当前题库:ئۇيغۇرچە(维语)货车科目四
语言: 中文汉语 ئۇيغۇرچە(维语) قازاقشا(哈语)
车型: 小车科目一 小车科目四 客车科目一 客车科目四 货车科目一 货车科目四 摩托车科目一 摩托车科目四
1.موتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسى كېچىدە يورۇتۇش شارائىتى ياخشى بولغان يول بۆلەكلىرىدە ئاپتوموبىلغا ئەگىشىپ كېتىۋاتقاندا قايسى چىراغنى يېقىش كېرەك؟ 本题解析
A.ئالدى چىراغنى ئۆچۈرۈۋېتىش كېرەك
B.يىراقنى يورۇتۇش چىرىغىنى يېقىش كېرەك
C.بارلىق چىراغلارنى ئۆچۈرۈۋېتىش كېرەك
D.يېقىننى يورۇتۇش چىرىغىنى يېقىش كېرەك
正确答案:D
2.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگەندە تەكرار يول ئۆزگەرتىپ يۈرۈشكە بولمايدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
3.يامغۇرلۇق كۈنلەردە يۈرگەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ 本题解析
A.جىددىي تورمۇز قىلىش، جىددىي بۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش كېرەك
B.يېتەرلىك بىخەتەرلىك ئارىلىقنى ساقلاپ يۈرۈش كېرەك
C.موتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى ۋە پىيادىلەرنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىغا دىققەت قىلىش كېرەك
D.بىخەتەر يۈرۈش سۈرئىتىنى تاللاپ يۈرۈش كېرەك
正确答案:ABCD
4.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى رەسىمدىكىدەك يول ئېغىزىدا سولغا بۇرىغاندا ئالدىن يول كۆرسەتكۈچ ئىسترېلكىسى سىزىلغان يۆنىلىشكە ئاساسەن سول تەرەپكە يول ئۆزگەرتىش كېرەك 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
5.جىددىي ئەھۋالدا خەتەردىن ساقلىنىشتا تەمكىنلىك بىلەن ئۇنى قانداق تەدبىر قوللىنىش كېرەك؟ 本题解析
A.ئالدى بىلەن ئادەمنى قۇتقۇزۇپ،ئاندىن نەرسىلەردىن دالدىلىنىش كېرەك
B.ئالدى بىلەن نەرسىلەردىن قاچۇرۇپ، ئاندىن ئاپتوموبىلدىن دالدىلىنىش كېرەك
C.ئالدى بىلەن ئاپتوموبىلدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئاندىن ئادەمدىن دالدىلىنىش كېرەك
D.ئالدى بىلەن نەرسىلەردىن دالدىلىنىپ، ئاندىن ئادەمدىن قاچۇرۇش كېرەك
正确答案:A
6.پورۇخ ۋە پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دورىلار قايسى تۈردىكى خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇمغا كىرىدۇ؟ 本题解析
A.ئوكسىدلانغۇچى ماددا
B.ئاسان يانىدىغان قاتتىق جىسىم
C.پارتلايدىغان بۇيۇم
D.ئۆزى يانىدىغان بۇيۇم
正确答案:C
7.ئاپتوموبىل ئۇزۇن مەزگىل يوقىرى سۈرئەتتە يۈرسە ياكى نورمىدىن ئارتۇق يۇك بېسىپ يۈرسە موتورنىڭ تىمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ كېتىدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
8.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ كېتىۋاتقاندا،ئالدى تەرەپتىكى ئاپتوموبىل يولى ئۈچ يولدىن ئىككى يولغا ئۆزگەرگەندە،قاتناش ۋاسىتىسى توختاپ رەت بويىچە ئۆتۈش لازىم. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
9.لى فامىلىلىك موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ قاتناش ۋەقەسى پەيدا قىلغاندىن كېيىن قېچىپ كېتىپ،قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن.ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى ئۈچۈن ھەيدەش كىنىشكىسى كۈچتىن قالدۇرۇلۇپ،ئۆمۈر بۇيى قايتىدىن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىشىغا بولمايدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
10.يۈرۈش جەريانىدا موتورنىڭ ئوتى تۇيۇقسىز ئۆچۈپ قېلىپ قايتا ئوت ئالدۇرغىلى بولمىسا، دەرھال جىددىيي تورمۇز قىلىپ ئاپتوموبىلنى تېزدىن مەجبۇرىيي توختىتىش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
11.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك يول يۈزى بەلگىسى ئورنىتىلغان يول ئېغىزىدا ئاپتوموبىلنى توختىتىپ قايتۇرۇش مەنئى قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
12.پاتقاق يولدا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى چاق قۇرۇق ئايلىنىپ تېيىلسا ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ 本题解析
A.ئەگەشكۈچى چاقنىڭ ئاستىغا شېغىل ياتقۇزۇش كېرەك
B.يۇقىرى خوتقا سېلىپ، سۈرئەتنى تېزلىتىپ چىقىپ كېتىش كېرەك
C.ھەرىكەتلەندۈرگۈچى چاقنىڭ ئاستىغا شېغىل ياتقۇزۇش كېرەك
D.رولنى جىددىي ئايلاندۇرۇپ، سۈرئەتنى جىددىي ئاشۇرۇش كېرەك
正确答案:C
13.شې ×× 4.05 توننا يۈك بېسىلغان (بەلگىلەنگەن يۈك قاچىلاش مىقدارى1.2 توننا) تۆۋەن سۈرئەتلىك موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ نىڭجىڭ ناھىيەسى تەۋەسىدىكى 314 نومۇرلۇق ئۆلكە يولىنىڭ 51 كىلومېتىرلىق بۆلىكىنىڭ 260 مېتىر كېلىدىغان يېرىگە كەلگەندە، يولنىڭ مەركىزىي سىزىقىدىن ھالقىپ ئۆتۆپ ئوخشاش يۆنىلىشتە كېتىۋاتقان ئاپتوموبىلنى يانداش جەريانىدا قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتقان 12 ئادەم ئولتۇرغان(بەلگىلەنگەن ئادەم سانى 11) ئوتتۇرا تىپتىكى ئاپتوبۇس بىلەن ئۇدۇلدىن سوقۇلۇپ كېتىپ 10 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى،2 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىدەك پەۋقۇلئادە زور قاتناش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ ۋەقەدىكى قانۇنغا خىلاپ ئاساسلىق قىلمىش قايسى؟ 本题解析
A.يۈك ئاپتوموبىلىغا نورمىدىن ئارتۇق يۈك قاچىلىغان
B.يۈك ئاپتوموبىلى قانۇنغا خىلاپ ئاپتوموبىل ياندىغان
C.ئاپتوبۇسقا نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سالغان
D.ئاپتوبۇسنى زىيادە چارچاپ ھەيدىگەن
正确答案:ABC
14.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك بەلگە يولدا توسالغۇ بۇلۇپ ، ئاپتۇموبىللارنىڭ ئوڭ ياندىن ئايلىنىپ ئۆتۈش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
15.ئاپتوموبىلغا چىقىپ ئولتۇرغاندا بىخەتەرلىك تاسمىسىنى باغلىۋىلىش توغرىسىدا تۆۋەندىكىلەرنىڭ ئىچىدە قايسى خىل قاراش توغرا؟ 本题解析
A.ئارقا تەرەپتە ئولتۇرغانلار باغلىمىسىمۇ بولىدۇ
B.ئالدىدا ئولتۇرغانلار چوقۇم باغلىۋىلىشى كېرەك
C.ئاپتوموبىلنىڭ سائەتلىك تېزلىكى 60كىلومېتىردىن تۆۋەن بولسا باغلىمىسىمۇ بولىدۇ
D.يېزا يوللىرىدا يۈرگەندە باغلىمىسىمۇ بولىدۇ
正确答案:B
16.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك يولنىڭ ئوتتىرسىدىكى سېرىق رەڭلىك ئۈزۈك-تۇتاش سىزىق ياندىغاندا سىزىقتىن ۋاقىتلىق ھالقىپ ئۈتۈشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
17.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا قويۇق تۇماندا كۆرۈش دەرىجىسى توسقۇنلۇققا ئۇچرىسا ئاپتوموبىلنى دەرھال جىددىيي تورمۇزلاپ توختىتىش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
18.ئالدى تەرەپتىكى يول ئېغىزىدىن ئۇدۇل ئۆتمەكچى بولسا قانداق يۈرۈش كېرەك؟ 本题解析
A.يول ئېغىزىغا يېقىنلاپ كەلگەندە سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ، ئاستا يۈرۈش كېرەك
B.يول ئېغىزىغا كىرىپ بولغاندىن كېيىن سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئاستا يۈرۈش كېرەك
C.سۈرئەتنى ئاستىلاتماي بىۋاسىتە ئۆتۈپ كېتىش كېرەك
D.سۈرئەتنى ئالدىن تېزلىتىپ يول ئېغىزىدىن ئۆتۈش كېرەك
正确答案:A
19.يۈرۈش جەريانىدا چاق ئۇشتۇمتۇت ئېتىلىپ كەتسە قوللىنىشقا تېگىشلىك جىددىي تەدبىرلەر قايسى؟ 本题解析
A.تېزدىن تورمۇزلاپ سۈرئەتنى ئاستىلىتىش
B.رولنى چىڭ تۇتۇپ، ئاپتوموبىلنى سىلىق توختىتىش
C.رولنى تېز ئايلاندۇرۇپ نىشاننى توغرىلاش
D.تۆۋەن سۈرئەتتە يۈرۈپ، چاق ئالماشتۇرىدىغان جاينى تېپىش
正确答案:B
20.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەكدەك ئەھۋالدا، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ سولغا بۇرۇلسا بولمايدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
21.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىدا كاشىلا كۆرۈلۈپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا توختاشقا توغرا كەلگەندە قوللىنىشقا تېگىشلىك توغرا ئۇسۇل قايسى؟ 本题解析
A.ئاپتوموبىلنىڭ ئارقىسىدىن 150 مېتىر يىراقلىققا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى قويۇپ قويۇش كېرەك
B.ئاپتوموبىلنىڭ ئارقىسىدىن 100 مېتىر يىراقلىققا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى قويۇپ قويۇش كېرەك
C.كېچىدە كەڭلىكنى كۆرسىتىش چىرىغى ۋە ئارقا چىراغنى يېقىپ قويۇش كېرەك
D.خەتەرگە دىققەت قىلىش سىگنال چىرىغىنى يېقىپ قويۇش كېرەك
正确答案:ACD
22.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ھەرىكەتلىك رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەكدەك تۆمۈر يول ئېغىزىدىن ئۆتۈش ئۇسۇلى توغرا 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
23.ئادەم،ئاپتوموبىل ۋە يول، قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىشتىكى ئۈچ ئاساسى ئامىل بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتوموبىل ھەل قىلغۇچ ئامىل ھىساپلىنىدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
24.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپتە تىك داۋانغا چىقىش يول بۆلىكى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
25.ھەرىكەتلىك رەسىم 4دە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشتىن قانچە خىلى بار؟ 本题解析
A.قانۇنغا خىلاپ قىلمىشتىن بىر خىلى بار
B.قانۇنغا خىلاپ قىلمىشتىن ئىككى خىلى بار
C.قانۇنغا خىلاپ قىلمىشتىن ئۈچ خىلى بار
D.قانۇنغا خىلاپ قىلمىشتىن تۆت خىلى بار
正确答案:C
客服电话(微信同号):181-1187-1573 | 黔ICP备15004437号-1 |
© 2010-2019驾考金点通 版权所有 Powerde by:jkjdt.com