当前题库:ئۇيغۇرچە(维语)小车科目四
语言: 中文汉语 ئۇيغۇرچە(维语) قازاقشا(哈语)
车型: 小车科目一 小车科目四 客车科目一 客车科目四 货车科目一 货车科目四 摩托车科目一 摩托车科目四
1.ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدا پىيادە كېتىۋاتقان كىشىلەر يول ياقىسىدا توختىتىپ قۇيۇلغان ئاپتوموبىلنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە،ئاپتوموبىل ئىشىكىنىڭ تۇيۇقسىز ئېچىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
2.يۈرۈش جەريانىدا موتورنىڭ ئوتى تۇيۇقسىز ئۆچۈپ قېلىپ قايتا ئوت ئالدۇرغىلى بولمىسا، دەرھال جىددىيي تورمۇز قىلىپ ئاپتوموبىلنى تېزدىن مەجبۇرىيي توختىتىش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
3.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتسىنى ھەيدەپ رەسىمدىكىدەك قاتناش بەلگىسى ئورنىتىلغان يول ئېغىزىدىن ئۆتكەندە قانداق يۈرسە بىخەتەر بولىدۇ؟ 本题解析
A.ئاپتوموبىلنى توختىتىپ يول ئېغىزىدىكى ئەھۋالنى كۆزىتىش
B.سۈرئەتنى تېزلىتىپ يول ئېغىزىغا تېزدىن ھەيدەپ كىرىش
C.سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ سول ئارقا تەرەپتىكى ئەھۋاللارنى كۆزىتىش
D.سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يول ئېغىزىغا ئاستا كىرىش
正确答案:D
4.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك يول ئېغىزىدىكى پىيادىلەر توغرا يولى سىزىقى پىيادىلەرنىڭ توغرا يولدىن ئالدى بىلەن ئۈتۈشىگە رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
5.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تاغ يوللىرىدا ئاپتوموبىلغا ئەگىشىپ قانداق يۈرۈشى كېرەك؟ 本题解析
A.ئالدىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ ئارقىدىن ئەگىشىپ يۈرۈشى كېرەك
B.بىخەتەر ئارىلىقنى چوڭايتىشى كېرەك
C.ئۇزۇتىغا يۆنىلىدىغان ئارىلىقىنى كىچىكلىتىشى كېرەك
D.ئالدىدىكى ئاپتوموبىلنى تېزدىن يانداپ ئۆتۈپ كېتىشى كېرەك
正确答案:B
6.ھەيدىگۈچىنىڭ تەكرار يول ئۆزگەرتىپ يۈرۈشى ھەيدەشتىكى بىر خىل ناچار ئادەت ھېسابلىنىدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
7.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ تونىلنىڭ چىقىش ئېغىزىغا كەلگەندە رولنى چىڭ تۇتۇپ، تونىل ئېغىزىدا ئۇچرايدىغان يان تەرەپتىن ئۇرغان كۈچلۈك شامالنىڭ تەسىرىدىن ساقلىنىش لازىم. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
8.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئۇزۇن ۋاقىت سىگىنال بېرىشكە يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
9.ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ( ) شۇ مەمۇرىي رايون دائىرىسىدىكى يول قاتناش ئەھۋالىغا ئاساسەن،شەھەر رايونىغا كېرىدىغان قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئومۇمى مىقدارىغا ياكى ۋاقتىغا قارىتا چەك قويىدۇ. 本题解析
A.قاتناش ئورۇنلىرى
B.جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى
C.خەلق ھۆكۈمىتى
D.جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىنىڭ قاتناشنى باشقۇرۇش تارمىقى
正确答案:C
10.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئالدى تەرەپتىكى بەلگە يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئاخىرلىشىش نوقتىسىغا يەنە 2 كىلومېتىر قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
11.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ ئالدى تەرەپتىكى بەلگە مۇشۇ يول بۆلىكىدە بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە پىيادىلەرنىڭ ئۆتۈشىگە يول قۇيۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
12.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپتە لوكسىمان كۆۋرۈك بارلىقىنى ئەسكەرتىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
13.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىن ئۆتۈۋاتقاندا رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەكدەك ئەھۋالغا يولۇققاندا ئۈزمەي سىگنال بېرىش كېرەك 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
14.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپ يول ئېغىزىدا توختاپ يول بېرىشنى بىلدۇرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
15.جىددىيي كاشىلا كۆرۈلۈپ توختاپ تەكشۈرۈشكە توغرا كەلگەندە قايسى جايدا توختاش كېرەك؟ 本题解析
A.ئەڭ چەتتىكى يولدا
B.ئىچى تەرەپتىكى يولدا
C.جىددىي توختىتىش بەلۋېغىدا
D.باغلىما يولنىڭ ئېغىزىدا
正确答案:C
16.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ باغلىما يولىغا كىرگەندىن كېيىن، تۆۋەندىكىلەر ئىچىدە قايسى خىل قاراش توغرا؟ 本题解析
A.يانداشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ
B.قايتۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ
C.توختاشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ
D.ياندۇرۇشقا بولىدۇ
正确答案:B
17.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك يول ئېغىزىدىكى ئاق ئۈزۈك سىزىق سولغا بۇرۇلغاندا كۈتۇش رايونىغا بىۋاسىتە كىرىپ يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىش سىگنال چىرىغىنى كۈتۇپ تۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
18.ئاپتوموبىلنى جىددىي تورمۇزلىغاندا،تورمۇز تۇتۇۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى(ABS) قانداق رول ئوينايدۇ؟ 本题解析
A.تورمۇزلىنىش ئارىلىقىنى قىسقارتىدۇ
B.بۇرۇلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ
C.تورمۇز ئىنىرتسىيىسىنى يېنىكلىتىدۇ
D.يۆنىلىشنى ئاپتوماتىك كونترول قىلىدۇ
正确答案:B
19.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى كېچىدە يۈرگەندە بىخەتەرلىككە قانداق قىلغاندا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟ 本题解析
A.لاھىيىدە بەلگىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى سۈرئەتتە يۈرۈش
B.سۈرئەتنى تۆۋەنلىتىپ، ئېھتىيات بىلەن ھەيدەش
C.يۈرۈۋاتقان سۈرئەتتە يۈرىۋېرىش
D.بەلگىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ يۈرۈش
正确答案:B
20.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى يول بۆلىكىدە يولنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكىنى،ئۈتۈشكە بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
21.ھەيدىگۈچى يۈرۈش جەريانىدا چاقنىڭ ئېتىلىپ كەتكەنلىكىنى سەزگەندە، يۆنىلىشنى كونترول قىلىش بىلەن بىرگە، جىددىي تورمۇزلاپ ئاپتوموبىلنى دەرھال مەجبۇرىي توختىتىش لازىم. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
22.ئومۇرتقا سۆڭىكى سۇنغان يارىدارلارنى قانداق قۇتقۇزۇش كېرەك؟ 本题解析
A.ئىسسىق ساقلاش كېرەك
B.يۇمشاق نوسۇلكىغا سېلىپ يۆتكەش كېرەك
C.ئۈچ بۇرجەكلىك ياغلىق بىلەن مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك
D.يارىدارنى يۆلەپ ماڭدۇرۇش كېرەك
正确答案:C
23.مەلۇم بىر كۈنى سائەت 13 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە لو×× ئوتتۇرا تىپلىق بىر ئاپتوبۇسنى ھەيدەپ يوقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ 0 كىلومېتىرلىق بۆلىكىدىن يولغا چىققان.چۈشتىن كېيىن سائەت 14دىن 10 ئۆتكەندە يوقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ 125 كىلومېتىرلىق بۆلىكىنىڭ 200 مېتىر كېلىدىغان يېرىگە كەلگەندە ئالدىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ ئارقىغا سوقۇۋېتىپ ئاپتوموبىلنى يولنىڭ غەربىي جەنۇبى يان باغرىدىن قىستاپ چىقىرىۋېتىپ 11 ئادەمنىڭ نەخ مەيداندا ئۆلۈشى،2 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىدەك پەۋقۇلئادە زور قاتناش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. لۇ××نىڭ بۇ ۋەقەدىكى قانۇنغا خىلاپ ئاساسلىق قىلمىشى قايسى؟ 本题解析
A.زىيادە تېز سۈرئەتتە يول يۈرگەن
B.ئاپتوموبىلنى قاتناش بەلگە سىزىقى بويىچە ھەيدىمىگەن
C.ئاپتوبۇسقا يولۇچىلارنى نورمىدىن ئارتۇق قاچىلىغان
D.ئاپتوموبىلنى زىيادە چارچاپ ھەيدىگەن
正确答案:A
24.ھەيدىگۈچى يول يۈرۈش جەريانىدا ئالدىدىكى ئاپتوموبىل بىلەن بولغان بىخەتەر ئارىلىقىنى ساقلاش بىلەن بىرگە ئارقىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ ئارقىغا سوقۇۋېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئېھتىيات بىلەن تورمۇز قىلىشى كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
25.ئاپتوموبىل يولغا چىقىشتىن بۇرۇن چاقنى قايسى جەھەتلەردىن تەكشۈرۈش كېرەك؟ 本题解析
A.تەكشۈرۈش ھاجەتسىز
B.چاقنىڭ يۇيۇلغان-يۇيۇلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش كېرەك
C.زاپاس چاقنىڭ قايسى ئورۇندا ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈش كېرەك
D.چاقنىڭ يەل بېسىمى ۋە چاق بولتىلىرىنىڭ چىڭ بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش كېرەك
正确答案:D
26.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئالدى تەرەپتىكى بەلگە ئالدىدىكى 200 مېتىر ئارىلىقتا ئاپتوموبىل بىخەتەر ئارىلىقىنى بەلگىلەش يول بۆلىكى بارلىقىنى ئەسكەرتىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
27.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى سۇغا چۈشۈپ كەتكەندە دەرھال ئىشىك- درىزىلەرنى چىڭ ئېتىپ ئاپتوموبىلنىڭ ئىچىگە سۇ كىرىپ كېتىشىنى توسۇپ، ھاۋا ئۆتۈشۈشنى ۋاقتىنچە ئۈزۈپ تاشلاپ، قۇتقۇزغۇچى خادىملارغا ھادىسە يۈز بەرگەن جاينى تېلېفوندا ئۇقتۇرۇپ، قۇتقۇزۇشنى كۈتۈپ تۇرۇش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
28.ئاپتوموبىلنى ياندىماقچى بولغاندا، ئالدى تەرەپتىكى ئاپتوموبىلنىڭمۇ يانداۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە( )كېرەك. 本题解析
A.داۋاملىق يانداش
B.سىگنال بېرىپ،داۋاملىق ياندايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش
C.سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئالدىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى بىلەن ياندىشىغا يول بېرىش
D.ئالدىدىكى ئاپتوموبىلغا يېقىن ئەگىشىپ يانداپ ئۆتۈش
正确答案:C
29.ئوت ئۆچۈرگەندە بەدەننىڭ ئوچۇق قالغان قىسىملىرىنىڭ كۆيۈپ زەخمىلىنىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كىيىۋالغان سۈنئى تالالىق كىيىملەرنى سېلىۋەتمەسلىك لازىم. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
30.پەقەت( )چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدەشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ۋە ھەر ۋاقىت سەگەك تۇرۇشتىكى ئىشەنچىلىك،ئەڭ ئۈنۈملىك ئۇسۇلدۇر. 本题解析
A.موزىكا ئاڭلاش
B.ئۇخلاپ ئارام ئالغاندا
C.چوڭقۇر نەپەس ئېلىش
D.كابىنكىدىن چىقىپ سىرتتا ھارىكەت قىلىش
正确答案:B
31.تۇمانلىق كۈنلەردە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن كىشىلەر ئاپتوموبىلدىن خالىغانچە چۈشۈپ مېڭىپ يۈرۈشكە بولمايدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
32.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ بۇ يول ئېغىزىدا بىۋاسىتە ئوڭغا بۇرۇلسا بولىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
33.ھۇشىدىن كەتكەن يارىدارلارنى قۇتۇلدۇرغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ 本题解析
A.دەرھال يۈرەك، ئۆپكىنىڭ خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك
B.يارىدارنىڭ ئۈستۈنكى كالپۇكىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بۇرۇننىڭ ئاستىغا توغرا كىلىدىغان يېرىنى قاتتىق بېسىش كېرەك
C.يارىدارنىڭ يۈزىگە شاپىلاق بىلەن ئۇرۇش كېرەك
D.قۇتۇلدۇرۇشتىن بۇرۇن نەپەسلىنىشىنى تەكشۈرۈش كېرەك
正确答案:D
34.نورمال يۈرۈش جەريانىدا ئىمكانقەدەر يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا ياكى سىزىقنى بېسىپ يول يۈرۈش، قارشى تەرەپ ئاپتوموبىلنىڭ يول ئىگىلىۋېلىشىغا قەتئى پۇرسەت بەرمەسلىك لازىم. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
35.ئاپتوموبىل داۋانغا چىقىۋاتقاندا،كاشىلا سەۋەبىدىن ئۇزۇن ۋاقىت توختىتىشقا توغرا كەلگەندە رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئۇسۇلنى قوللىنىپ چاققا دىيەك قويۇش لازىم. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
36.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى كېچىدە ۋاقىتلىق توختاتقاندا قايسى چىراغنى يېقىش كېرەك؟ 本题解析
A.ئالدى-ئارقا تۇمان چىرىغى،دائىرە چىرىغى ۋە ئارقا چىراغنى
B.ئالدى چوڭ چىراغ،دائىرە چىرىغى ۋە ئارقا چىراغنى
C.خەتەرگە دىققەت قىلىش سىگنال چىرىغىنى ،دائىرە چىرىغى ۋە ئارقا چىراغنى
D.ئاپتوموبىلنى ياندۇرۇش چىرىغى،دائىرە چىرىغى ۋە ئارقا چىراغنى
正确答案:C
37.شۈ ×× ئوتتۇرا تىپتىكى ئاپتوبۇسنى ھەيدەپ (27يولۇچى ئولتۇرغان) سىدو بازىرى چىيەنلىڭ كەنتىنىڭ خۇنەنتو دېگەن يول بۆلىكىدە داۋانغا چىقىۋاتقاندا كەينىگە سېيرىلىپ كېتىپ، 80مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى جىلغىغا چۈشۈپ كېتىپ 11 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى،7ئادەمنىڭ يارىلىنىشىدەك پەۋقۇلئادە زور قاتناش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۈ ××نىڭ بۇ ۋەقەدىكى قانۇنغا خىلاپ ئاساسلىق قىلمىشى قايسى؟ 本题解析
A.ئاپتوموبىلنى زىيادە چارچاپ ھەيدىگەن
B.ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن
C.ئاپتوبۇسقا يولۇچىلارنى نورمىدىن ئارتۇق سالغان
D.زىيادە تېز سۈرئەتتە يول يۈرگەن
正确答案:C
38.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپتىكى يول بۆلىكىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش رايونىدىن ئۆتكەندە دىققەت قىلىش بەلگىسى 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
39.لى فامىلىلىك موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ قاتناش ۋەقەسى پەيدا قىلغاندىن كېيىن قېچىپ كېتىپ،قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن.ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى ئۈچۈن ھەيدەش كىنىشكىسى كۈچتىن قالدۇرۇلۇپ،ئۆمۈر بۇيى قايتىدىن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىشىغا بولمايدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
40.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ سۈرئەت ئاشۇرۇش يولىدىن يۈرۈش يولىغا قوشۇلۇشتا قىيىنچىلىق تۇغۇلسا توختاپ يول بېرىش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
41.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپتىكى يول كەڭلىكىنىڭ 3 مېتىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
42.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىدا كاشىلا كۆرۈلسە ياكى قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرسە بەلگىلىمە بويىچە بىخەتەرلىك تەدبىرىنى قوللۇنىپ،ھەيدىگۈچى ۋە يولۇچىلار( )كېرەك. 本题解析
A.ئەسلى ئورنىدىن قوزغالماي بىر تەرەپ قىلىشنى كۈتۈش
B.ئاپتوموبىل ئىچىدە ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىش
C.تېزدىن بىخەتەر جايغا يۆتكىلىش
D.ئاپتوموبىلنى ئوڭشاش ياكى ئالاقىدار تەرەپ بىلەن مۇنازىرلىشىش
正确答案:C
43.قاتتىق بوران چىقىۋاتقان،قار-يامغۇر يېغىۋاتقان،تۇمانلىق كۈنلەردە ياكى مۇزلۇق يولدا كېتىۋاتقاندا سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يۈرۈش ھەمدە بىخەتەرلىك ئارىلىقىنى چوڭايتىپ، قاتناشنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە راۋانلىقىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلغان ئەھۋالدا يۈرۈش لازىم. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
44.ئاپتوموبىل تاغ يوللىرىدىكى ئايلانمىلاردىن ئۆتىۋاتقاندا،«سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ،سىگنال بېرىپ،ئوڭ تەرەپ بىلەن يۈرۈش»كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
45.ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىلىرى قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە پىيادىلەرنىڭ خەتەرلىك جايلارغا دىققەت قىلىشىنى ئاگاھلاندۇرىدىغان بەلگە بولۇپ،بەلگىلەرنىڭ تېگى سېرىق،چۆرىسى قارا،رەسىم نۇسخىسى قارا رەڭدە بولىدۇ.بەلگىلەرنىڭ شەكلى( )بولىدۇ. 本题解析
A.دۈگىلەك شەكلىدە
B.تەڭ تەرەپلىك ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدە
C.كۇۋادىرات شەكلىدە
D.تىك تۆت بۇلۇڭ شەكلىدە
正确答案:B
46.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول دۈڭلوسەن مۇلازىمەت رايۇنىغا 2 كىلومېتىر ئارىلىق قالغانلىقىنى ئالدىن مەلۇم قىلىش بەلگىسى 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
47.پاتقاق يولدا يۈرگەندە رولنى مەھكەم تۇتۇپ تېز سۈرئەتتە ئۆتۈپ كېتىش لازىم. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
48.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ كېسىشكەن يول ئېغىزىغا كېرىشتىن بۇرۇن يول ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە،تۇتاش سىزىق سىزىلغان رايونغا كىرگەندىن كىيىن بۇرۇلۇش چىرىغىنى ياندۇرۇپ يول ئۆزگەرتىش كىرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
49.ئاپتوموبىل پاتقاق يولدا يۈرىۋاتقاندا( )دىققەت قىلىش كېرەك. 本题解析
A.يول ئۈستىدە خوت يۆتكەش،تورموز قىلىش،بۇرالدۇرۇش ۋە توختىتىشقا
B.رولنى جىددىي ئايلاندۇرۇشقا ياكى ئايلىنىش بۇلۇڭى زىيادە چوڭ بولۇپ كېتىشكە
C.بالۇن قۇرۇق ئايلىنىپ تېيىلسا،بالۇن گۈللىرى ئارىسىدىكى لايلارنى چىقىرىۋىتىپ،بالۇن ئاستىغا شىغىل،دەرەخ شاخلىرى ۋە ئوت-چۆپلەرنى ياتقۇزۇش كېرەك
D.ياخشى يولنى تاللاپ يۈرۈش،تېيىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىش
正确答案:B
50.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەكدەك ئەھۋالدا سۈرئەتنى تېزلىتىپ يول ئېغىزىدىن ئۆتۈپ كېتىش كېرەك 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
客服电话(微信同号):181-1187-1573 | 黔ICP备15004437号-1 |
© 2010-2019驾考金点通 版权所有 Powerde by:jkjdt.com