当前题库:ئۇيغۇرچە(维语)货车科目四
语言: 中文汉语 ئۇيغۇرچە(维语) قازاقشا(哈语)
车型: 小车科目一 小车科目四 客车科目一 客车科目四 货车科目一 货车科目四 摩托车科目一 摩托车科目四
1.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپتىكى يولنىڭ ئوڭ يېنى كېڭەيگەن يول بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
2.پاتقاق يولدا يۈرگەندە قوللىنىشقا تېگىشلىك توغرا ئۇسۇل قايسى؟ 本题解析
A.ئىمكانقەدەر پۇت تورمۇزنى ئىشلەتمەسلىك
B.ئوتتۇرا، تۆۋەن خوتتا ئاستا يۈرۈش
C.رولنى چىڭ تۇتۇش
D.تېز سۈرئەتتە ئۆتۈپ كېتىش
正确答案:ABC
3.چىن فامىلىلىك ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ ئىدارە باشلىقىنى ئالغىلى كېتىۋاتقاندا،ئالدى تەرەپتە بىر بوۋاينىڭ يولنى توغرى كېسىپ ئۆتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالىدۇ.بۇ چاغدا چىن فامىلىلىك قانداق قىلىشى كېرەك؟ 本题解析
A.ئۈزمەي سىگنال بېرىپ ئاگاھلاندۇرۇش
B.سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئالدى تەرەپتىن ئۆتۈپ كېتىش
C.تېزلىكتە ئارقا تەرەپتىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىش
D.سۈرئەتنى ئاستىلىتىش ياكى توختاپ يول بېرىش
正确答案:D
4.ئېنىرگىيەلىك بۇرالدۇرغۇچ ئورنىتىلغان ئاپتوموبىلنى بۇرالدۇرغاندا قىيىنچىلىق كۆرۈلسە ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ 本题解析
A.ئاپتوموبىلنى توختىتىپ سەۋەبىنى ئېنىقلاش
B.رولنى كونترول قىلىپ ئاستا يۈرۈش
C.سۈرئەتنى ئاستىلتىپ يۈرۈش
D.ئاپتوموبىلنىڭ ئۇدۇل يۇرىشىنى ساقلاش
正确答案:A
5.موتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تونىل ئىچىدە ياندۇرۇشقا بولمايدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
6.تاۋ ×× 33 يولۇچى ئولتۇرغان ئوتتۇرا تىپتىكى ئاپتوبۇسنى سائىتىگە 120 كىلومېتىرلىق سۈرئەتتە ھەيدەپ،شۈپىڭنەن يوقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ 163 كىلومېتىرلىق بۆلىكىگە كەلگەندە، يولنىڭ ئىچكى تەرىپىدە كاشىلا سەۋەبىدىن يۆتكەپ كېتىشكە مۇمكىن بولماي توختاپ قالغان، ئەن ×× ھەيدىگەن پىكاپ (پىكاپنىڭ ئارقىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى قويۇلمىغان) قا سوقۇلۇپ كەتكەن.ئاپتوبۇس ئوڭ تەرەپتىكى رېشاتكىدىن ھالقىپ چىقىپ كېتىپ، يېنىچە ئاغدۇرۇلۇپ كېتىپ 16 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى،15 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىدەك پەۋقۇلئادە زور قاتناش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ ۋەقەدە ئىككى تەرەپ ھەيدىگۈچىلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئاساسلىق قىلمىشى قايسى؟ 本题解析
A.تاۋ ×× ئاپتوبۇسقا نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سالغان
B.تاۋ ×× زىيادە تېز سۈرئەتتە يول يۈرگەن
C.ئەن ×× بەلگىلىمە بويىچە پىكاپنىڭ ئارقىغا ئاگاھ بەلگىسىنى قويمىغان
D.ئەن ×× قانۇنغا خىلاپ توختىغان
正确答案:ABC
7.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدىكىدەك ئەھۋالغا يولۇققاندا قانداق قىلسا ئەڭ بىخەتەر بولىدۇ؟ 本题解析
A.سۈرئەتنى ئىمكانقەدەر تېزلىتىپ ئالدىدىكى ئاپتوموبىلدىن ئۆتۈپ كېتىش
B.تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يانداشتىن ۋاز كېچىش
C.سىگنال بېرىپ ئالدىدىكى ئاپتوموبىلنى يول بېرىشكە قىستاش
D.ئالدى چىراغنى يېقىپ قارشى تەرەپنى سۈرئەتنى ئاستىلىتىشقا مەجبۇرلاش
正确答案:B
8.داۋاندىن چۈشىۋاتقاندا تورمۇز تۇيۇقسىز ئىشلىمىسە سۈرئەتنى قانداق ئاستىلىتىش كېرەك؟ 本题解析
A.يول ياقىسىغا لايىھىلەنگەن خەتەردىن دالدىلىنىش يولىدىن پايدىلىنىپ سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ توختاش
B.ئاپتوموبىلنىڭ بىخەتەرلىك رامىنى يول ياقىسىدىكى تاغ گەۋدىسىگە ياكى ئورمانلارغا ئۆستۈرۈش
C.ئالدى بىلەن قول تورمۇز دەستىسىنى چىڭ تارتىش
D.مەجبۇرىي تۆۋەن خوتقا سېلىش
正确答案:ABD
9.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئاپتوموبىل يولى يۈزىدىكى يۆنىلىش كۆرسىتىدىغان ئىسترېلكا ئالدى تەرەپتىكى يول ئېغىزىدا بېشىنى قايتۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
10.ئاپتوموبىل داۋانغا چىقىۋاتقاندا،كاشىلا سەۋەبىدىن ئۇزۇن ۋاقىت توختىتىشقا توغرا كەلگەندە رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئۇسۇلنى قوللىنىپ چاققا دىيەك قويۇش لازىم. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
11.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدىكىدەك يول بۆلىكىدە يانداشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
12.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئەھۋالغا يولۇققاندا سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئاستا يۈرۈش لازىم. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
13.قاتناش ۋاسىتىسى قوش يۆنىلىشلىك تونىلغا كىرىشتىن بۇرۇن( )ياندۇرۇش كېرەك. 本题解析
A.خەتەرگە دىققەت قىلىش سىگنال چىرىغىنى يېقىش
B.يېراقنى يورۇتۇش چىرىغىنى يېقىش
C.تۇماندىن مۇداپىيەلىنىش چىرىغىنى يېقىش
D.دائىرنى يورۇتۇش چىرىغى ياكى يېقىننى يورۇتۇش چىرىغىنى يېقىش
正确答案:D
14.رەسىمدىكى قاتناش ساقچىسىنىڭ قول ئىشارىتى سولغا بۇرۇلۇشنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
15.يامغۇرلۇق كۈنلەردە «سۇدا تېيىلىش»دىن ساقلىنىشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل يۇقىرى سۈرئەتتە يول يۈرۈشتىن ئىبارەت. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
16.ئاپتوموبىل ئۇزۇن مەزگىل يوقىرى سۈرئەتتە يۈرسە ياكى نورمىدىن ئارتۇق يۇك بېسىپ يۈرسە موتورنىڭ تىمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ كېتىدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
17.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى ئوڭ تەرەپ 500 مېتىر ئارىلىقتا ئاپتوموبىللارنىڭ خەتەردىن دالدىلىنىش يولى بارلىقىنى ئەسكەرتىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
18.يۈرۈش جەريانىدا چاق ئۇشتۇمتۇت ئېتىلىپ كەتسە قوللىنىشقا تېگىشلىك جىددىي تەدبىرلەر قايسى؟ 本题解析
A.تېزدىن تورمۇزلاپ سۈرئەتنى ئاستىلىتىش
B.رولنى چىڭ تۇتۇپ، ئاپتوموبىلنى سىلىق توختىتىش
C.رولنى تېز ئايلاندۇرۇپ نىشاننى توغرىلاش
D.تۆۋەن سۈرئەتتە يۈرۈپ، چاق ئالماشتۇرىدىغان جاينى تېپىش
正确答案:B
19.موتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ يول ئۆزگەرتكەندە قايسىلار قاتناشتىكى يامان ئادەتكە كىرىدۇ؟ 本题解析
A.بۇرۇلۇش چىرىغىنى بۇرۇن يېقىۋېلىش
B.تەپسىلىيي كۆزەتكەندىن كېيىن يول ئۆزگەرتىش
C.خالىغان لىنىيىدە يۈرۈش
D.باشقا يولدىكى قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ نورمال يۈرۈشىگە توسالغۇلۇق قىلىشقا بولمايدۇ
正确答案:C
20.يۈرۈش جەريانىدا چاق تۇيۇقسىز ئېتىلىپ كەتسە ھەيدىگۈچى رولنى چىڭ تۇتۇپ، ئىمكانقەدەر ئاپتوموبىلنىڭ ئۇدۇل يۆنىلىشتە يۈرۈشىنى كونترول قىلىش لازىم. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
21.قاتتىق بوران چىقىۋاتقان،قار-يامغۇر يېغىۋاتقان،تۇمانلىق كۈنلەردە ياكى مۇزلۇق يولدا كېتىۋاتقاندا سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يۈرۈش ھەمدە بىخەتەرلىك ئارىلىقىنى چوڭايتىپ، قاتناشنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە راۋانلىقىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلغان ئەھۋالدا يۈرۈش لازىم. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
22.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يۈرۈش جەريانىدىكى قايسى قىلمىشى يامان ئادەتكە كىرىدۇ؟ 本题解析
A.بەلگىلىمە بويىچە چىراغ ئىشلىتىش
B.ھەيدەش كېنىشكىسى ۋە يول يۈرۈش كېنىشكىسىنى بىرگە ئېلىپ يۈرۈش
C.خالىغانچە ئاپتوموبىل سىرتىغا نەرسە-كېرەك تاشلاش
D.قاتناش سىگنالىغا رىئايە قىلىش
正确答案:C
23.يامغۇر ياغقاندا ئاپتوموبىلنى ۋاقىتلىق توختاتقاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ 本题解析
A.خەتەرگە دىققەت قىلىش سىگنال چىرىغىنى يېقىش كېرەك
B.ئالدى-كەينى تۇمان چىرىغىنى يېقىش كېرەك
C.يېقىننى يورۇتۇش چىرىغىنى يېقىش كېرەك
D.ئاپتوموبىلنىڭ ئارقىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسىنى قويۇش كېرەك
正确答案:A
24.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپتىكى يولنىڭ ئويۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
25.تۇمانلىق كۈنلەردە يۈرگەندە، سىگنال بېرىپ قارشى تەرەپنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىش لازىم. قارشى تەرەپنىڭ سىگنال ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا دەرھال سىگنال بېرىش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
客服电话(微信同号):181-1187-1573 | 黔ICP备15004437号-1 |
© 2010-2019驾考金点通 版权所有 Powerde by:jkjdt.com