当前题库:ئۇيغۇرچە(维语)货车科目四
语言: 中文汉语 ئۇيغۇرچە(维语) قازاقشا(哈语)
车型: 小车科目一 小车科目四 客车科目一 客车科目四 货车科目一 货车科目四 摩托车科目一 摩托车科目四
1.ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدا پىيادە كېتىۋاتقان كىشىلەر يول ياقىسىدا توختىتىپ قۇيۇلغان ئاپتوموبىلنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە،ئاپتوموبىل ئىشىكىنىڭ تۇيۇقسىز ئېچىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
2.داۋاندىن چۈشۈۋاتقاندا تورمۇز تۇيۇقسىز ئىشلىمىسە قوللىنىشقا بولمايدىغان ئۇسۇل قايسى؟ 本题解析
A.ئاپتوموبىلنى داۋانغا چىقىۋاتقان يۆنىلىشكە ھەيدەش
B.ئاپتوموبىلنى يول ياقىسىدىكى تاغ گەۋدىسىگە ياكى ئورمانلارغا تەككۈزۈش
C.يول بويىدىكى خەتەردىن دالدىلىنىش يولىدا توختاش
D.قول تورمۇز دەستىسىنى چىڭ تارتىپ ياكى خوتنى ئىككى دەرىجە چۈشۈرۈش
正确答案:D
3.ناچار ھاۋا كىلىماتىدا ھەيدىگۈچىنىڭ بىخەتەر ھەيدىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق ئامىل:يامغۇرلۇق كۈنلەردە سۇ يىغىلىپ قالىدۇ،تۇمانلىق كۈنلەردە كۆرۈش دەرىجىسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ،قىش پەسلىدە يولنى مۇز قاپلاپ تىيىلغاق بولۇپ كېتىدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
4.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپتىكى يولنىڭ ئوڭ يېنى كېڭەيگەن يول بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
5.سۈن ×× مەلۇم بىر كۈنى سائەت 3 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، 54 ئادەم ئولتۇرغان چوڭ تىپتىكى ئاپتوبۇسنى ھەيدەپ(بەلگىلەنگەن ئادەم سانى 55) سۈييۆ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولىنىڭ 229 كىلومېتىرلىق بۆلىكىنىڭ 300 مېتىر كېلىدىغان يېرىگە كەلگەندە ئاپتوبۇسنى توختاتقان.يولۇچىلار ئاپتوبۇستىن چۈشۈۋاتقاندا، ئارقا تەرەپتىن كېلىۋاتقان لى ×× ھەيدىگەن ئېغىر تىپلىق يېرىم پرىتسېپلىق يۈك ئاپتوموبىلى ئاپتوبۇسنىڭ ئارقىسىغا سوقۇلۇپ 26 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى،29 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىدەك پەۋقۇلئادە زور قاتناش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، لى ×× نىڭ ئالدىنقى كۈنى سائەت 18 دە يولغا چىقىپ تاكى ھادىسە يۈز بەرگىچە بولغان مۇساپە جەريانىدا ئارىلىقتا دەم ئالمىغانلىقى ئېنىقلانغان.بۇ ۋەقەدە ئىككى تەرەپ ھەيدىگۈچىلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئاساسلىق قىلمىشى قايسى؟ 本题解析
A.سۈن ×× قانۇنغا خىلاپ توختىغان
B.سۈن ×× ئاپتوبۇسقا نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سالغان
C.لى ×× زىيادە تېز سۈرئەتتە يول يۈرگەن
D.لى ×× چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن
正确答案:AD
6.يېزا يوللىرىدا يۈرگەندە قاتناشنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن( )قاتارلىق يولۇچىلار ئولتۇرۇشقا ماس كىلىدىغان قاتناش ۋاسىتىسىگە ئولتۇرۇش كېرەك. 本题解析
A.تىراكتور
B.ئۈچ چاقلىق ئاپتوموبىل
C.تۆۋەن سۈرئەتلىك يۈك ئاپتوموبىلى
D.ئاپتوبۇس
正确答案:D
7.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى مۇز تۇتقان يولدا قانداق ئۇچرىشىش كېرەك؟ 本题解析
A.ئىككى ئاپتوموبىل يېقىنلاپ كەلگەندە سۈرئەتنى ئاستىلىتىش كېرەك
B.سۈرئەتنى مۇۋاپىق تېزلىتىپ ئۇچرىشىش كېرەك
C.سۈرئەتنى ئالدىن ئاستىلىتىپ، ئاستا ئۇچرىشىش كېرەك
D.ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچرىشىش كېرەك
正确答案:C
8.پىيادىلەر توغرا يولى سىزىلمىغان يولدا،يولۇچىلار ئاپتوموبىلدىن چۈشكەندىن كېيىن يولنى كېسىپ ئۆتمەكچى بولسا،تۆۋەندىكىلەرنىڭ ئىچىدە قايسىسى توغرا؟ 本题解析
A.ئاپتوموبىلنىڭ ئالدىدىن يولنى توغرا كېسىپ ئۆتۈش
B.ئاپتوموبىلنىڭ ئارقىدىن يولنى توغرا كېسىپ ئۆتۈش
C.ئاپتوموبىل ماڭغاندىن كېيىن،بىخەتەرلىككە كۆزى يەتسە ئۆتۈش
D.ئاپتوبۇس كەتكەندىن كېيىن،تېزلىكتە ئۆتۈپ كېتىشى كېرەك
正确答案:C
9.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئەھۋالدا ۋاقىتلىق توختىغاندىن كېيىن، ئاپتوموبىلنىڭ كەينىگە سىيرىلدۈرۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن رولنى ئوڭغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
10.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك سول تەرەپتىكى بەلگە مۇشۇ جايدا ئاپتوموبىلنى قايتۇرۇشقا يول قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
11.يۈرۈش جەريانىدا چاق تۇيۇقسىز ئېتىلىپ كەتسە توغرا بولمىغان بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى قايسى؟ 本题解析
A.ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، ماي پىدالىنى ئاستا بوشىتىش
B.رولنى چىڭ تۇتۇپ، ئاپتوموبىلنىڭ ئۇدۇل يۈرۈش لىنىيەسىنى كونترول قىلىش
C.جىددىي تورمۇز قىلىپ، ئاپتوموبىلنى قىسقا ئارىلىقتا توختىتىش
D.ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتى تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، تورمۇز پىدالىنى يېنىك دەسسەش
正确答案:C
12.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ كېتىۋاتقاندا قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتقان ئاپتوموبىل بولمىسا يانداشقا بولىدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
13.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ باغلىما يولىغا كىرگەندىن كېيىن، تۆۋەندىكىلەر ئىچىدە قايسى خىل قاراش توغرا؟ 本题解析
A.يانداشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ
B.قايتۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ
C.توختاشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ
D.ياندۇرۇشقا بولىدۇ
正确答案:B
14.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك يول يۈزىدىكى يول باشلاش سىزىقى قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يۈرۈش يۆنىلىشنى ئىختىيارىي تاللاشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
15.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا جىددىيي ئەھۋالغا يولۇققاندا، خەتەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ 本题解析
A.تورمۇزلاش تەدبىرىنى قوللىنىپ، سۈرئەتنى ئاستىلىتىش كېرەك
B.سول تەرەپكە بۇرۇلۇپ ئۆزىنى قاچۇرۇش كېرەك
C.رولنى جىددىي ئايلاندۇرۇپ ئۆزىنى دالدىغا ئېلىش كېرەك
D.ئوڭ تەرەپكە بۇرۇلۇپ ئۆزىنى قاچۇرۇش كېرەك
正确答案:A
16.يارىدارنىڭ داۋاملىق زەھەرلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يارىدارنى ھاۋاسى ساپ جايغا يۆتكەش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
17.يوقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىكى سۈرئەت چەكلەش بەلگىسىدە كۆرسىتىلگەن ئەڭ يوقىرى سائەتلىك سۈرئەت( )دىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ. 本题解析
A.100كىلومېتىر
B.110كىلومېتىر
C.120كىلومېتىر
D.130كىلومېتىر
正确答案:C
18.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى يول بۆلىكىدە يولنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكىنى،ئۈتۈشكە بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
19.ئالتە ياشلىق قىز گۈلنۇر دادىسىنىڭ ئىككى چاقلىق موتوتسىكىلىتىغا ئولتۇرۇپ مەكتەپكە بارسا بولمايدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
20.ۋاڭ فامىلىلىك كېچىدە ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ يۈك توشۇۋاتقاندا ئالدى تەرەپتە قارشى تەرەپتىن كىلىۋاتقان ئاپتوموبىلنىڭ يىراقنى يورۇتۇش چىرىغىنى ئۆچۈرمىگەنلىكىنى كۆرۈپ،يېقىننى يورۇتۇش چىرىغىنى ياندۇرۇپ بەلگە بېرىدۇ.بىراق قارشى تەرەپ يىراقنى يورۇتۇش چىرىغىنى يەنىلا ئۆچۈرمەيدۇ.بۇ چاغدا ۋاڭ فامىلىلىك قانداق قىلىشى كېرەك؟ 本题解析
A.ئاپتوموبىلنى سول تەرەپكە ھەيدەپ توختاش
B.سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئوڭ تەرەپكە ھەيدەپ يول بېرىش
C.سول تەرەپ بىلەن يۈرۈش
D.يىراقنى يورۇتۇش چىرىغىنى ياندۇرۇش
正确答案:B
21.رەسىمدىكى قاتناش ساقچىسىنىڭ قول ئىشارىتى سولغا بۇرۇلۇشنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
22.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئەھۋالغا يولۇققاندا قانداق قىلىش كېرەك؟ 本题解析
A.ئۈزمەي سىگنال بېرىپ ئاگاھلاندۇرۇش كېرەك
B.سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئالدى تەرەپتىن ئايلىنىپ ئۆتۈش كېرەك
C.خەتەر كۆرۈلگەندە ئاندىن سۈرئەتنى ئاستىلىتىش كېرەك
D.تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يول بېرىش كېرەك
正确答案:D
23.يۈرۈش جەريانىدا چاق تۇيۇقسىز ئېتىلىپ كەتسە ھەيدىگۈچى رولنى چىڭ تۇتۇپ، ئىمكانقەدەر ئاپتوموبىلنىڭ ئۇدۇل يۆنىلىشتە يۈرۈشىنى كونترول قىلىش لازىم. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
24.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدىكىدەك ئالاھىدە ئەھۋالغا يولۇققاندا قانداق يۈرۈش كېرەك؟ 本题解析
A.سول تەرەپكە ھەيدەپ سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يول بېرىش كېرەك
B.ئوڭ تەرەپكە ھەيدەپ سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يول بېرىش كېرەك
C.سۈرئەتنى تېزلىتىپ سولغا ھەيدەپ يول بېرىش كېرەك
D.ئەسلىي يۈرۈش لىنىيەسى بويىچە يۈرۈۋېرىش كېرەك
正确答案:A
25.ئىسپېرىت ئادەملەرنىڭ مەركىزىي نىرۋا سىستېمىسىنىڭ سىزىمىنى يوقۇتۇپ،( )،ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ،بىخەتەر ھەيدەش ئىقتىدارىنى يوقۇتۇپ،ئاسان ھادىسە پەيدا قىلىدۇ. 本题解析
A.سەزمەس قىلىپ،ئىنكاسنى كېچىكتۈرىۋىتىدۇ
B.زىيادە ھاياجانلىنىپ ياكى ئەس-ھۇشىنى يوقۇتۇپ سەگەك بولماي،ئىنكاسى ئاستا بولىدۇ
C.ئۆزىنى باسالماي قالىدۇ
D.بەكلا ھاياجانلىنىپ كېتىپ،ساختا سېزىم پەيدا قىلىدۇ
正确答案:B
客服电话(微信同号):181-1187-1573 | 黔ICP备15004437号-1 |
© 2010-2019驾考金点通 版权所有 Powerde by:jkjdt.com