当前题库:ئۇيغۇرچە(维语)货车科目四
语言: 中文汉语 ئۇيغۇرچە(维语) قازاقشا(哈语)
车型: 小车科目一 小车科目四 客车科目一 客车科目四 货车科目一 货车科目四 摩托车科目一 摩托车科目四
1.رەسىمدىكى قاتناش ۋەقەسىدە ھەيدىگۈچىنىڭ ئەجەللىك زەخىمىنىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەب نېمە؟ 本题解析
A.بىخەتەرلىك تاسمىسىنى باغلىمىغان
B.رولغا بەك يېقىن تۇرۇۋالغان
C.رولنى چىڭ تۇتمىغان
D.بىخەتەرلىك يەل خالتىسى ئېچىلمىغان
正确答案:A
2.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى سۇ بېسىپ كەتكەن كۆۋرۈك ياكى يول بۆلەكلىرىدىن ئۆتكەندە،توختاپ سۇ ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ،بىخەتەرلىككە كۆز يەتكەندىن كېيىن تېز سۈرئەتتە ئۆتۈش لازىم. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
3.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى ئوڭ تەرەپتە ئۇدا چۈشىدىغان تىك داۋان يول بۆلىكى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
4.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك يول يۈزىدىكى تور شەكىللىك سىزىق ئېچىگە كېرىپ ساقلاپ تۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
5.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك يولنىڭ ئوڭ تەرپىدىكى ئاپتوموبىل يولىنىڭ ياقىسىغا سىزىلغان ئاق ئۈزۈك سىزىقدىن ھالقىپ ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
6.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپتە ئېقىم ئايرىش يول ئېغىزى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
7.ھەرىكەتلىك رەسىم1دە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشتىن قانچە خىلى بار؟ 本题解析
A.قانۇنغا خىلاپ قىلمىشتىن بىر خىلى بار
B.قانۇنغا خىلاپ قىلمىشتىن ئىككى خىلى بار
C.قانۇنغا خىلاپ قىلمىشتىن ئۈچ خىلى بار
D.قانۇنغا خىلاپ قىلمىشتىن تۆت خىلى بار
正确答案:B
8.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئەھۋالغا يولۇققاندا قانداق يۈرۈش كېرەك؟ 本题解析
A.تۆۋەن سۈرئەتتە ئاستا ئۆتۈش كېرەك
B.سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئۆتۈپ كېتىش كېرەك
C.ئۈزمەي سىگنال بېرىپ ئۆتۈپ كېتىش كېرەك
D.نورمالنى سۈرئەتتە ئۆتۈش كېرەك
正确答案:A
9.كېچىدە قاتناش سىگنالى بىلەن كونتىرول قىلىنمايدىغان كېسىشكەن يول ئېغىزلىرىدىن ئۆتكەندە يېراق،يېقىننى يورۇتۇش چىراغلىرىنى ئالماشتۇرۇپ يېقىپ ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
10.ئاپتوموبىلنى قار-مۇزلۇق يوللاردا ھەيدىگەندە،ئوتتۇرا سۈرئەت ياكى تۆۋەن سۈرئەتتە يۈرۈش،رولنى ئىمكان قەدەر جىددىي ئايلاندۇرماسلىق،يېنىچە تېيىلىپ كېتىشدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ماي پىدالىنى قاتتىق دەسسىمەسلىك ياكى تېز بوشاتماسلىق كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
11.رەسىمدىكى قاتناش ساقچىسىنىڭ قول ئىشارىتى ئوڭغا بۇرۇلۇشنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
12.تۇمانلىق كۈنلەردە بىخەتەر يۈرۈشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار قايسى؟ 本题解析
A.ئاسانلا يېنىچە تېيىلىپ كېتىش
B.كۆرۈش دەرىجىسى تۆۋەنلەش
C.يۈرۈش قارىشىلىقى چوڭىيىپ كېتىش
D.كۆرۈش دائىرىسى كېڭىيىپ كېتىش
正确答案:B
13.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپتىكى ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا 200 مېتىر ئارىلىق قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
14.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك پىيادىلەرگە يولۇققاندا ئۈزمەي سىگنال بېرىپ، پىيادىلەرنى يول بېرىشكە قىستاش لازىم. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
15.يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى يولغا قويۇش چارىسىنىڭ 48-ماددىسىنىڭ 5-تارمىقىدا:كېچىدە ئۇچراشقاندا قارشى تەرەپتىن كىلىۋاتقان قاتناش ۋاسىتىسى بىلەن( )مېتىر ئارىلىقتا يېقىننى يورۇتۇش چىرىغىنى ياندۇرۇش كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن. 本题解析
A.50مېتىر
B.100مېتىر
C.150مېتىر
D.200مېتىر
正确答案:C
16.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەكدەك يول ئېغىزىدىن ئوڭغا بۇرۇلغاندا موتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىغا يول بېرىش كېرەك 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
17.ھەيدىگۈچى مۇرەككەپ يوللاردا قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگەندە،يۈكسەك دەرىجىدە سەگەك بولۇپ«بىرىنچىدىن ئاستا،ئىككىنچىدىن قاراش،ئۈچىنچىدىن ئۆتۈش»،«ئۈچ مىنۇت توختاپ تۇرۇشقا رازى بولۇش كېرەككى،بىر سىكونتنى تالاشماسلىق»دىن ئىبارەت قائىدىگە ئەمەل قىلىش كېرەك.بۇ بولسىمۇ ھەيدىگۈچىلەردىن( )ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. 本题解析
A.تېز ۋە ئاستا
B.پايدا بىلەن زىيان
C.توغرا بىلەن خاتا
D.ياخشى بىلەن يامان
正确答案:A
18.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ داۋاندىن چۈشۈۋېتىپ توختىتىشقا توغرا كەلگەندە، پۇت تورمۇزنى قانداق ئىشلىتىش كېرەك؟ 本题解析
A.تۈز يولغا قارىغاندا بۇرۇنراق تورمۇز قىلىش كېرەك
B.تۈز يولغا قارىغاندا كېيىنرەك تورمۇز قىلىش كېرەك
C.تۈز يولدا تورمۇز قىلغانغا ئوخشاش تورمۇز قىلىش كېرەك
D.تورمۇز پىدالىنى يېنىك دەسسەش كېرەك
正确答案:A
19.رەسىمدىكى قاتناش ساقچىسىنىڭ قول ئىشارىتى سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئاستا يۈرۈشنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
20.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدە توختاپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ چىقىپ-چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، بىر يۆنىلىشتە پەقەت بىرلا ئاپتوموبىل يولى بولسا، ئارقىدىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى دەرھال توختاپ ساقلاپ تۇرۇشى كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
21.باغلىما يولدا ئاپتوموبىلنىڭ سائەتلىك سۈرئىتىنى 60 كىلومېتىردىن ئاشۇرۇغاندىن كېيىن بىۋاسىتە يۈرۈش يولىغا ھەيدەپ كىرىشكە بولىدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
22.رەسىمدىكى قاتناش ساقچىسىنىڭ قول ئىشارىتى سولغا بۇرۇلۇشنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
23.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك سول تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپتىكى يول ئېغىزىدا قايتۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
24.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئالدى تەرەپتىكى بەلگە ئالدى 100 مېتىر جايدا جىددىي ئەھۋالدا قوغدىنىش ئۇرنى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
25.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ باغلىما يولىدا توختىتىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
客服电话(微信同号):181-1187-1573 | 黔ICP备15004437号-1 |
© 2010-2019驾考金点通 版权所有 Powerde by:jkjdt.com