当前题库:ئۇيغۇرچە(维语)货车科目四
语言: 中文汉语 ئۇيغۇرچە(维语) قازاقشا(哈语)
车型: 小车科目一 小车科目四 客车科目一 客车科目四 货车科目一 货车科目四 摩托车科目一 摩托车科目四
1.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ تاغ يوللىرىدىكى ئايلانما يوللاردىن ئۆتكەندە، ئالدى بىلەن «سۈرئەتنى ئاستىلىتىش، سىگنال بېرىش، ئوڭ تەرەپ بىلەن يۈرۈش» لازىم. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
2.ئاپتوموبىل داۋانغا چىقىۋاتقاندا،كاشىلا سەۋەبىدىن ئۇزۇن ۋاقىت توختىتىشقا توغرا كەلگەندە رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئۇسۇلنى قوللىنىپ چاققا دىيەك قويۇش لازىم. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
3.سۈن ×× مەلۇم بىر كۈنى سائەت 3 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، 54 ئادەم ئولتۇرغان چوڭ تىپتىكى ئاپتوبۇسنى ھەيدەپ(بەلگىلەنگەن ئادەم سانى 55) سۈييۆ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولىنىڭ 229 كىلومېتىرلىق بۆلىكىنىڭ 300 مېتىر كېلىدىغان يېرىگە كەلگەندە ئاپتوبۇسنى توختاتقان.يولۇچىلار ئاپتوبۇستىن چۈشۈۋاتقاندا، ئارقا تەرەپتىن كېلىۋاتقان لى ×× ھەيدىگەن ئېغىر تىپلىق يېرىم پرىتسېپلىق يۈك ئاپتوموبىلى ئاپتوبۇسنىڭ ئارقىسىغا سوقۇلۇپ 26 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى،29 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىدەك پەۋقۇلئادە زور قاتناش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، لى ×× نىڭ ئالدىنقى كۈنى سائەت 18 دە يولغا چىقىپ تاكى ھادىسە يۈز بەرگىچە بولغان مۇساپە جەريانىدا ئارىلىقتا دەم ئالمىغانلىقى ئېنىقلانغان.بۇ ۋەقەدە ئىككى تەرەپ ھەيدىگۈچىلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئاساسلىق قىلمىشى قايسى؟ 本题解析
A.سۈن ×× قانۇنغا خىلاپ توختىغان
B.سۈن ×× ئاپتوبۇسقا نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سالغان
C.لى ×× زىيادە تېز سۈرئەتتە يول يۈرگەن
D.لى ×× چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن
正确答案:AD
4.پاتقاق يولدا يۈرگەندە قوللىنىشقا تېگىشلىك توغرا ئۇسۇل قايسى؟ 本题解析
A.ئىمكانقەدەر پۇت تورمۇزنى ئىشلەتمەسلىك
B.ئوتتۇرا، تۆۋەن خوتتا ئاستا يۈرۈش
C.رولنى چىڭ تۇتۇش
D.تېز سۈرئەتتە ئۆتۈپ كېتىش
正确答案:ABC
5.تاڭ ×× 74 ئادەم ئولتۇرغان چوڭ تىپتىكى ئاپتوبۇسنى(بەلگىلەنگەن ئادەم سانى 30) سائىتىگە 38 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ئۇدا ئايلانما تاغ يولىدىن چۈشۈۋاتقاندا ئاپتوبۇس ئۆرۈلۈپ، يول بويىدىكى كۆلگە چۈشۈپ كېتىپ 17ئادەمنىڭ ئۆلۈشى،57 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىدەك پەۋقۇلئادە زور قاتناش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. تاڭ ××نىڭ بۇ ۋەقەدىكى قانۇنغا خىلاپ ئاساسلىق قىلمىشى قايسى؟ 本题解析
A.ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن
B.ئاپتوبۇسقا نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سالغان
C.چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن
D.زىيادە تېز سۈرئەتتە يول يۈرگەن
正确答案:BD
6.يۈرۈش جەريانىدا چاق تۇيۇقسىز ئېتىلىپ كەتسە توغرا بولمىغان بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى قايسى؟ 本题解析
A.ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، ماي پىدالىنى ئاستا بوشىتىش
B.رولنى چىڭ تۇتۇپ، ئاپتوموبىلنىڭ ئۇدۇل يۈرۈش لىنىيەسىنى كونترول قىلىش
C.جىددىي تورمۇز قىلىپ، ئاپتوموبىلنى قىسقا ئارىلىقتا توختىتىش
D.ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتى تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، تورمۇز پىدالىنى يېنىك دەسسەش
正确答案:C
7.رەسىمدىكى قاتناش ساقچىسىنىڭ قول ئىشارىتى سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئاستا يۈرۈشنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
8.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئالدى تەرەپتىكى بەلگە ئوڭ تەرەپ 100 مېتىر ئارىلىقتا ئاپتوموبىل توختىتىش يېپىق مەيدانى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
9.كېچىدە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئەھۋالغا يولۇققاندا قانداق يانداپ ئۆتۈش كېرەك؟ 本题解析
A.يىراقنى يورۇتۇش چىرىغىنى يېقىش كېرەك
B.يىراق-يېقىننى يورۇتۇش چىرىغىنى ئالماشتۇرۇپ يېقىش كېرەك
C.يېقىننى يورۇتۇش چىرىغىنى يېقىش كېرەك
D.خەتەرگە دىققەت قىلىش سىگنال چىرىغىنى يېقىش كېرەك
正确答案:B
10.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك سول تەرەپتىكى بەلگە مۇشۇ جايدا ئاپتوموبىلنى قايتۇرۇشقا يول قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
11.گازدا زەھەرلەنگەنلەرنى قۇتقۇزغاندا ئالدى بىلەن قانداق تەدبىر قوللىنىش كېرەك؟ 本题解析
A.ئىسسىق ساقلاش كېرەك
B.يارىدارنى ساپ ھاۋالىق جايغا يۆتكەش كېرەك
C.سۈنئى ئۇسۇلدا نەپەسلەندۈرۈش كېرەك
D.ئوڭدا ياتقۇزۇپ يۈرەك سىرتىدىن بېسىپ نەپەسلەندۈرۈش كېرەك
正确答案:B
12.قاتناشتىكى ئالتە چوڭ يامان ئادەتنى تۈگۈتىش دىگەنلىك ( )نى كۆرسىتىدۇ. 本题解析
A.يۈرۈش جەريانىدا خالىغانچە يول ئۆزگەرتىش
B.جىددىي ئاپتوموبىل يولىنى ئىگەللەپ يۈرۈش
C.ئاپتوموبىل ھەيدەۋىتىپ قول تېلىفوندا سۆزلىشىش
D.بىخەتەرلىك تاسمىسىنى باغلىماسلىق
正确答案:ABCD
13.ياز پەسلىدە يول يۈرگەندە «بەشتىن مۇداپىيەلىنىش»دىگەنلىك( )مۇداپىيەلىنىشنى كۆرسىتىدۇ. 本题解析
A.چاق ئېتىلىپ كېتىشتىن
B.يەل توسالغۇسىتىن
C.سۇ كەمچىل بولۇشتىن
D.تېيىلىپ كېتىشتىن
正确答案:ABCD
14.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ھەرىكەتلىك رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەكدەك تۆمۈر يول ئېغىزىدىن ئۆتۈش ئۇسۇلى توغرا 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
15.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىن ئۆتۈۋاتقاندا، ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتىنى سۈرئەت چەكلەش بەلگىلىسىدە كۆرسىتىلگەندەك بەلگىلىمىدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
16.پاتقاق يولدا يۈرگەندە ئاپتوموبىلنىڭ ئارقا چاقى يېنىچە تېيىلىپ كەتسە رولنى تېيىلغان تەرەپنىڭ ئەكسىگە ئايلاندۇرۇپ توغرىلاش لازىم. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
17.يوقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىكى سۈرئەت چەكلەش بەلگىسىدە كۆرسىتىلگەن ئەڭ يوقىرى سائەتلىك سۈرئەت( )دىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ. 本题解析
A.100كىلومېتىر
B.110كىلومېتىر
C.120كىلومېتىر
D.130كىلومېتىر
正确答案:C
18.ئاپتوموبىلنى ھەيدەش جەرياندا ئۇلاق ھارۋىلىرىغا يولۇققاندا سىگنال بېرىپ ئۇلارنى يول بېرىشكە ئاگاھلاندۇرۇش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
19.قاتتىق بوران چىقىۋاتقان،قار-يامغۇر يېغىۋاتقان،تۇمانلىق كۈنلەردە ياكى مۇزلۇق يولدا كېتىۋاتقاندا تۆۋەندىكىلەرنىڭ ئىچىدە قايسىسىنى قىلىشقا بولمايدۇ. 本题解析
A.سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يۈرۈش
B.قاتناشنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە راۋانلىقىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلغان ئەھۋالدا يۈرۈش
C.يۈرۈش ئارىلىقىنى چوڭايتىش
D.ياندىغاندا ئاپتوموموبىللار ئارىسىدىكى يۈرۈش ئارىلىقى كىچىك بولسىمۇ بولىدۇ
正确答案:D
20.ۋۇ ×× 33 ئادەم ئولتۇرغان چوڭ تىپتىكى ئاپتوبۇسنى(بەلگىلەنگەن ئادەم سانى 22) 163-نومۇرلۇق ناھىيە يولىنىڭ 7 كىلومېتىرلىق بۆلىكىنىڭ 300 مېتىر كېلىدىغان يېرىگە كەلگەندە ئاپتوبۇس كونتروللۇقىنى يوقىتىپ چوڭقۇر جىلغىغا چۈشۈپ كېتىپ 10ئادەمنىڭ ئۆلۈشى،21 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىدەك پەۋقۇلئادە زور قاتناش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ۋەقەدىن كېيىنكى ئسىپىرىت مىقدارىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ۋۇ ×× نىڭ قېنىدىكى سىپىرتنىڭ تەركىبى 26 مىللىگىرام/يۈز مىللىلىتىر بولغان. ۋۇ ××نىڭ بۇ ۋەقەدىكى قانۇنغا خىلاپ ئاساسلىق قىلمىشى قايسى؟ 本题解析
A.زىيادە تېز سۈرئەتتە يول يۈرگەن
B.ئاپتوبۇسقا نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سالغان
C.چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن
D.ھاراق ئىچىپ ئاپتۇبوس ھەيدىگەن
正确答案:BD
21.رەسىمدىكى قاتناش ۋەقەسىدە ھەيدىگۈچىنىڭ ئەجەللىك زەخىمىنىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەب نېمە؟ 本题解析
A.بىخەتەرلىك تاسمىسىنى باغلىمىغان
B.رولغا بەك يېقىن تۇرۇۋالغان
C.رولنى چىڭ تۇتمىغان
D.بىخەتەرلىك يەل خالتىسى ئېچىلمىغان
正确答案:A
22.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگىنىڭ مەنىسى نىمە؟ 本题解析
A.ئاپتوموبىلنى توختىتىشقا رۇخسەت قىلماسلىق
B.ئاپتوموبىلنى ۋاقىتلىق توختىتىشقا رۇخسەت قىلىش
C.ئاپتوموبىلنى توختىتىپ يولۇچىلارنىڭ چىقىپ-چۈشۈشىگە رۇخسەت قىلىش
D.ئاپتوموبىلنى توختىتىپ يۈك قاچىلاپ-چۈشۈرۈشكە رۇخسەت قىلىش
正确答案:A
23.يۈرۈش جەريانىدا ئۆسمۈرلەرگە يولۇققاندا( )كېرەك. 本题解析
A.سۈرئەتنى ئالدىن ئاستىلىتىپ ياكى توختاپ،سىگنالنى مۇۋاپىق بېرىش
B.ئاپتوموبىل يېقىنلاپ كەلگەندە سىگنال بېرىش
C.تېز ئۆتۈپ كېتىش
D.سۈرئەتنى كونتىرول قىلىپ،تەمتىرەپ كەتمەسلىك
正确答案:A
24.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپتە ئوڭغا جىددىي بۇرۇلىدىغان يول بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
25.يارىدارلارنى قۇتقۇزغاندا داكا بولمىسا، لۆڭگە، قولياغلىق، ئەدىيال، ئۇزۇن نىلون پايپاق قاتارلىقلارنى ۋاقىتلىق ئىشلىتىپ تاڭسا بولىدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
客服电话(微信同号):181-1187-1573 | 黔ICP备15004437号-1 |
© 2010-2019驾考金点通 版权所有 Powerde by:jkjdt.com