题库语言:ئۇيغۇرچە(维语)
语言选择: 中文汉语 ئۇيغۇرچە(维语) قازاقشا(哈语)
车型: 小车科目一 小车科目四 客车科目一 客车科目四 货车科目一 货车科目四 摩托车科目一 摩托车科目四
موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى كېچىدە يۈرگەندە بىخەتەرلىككە قانداق قىلغاندا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟
A.لاھىيىدە بەلگىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى سۈرئەتتە يۈرۈش
B.سۈرئەتنى تۆۋەنلىتىپ، ئېھتىيات بىلەن ھەيدەش
C.يۈرۈۋاتقان سۈرئەتتە يۈرىۋېرىش
D.بەلگىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ يۈرۈش
正确答案:B
1.ھەيدىگۈچىنىڭ تەكرار يول ئۆزگەرتىپ يۈرۈشى ھەيدەشتىكى بىر خىل ناچار ئادەت ھېسابلىنىدۇ.
2.قاتناش بەلگىلىرى:كۆرسەتكۈچ بەلگىلىرى،ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىلىرى،مەنئى قىلىش بەلگىلىرى،يول كۆرسىتىش بەلگىلىرى،ساياھەت رايونى بەلگىلىرى،يول قۇرۇلۇش بىخەتەرلىك بەلگىلىرى ۋە ( )بەلگىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
3.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپتىكى ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا 200 مېتىر ئارىلىق قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ
4.ھەيدىگۈچى يول يۈرۈش جەريانىدا ئالدىدىكى ئاپتوموبىل بىلەن بولغان بىخەتەر ئارىلىقىنى ساقلاش بىلەن بىرگە ئارقىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ ئارقىغا سوقۇۋېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئېھتىيات بىلەن تورمۇز قىلىشى كېرەك.
5.يارىدارنىڭ داۋاملىق زەھەرلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يارىدارنى ھاۋاسى ساپ جايغا يۆتكەش كېرەك.
6.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ كېسىشكەن يول ئېغىزىدا رەسىمدىكىدەك ئەھۋالغا يولۇققاندا يول بەرمىسىمۇ بولىدۇ
7.يارىدار ئاپتوموبىل چاقى ياكى يۈك ئاستىدا بېسىلىپ قالغاندا، ئۇنى تېزلىكتە تارتىپ چىقىرىش كېرەك.
8.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ تاغ يولىدىكى مۇزلۇق يولدا يۈرۈۋاتقاندا، ئالدىدىكى ئاپتوموبىل داۋانغا چىقىۋاتقان بولسا قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟
9.ھەيدىگۈچى ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىسە مەركىزىي نىرۋا سىستېمىسىگە تەسىر كۆرسىتىپ،سىزىمى مۈجىمەللىشىپ،خاتا ھۆكۈم قىلىپ،ئىنكاسى توغرى بولماي،يول يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
10.تورمۇز ئىشلىمىگەندە ئالدى بىلەن يۈرۈش يۆنىلىشىنى كونترول قىلىش، ئاندىن ئاپتوموبىل سۈرئىتىنى كونتىرول قىلىش لازىم.
1.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپتە ئەكس يۆنىلىشلىك ئايلانما يول بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ
2.ئالتە ياشلىق قىز گۈلنۇر دادىسىنىڭ ئىككى چاقلىق موتوتسىكىلىتىغا ئولتۇرۇپ مەكتەپكە بارسا بولمايدۇ.
3.يارىدارنىڭ داۋاملىق زەھەرلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يارىدارنى ھاۋاسى ساپ جايغا يۆتكەش كېرەك.
4.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى سۇ بېسىپ كەتكەن كۆۋرۈك ياكى يول بۆلەكلىرىدىن ئۆتكەندە،توختاپ سۇ ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ،بىخەتەرلىككە كۆز يەتكەندىن كېيىن تېز سۈرئەتتە ئۆتۈش لازىم.
5.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئەھۋالغا يولۇققاندا ئالدىدىكى ئاپتوموبىلغا ئەگىشىپ يول ئېغىزىغا كىرىپ كۈتۈش لازىم.
6.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەكدەك ئەھۋالدا سۈرئەتنى تېزلىتىپ يول ئېغىزىدىن ئۆتۈپ كېتىش كېرەك
7.رەسىمدىكى بەلگە قايسى تىپتىكى ئاپتوموبىلنىڭ قاتنىشىغا بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ ؟
8.قىزىل چىراغ يانغاندا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. موتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى ۋە پىيادىلەرنىڭ قاتنىشىغا بولىدۇ.
9.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يامغۇرلۇق كۈنلەردە ئورنىدىن قوزغىغاندا يامغۇر سۈرتكۈچنى ئىشلىتىش كېرەك
10.سۈن ×× مەلۇم بىر كۈنى سائەت 3 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، 54 ئادەم ئولتۇرغان چوڭ تىپتىكى ئاپتوبۇسنى ھەيدەپ(بەلگىلەنگەن ئادەم سانى 55) سۈييۆ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولىنىڭ 229 كىلومېتىرلىق بۆلىكىنىڭ 300 مېتىر كېلىدىغان يېرىگە كەلگەندە ئاپتوبۇسنى توختاتقان.يولۇچىلار ئاپتوبۇستىن چۈشۈۋاتقاندا، ئارقا تەرەپتىن كېلىۋاتقان لى ×× ھەيدىگەن ئېغىر تىپلىق يېرىم پرىتسېپلىق يۈك ئاپتوموبىلى ئاپتوبۇسنىڭ ئارقىسىغا سوقۇلۇپ 26 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى،29 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىدەك پەۋقۇلئادە زور قاتناش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، لى ×× نىڭ ئالدىنقى كۈنى سائەت 18 دە يولغا چىقىپ تاكى ھادىسە يۈز بەرگىچە بولغان مۇساپە جەريانىدا ئارىلىقتا دەم ئالمىغانلىقى ئېنىقلانغان.بۇ ۋەقەدە ئىككى تەرەپ ھەيدىگۈچىلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئاساسلىق قىلمىشى قايسى؟
客服电话(微信同号):181-1187-1573 | 黔ICP备15004437号-1 |
© 2010-2019驾考金点通 版权所有 Powerde by:jkjdt.com