدا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى چاق قۇرۇق ئايلىنىپ تېيىلسا ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟
10.ئاپتوموبىل پاتقاق يولدا يۈرىۋاتقاندا( )دىققەت قىلىش كېرەك.
客服电话(微信同号):181-1187-1573 | 黔ICP备15004437号-1 |
© 2010-2019驾考金点通 版权所有 Powerde by:jkjdt.com