当前题库:ئۇيغۇرچە(维语)小车科目四
语言: 中文汉语 ئۇيغۇرچە(维语) قازاقشا(哈语)
车型: 小车科目一 小车科目四 客车科目一 客车科目四 货车科目一 货车科目四 摩托车科目一 摩托车科目四
1.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپتىكى ئىككى يېنى تارايغان يول بۆلىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 5 كىلومېتىر ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
2.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك سول تەرەپتىكى بەلگە مۇشۇ جايدا ئاپتوموبىلنى قايتۇرۇشقا يول قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
3.يې ×× ئوتتۇرا تىپتىكى كوزۇپلۇق يۈك ئاپتوموبىلىنى سائىتىگە 40 كىلومېتىرلىق سۈرئەتتە ھەيدەپ پوتۇ بازىرىنىڭ شاڭۋىنشىئەن دېگەن جاينىڭ 3 كىلومېتىرلىق بۆلىكىنىڭ 600 مېتىر كېلىدىغان يىرىدىكى ئايلانمىدىن ئۆتۈۋاتقاندا ئۇدۇلدىن كېلىۋاتقان ۋاڭ ×× ھەيدىگەن 19 ئادەم ئولتۇرغان ئۈچ چاقلىق يۈك توشۇيدىغان موتوسىكىلىت بىلەن سوقولۇپ، 10 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى،9 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىدەك پەۋقۇلئادە زور قاتناش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئىككى تەرەپ ھەيدىگۈچىنىڭ بۇ ۋەقەدىكى قانۇنغا خىلاپ ئاساسلىق قىلمىشى قايسى؟ 本题解析
A.يې ×× ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تىپىغا ماس كەلمەيدىغان ئاپتوموبىلنى ھەيدىگەن
B.ۋاڭ ×× ئۈچ چاقلىق موتوسىكىلىتقا قانۇنغا خىلاپ ئادەم سالغان
C.يې ×× زىيادە تېز سۈرئەتتە يول يۈرگەن
D.ۋاڭ ×× سىگنال چىرىغىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يول يۈرمىگەن
正确答案:BC
4.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى كېسىشكەن يول ئېغىزىدىن ئۆتكەندە،بۇرۇلۇدىغان قاتناش ۋاسىتىسى يول تالاشسا توختاپ يول بېرىش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
5.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك سىگنال چىرىغى يېنىۋاتقان يول ئېغىزىدا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ئوڭغا بۇرۇلسا بولىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
6.ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىلەردىن يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن، نىزامغا رىئايە قىلىپ، بىر يىلغىچە جەملەنمە نومۇر تۇتۇلمىغانلىرىنىڭ ھەيدەش كىنىشكىسىنى ( ) ئۇزارتىلسا بولىدۇ. كونكرېت چارىسىنى دۆۋلەت مىنىستىرلىگىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بەلگىلەيدۇ. 本题解析
A.ئىناۋەتلىك مۇددىتى
B.تەكشۈرۈش مۇددىتى
C.قوغداش مۇددىتى
D.بەدەن سالامەتلىك ئىسپاتىنى تاپشۇرۇش ۋاقتى
正确答案:B
7.ئاپتوموبىل پاتقاق ياكى زەي ئۆرلەپ كەتكەن يولدا يۈرگەندە توختاپ، ئەتراپنى ئوبدان كۆزىتىپ، تۈز، قاتتىق ياكى چاق ئىزى بار يولنى تاللاپ ئاستا ئۆتۈش لازىم. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
8.جىددىي ئەھۋالدا يارىدارلارنى جىددىي قۇتقۇزغاندا ئالدى بىلەن بېسىپ تۇرۇپ قاننى توختىتىش، ئاندىن قان چىقىش ئەھۋالىغا قاراپ باشقا قان توختىتىش ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
9.قاتناش تەرتىۋىنى قوغداش،قاتناشنى باشقۇرۇش ۋە تۈزەش،قاتناش مەدىنىلىكىنى قۇرۇپ چىقىش،ياخشى بولغان قاتناش موھىتىنى بەرپا قىلىش ھەر بىر كىشىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىدۇر. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
10.يانداش جەريانىدا ئالدىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ يانداۋاتقانلىقىنى سەزگەندە، ھەيدىگۈچى قانداق قىلىشى كېرەك؟ 本题解析
A.ئالدىدىكى ئاپتوموبىلغا يېقىن ئەگىشىپ پۇرسەت بولسىلا قايتىدىن ياندىشى كېرەك
B.سۈرئەتنى تېزلىتىپ مەجبۇرى ياندىشى كېرەك
C.ئۈزمەي سىگنال بېرىپ ئالدىدىكى ئاپتوموبىلنى يول بېرىشكە قىستىشى كېرەك
D.يانداشتىن توختاپ، ئالدىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى بىلەن يانداپ ئۆتۈشىگە يول بېرىشى كېرەك
正确答案:D
11.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى يول بۆلىكىدە يولنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكىنى،ئۈتۈشكە بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
12.جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى قاتناش ھادىسىسىنى تەكشۈرۈش ياكى باھالاپ بېكىتىشنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن ( )بولىدۇ. 本题解析
A.قاتناش ھادىسىسىدىكى ئالاقىدارنىڭ مۇناسىۋەتلىك كېنىشكىلىرىنى مۇسادىرە قىلىشقا
B.قاتناش ھادىسىسىدىكى ئالاقىدارنىڭ مۇناسىۋەتلىك كېنىشكىلىرىنى ئىناۋەتسىز قىلىشقا
C.قاتناش ھادىسىسىدىكى ئالاقىدارنىڭ مۇناسىۋەتلىك كېنىشكىلىرىنى ۋاقىتلىق تۇتۇپ قىلىشقا
D.قاتناش ھادىسىسىدىكى ئالاقىدارنىڭ مۇناسىۋەتلىك كېنىشكىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا
正确答案:C
13.يۈرۈش جەريانىدا باشقا قاتناش ۋاسىتىسى بىلەن ئۇدۇلدىن سوقۇلۇپ كېتىشتىن خالى بولغىلى بولمىسا بۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ 本题解析
A.ئۇدۇلدىن سوقۇلۇشنى ياندىن سوقۇلۇشقا ئۆزگەرتىش
B.رولنى ئوڭغا جىددىي ئايلاندۇرۇپ ئۆزىنى قاچۇرۇش
C.جىددىي تورموزلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش
D.رولنى سولغا جىددىي ئايلاندۇرۇپ ئۆزىنى قاچۇرۇش
正确答案:C
14.يارىدارنىڭ داۋاملىق زەھەرلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يارىدارنى ھاۋاسى ساپ جايغا يۆتكەش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
15.ئېنىرگىيەلىك بۇرالدۇرغۇچ ئورنىتىلغان ئاپتوموبىلنى بۇرالدۇرغاندا قىيىنچىلىق كۆرۈلسە ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ 本题解析
A.ئاپتوموبىلنى توختىتىپ سەۋەبىنى ئېنىقلاش
B.رولنى كونترول قىلىپ ئاستا يۈرۈش
C.سۈرئەتنى ئاستىلتىپ يۈرۈش
D.ئاپتوموبىلنىڭ ئۇدۇل يۇرىشىنى ساقلاش
正确答案:A
16.يارىدارلارنىڭ سۆڭىكى سۇنۇپ قانىغان بولسا، ئالدى بىلەن سۇنۇقنى مۇقىملاشۇرۇپ، ئاندىن قاننى توختىتىش ھەم يارا ئېغىزىنى تېڭىش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
17.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك يول بۆلىكىدىن ئۆتكەندە ئالدىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ سول تەرىپىدىن يانداشقىلا رۇخسەت قىلىنىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
18.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپتە تىك داۋانغا چىقىش يول بۆلىكى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
19.ھەيدىگۈچى يۈرۈش جەريانىدا سۇ يىغىلىپ قالغان يولدىن ئۆتكەندە، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ 本题解析
A.سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك
B.سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئۆتۈپ كېتىش كېرەك
C.نورمالنى سۈرئەتتە ئۆتۈش كېرەك
D.تۆۋەن خوتتا سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئۆتۈش كېرەك
正确答案:A
20.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يۈرگەندە، ئېھتىياتسىزلىقتىن چىقىش ئېغىزىدىن ئۆتۈپ كېتىپ قالسا يول ياقىسىدا ئاپتوموبىلنى كەينىگە ياندۇرۇپ، چىقىش ئېغىزىغا قايتۇرۇپ كېلىشكە بولىدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
21.كۆيگەن يارىدار ئۇسساپ كەتسە، ئازراق تۇز سېلىنغان سۇ بەرسە بولىدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
22.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا توسالغۇغا، كاشىلىغا ئۇچرىغاندىن باشقا چاغلاردا ئاپتوموبىلنى توختىتىپ ئادەملەرنىڭ چىقىرىپ-چۈشۈرۈشكە ياكى يۈكلەرنى قاچىلاپ-چۈشۈرۈشكە بولمايدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
23.موتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەكدەك ئەھۋالغا يولۇققاندا قانداق قىلغاندا ئەڭ بىخەتەر بولىدۇ؟ 本题解析
A.سىگنال بىرىش ياكى ئالدى چىراغنى يېقىش
B.سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئوڭغا يۆنىلىپ يۈرۈش
C.ئىمكانقەدەر يولنىڭ ئوتتۇرىدا يۈرۈش
D.يولنىڭ سول تەرىپىدە يۈرۈش
正确答案:B
24.ئەڭ ئاسان يېنىچە تېيىلىدىغان يول يۈزى: 本题解析
A.قۇرۇق سىمۇنت يول يۈزى
B.يامغۇر يېغىشقا باشلىغاندىكى يول يۈزى
C.نەم سېمۇنت يول يۈزى
D.قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتقاندىكى يول يۈزى
正确答案:B
25.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ يولدا ئويناۋاتقان بالىلارگە يولۇققاندا قانداق يول يۈرۈش كېرەك؟ 本题解析
A.بالىلارنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ يۈرۈش كېرەك
B.سول تەرىپىدىن سۈرئەتنى تېزلىتىپ يول بېرىپ ئۆتۈپ كېتىش كېرەك
C.سىگنال بېرىپ يول بېرىشكە ئەسكەرتىش كېرەك
D.سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ياكى توختاپ يول بېرىش كېرەك
正确答案:D
26.خانىم-قىزلار ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىپ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىسە بىخەتەر يۈرۈشكە تەسىر كۆرسىتىدۇ. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
27.سۈن ×× مەلۇم بىر كۈنى سائەت 3 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، 54 ئادەم ئولتۇرغان چوڭ تىپتىكى ئاپتوبۇسنى ھەيدەپ(بەلگىلەنگەن ئادەم سانى 55) سۈييۆ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولىنىڭ 229 كىلومېتىرلىق بۆلىكىنىڭ 300 مېتىر كېلىدىغان يېرىگە كەلگەندە ئاپتوبۇسنى توختاتقان.يولۇچىلار ئاپتوبۇستىن چۈشۈۋاتقاندا، ئارقا تەرەپتىن كېلىۋاتقان لى ×× ھەيدىگەن ئېغىر تىپلىق يېرىم پرىتسېپلىق يۈك ئاپتوموبىلى ئاپتوبۇسنىڭ ئارقىسىغا سوقۇلۇپ 26 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى،29 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىدەك پەۋقۇلئادە زور قاتناش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، لى ×× نىڭ ئالدىنقى كۈنى سائەت 18 دە يولغا چىقىپ تاكى ھادىسە يۈز بەرگىچە بولغان مۇساپە جەريانىدا ئارىلىقتا دەم ئالمىغانلىقى ئېنىقلانغان.بۇ ۋەقەدە ئىككى تەرەپ ھەيدىگۈچىلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئاساسلىق قىلمىشى قايسى؟ 本题解析
A.سۈن ×× قانۇنغا خىلاپ توختىغان
B.سۈن ×× ئاپتوبۇسقا نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سالغان
C.لى ×× زىيادە تېز سۈرئەتتە يول يۈرگەن
D.لى ×× چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن
正确答案:AD
28.ھەرىكەتلىك رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئالدىدا كېتىۋاتقان ئاپتوموبىل رەسىمدىكىدەك ئەھۋالغا يولۇققاندا ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ 本题解析
A.سۈرئەتنى تېزدىن ئاستىلىتىش ياكى جىددىي تورمۇز قىلىش
B.مۇۋاپىق بوشلۇق قالدۇرغاندىن كېيىن سۈرئەتنى تېزلىتىپ يۈرۈش
C.سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ، بەلگە بېرىپ، ئاپتوموبىلنى ئوڭغا ھەيدەپ يول بېرىش
D.ئاپتوموبىلنى ئوڭغا ھەيدەپ سۈرئەتنى تېزلىتىپ يۈرۈش
正确答案:C
29.ھەيدىگۈچى يول بويىدا ۋاقىتلىق توختىتىپ قۇيۇلغان قاتناش ۋاسىتىسىنى ئورنىدىن قوزغىغاندا،سول تەرەپتىكى ئاپتوموبىل يولىدا كېتىۋاتقان قاتناش ۋاسىتىسىغا يول بېرىش توغرىسىدا سىگنال بېرىش كىرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
30.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە ئالدى تەرەپ 100 مېتىر ئارىلىقتا ئاپتوموبىلنى توختىتىپ تەكشۇرتىدىغان ئورۇن بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
31.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ تۆۋەندىكى ھەرىكەتلىك رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئەھۋالغا يولۇققاندا قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ 本题解析
A.سۈرئەتنى ئاستىلىتىش ياكى توختاپ يول بېرىش
B.سىگنال بېرىپ قارشى تەرەپنى يول بېرىشكە قىستاش
C.پىيادىلەر كېلىشتىن بۇرۇن يول تالىشىپ ئۆتۈپ كېتىش
D.دەرھال يول ئۆزگەرتىپ پىيادىلەرنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىش
正确答案:A
32.ئاپتوموبىل قار-مۇز يوللاردا يېنىچە تېيىلىپ كەتكەندە دەرھال رولنى ئايلاندۇرۇپ توغرىلاش لازىم. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
33.ئاپتوموبىل ئايلانغاندا رول تۇيۇقسىز ئىشلىمىسە، ئالدىدىكى يولنىڭ شارائىتى ئۇدۇل يۈرۈشكە ماس كەلسە ئاپتوموبىلنى جىددىي تورمۇزلىماسلىق لازىم. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
34.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا كاشىلا كۆرۈلۈپ تەكشۈرۈشكە توغرا كەلگەندە ئۇنى قانداق توختىتىش كېرەك؟ 本题解析
A.ئەڭ چەتتىكى ئاپتوموبىل يولىدا توختىتىش كېرەك
B.ئىچى تەرەپتىكى ئاپتوموبىل يولىدا توختىتىش كېرەك
C.جىددىي ئاپتوموبىل يولىدا توختىتىش كېرەك
D.باغلىما يول ئېغىزىنىڭ ئۈچ بۇرجەكلىك بەلۋېغىدا توختىتىش كېرەك
正确答案:C
35.يامغۇرلۇق كۈنلەردە يۈرگەندە ئاپتوموبىلنى ئىمكانقەدەر جىددىي تورمۇز قىلماسلىق كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
36.پەۋقۇلاددە زور قاتناش ھادىسىگە يولۇقۇپ كۆپلىگەن يارىدارلارنى دوختۇرخانىغا يۆتكەشكە توغرى كەلگەندە،ھۇشىدىن كەتكەن يارىدارلارنى ئالدى بىلەن يۆتكەش كېرەك. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
37.يول يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش،ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئاپتوموبىل ھەيدىمەسلىك،چارچىغاندا ھەيدىمەسلىك،ئاپتوموبىلنى ئەدەپ بىلەن ھەيدەشتىن ئىبارەت بىخەتەر ھەيدەش ئېڭىنى تۇرغۇزۇش ھەر بىر ھەيدىگۈچىدە بولۇشقا تىگىشلىك ئاساسى ساپادۇر. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
38.يانداش جەرياندا قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتقان ئاپتوموبىل بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىش ئېھتىمالى بولسا، ئالدى بىلەن سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئۆتۈپ كېتىش كېرەك 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
39.پىيادىلەرنىڭ پىيادىلەر توغرى يولىنى كېسىپ ئۆتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە،دەرھال توختاش بىلەن بىرگە ئۈزمەي سىگنال بېرىپ پىيادىلەرنى تىزراق مىڭىشقا دەۋەت قىلىش لازىم. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
40.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك سېرىق رەڭلىك يانتۇ سىزىق بۇ رايۇن دائىرىسگە كىرىش ياكى سىزىق دەسسەپ يۈرۈش مەنئى قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
41.قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن بىر تەرەپ ئالاقىدار كىشى ساقچىغا مەلۇم قىلىش شارائىتى بار تۇرۇپ دەرھال ۋاقتىدا مەلۇم قىلماي ھادىسىنىڭ ئاساسى پاكىتىنى تەكشۈرۈپ چىقىشقا ئامال بولمىسا( ). 本题解析
A.بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ
B.مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنمايدۇ
C.قىسمەن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ
D.تەڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ
正确答案:A
42.ئاپتوموبىل تاغ يوللىرىدا ئايلانغاندا ياكى تاغ چوقىسىغا چىققاندا ئالدى تەرەپتىكى يولنى ئېنىق كۆرەلمەيدۇ،بۇ چاغدا قارشى تەرەپنىڭ يولىنى ئىگەللىۋالماي، ( )كېرەك. 本题解析
A.ئوڭ تەرەپكە تايىنىپ،سىگنال بېرىش
B.سول تەرەپكە تايىنىپ،سىگنال بېرىش
C.ئوڭ تەرەپكە تايىنىپ،سۈرئەتنى تېزلىتىپ يۈرۈش
D.سول تەرەپكە تايىنىپ،سۈرئەتنى تېزلىتىپ يۈرۈش
正确答案:A
43.قار-مۇزلۇق يولدا ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلاتقاندا ياكى توختاتقاندا قانداق ئاستىلىتىش كېرەك؟ 本题解析
A.پۇت تورمۇزنى ئىشلىتىش كېرەك
B.موتورنىڭ تورمۇزلاش رولىدىن تولۇق پايدىلىنىش كېرەك
C.قول تورمۇزنى ئىشلىتىش كېرەك
D.سۈرئەت ئاستىلاتقۇچتىن تولۇق پايدىلىنىش كېرەك
正确答案:B
44.موتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ ھەرىكەتلىك رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەكدەك ئەھۋالغا يولۇققاندا قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك 本题解析
A.قارشى تەرەپنىڭ يولىدا يۈرۈش كېرەك
B.جىددىي تورمۇز قىلىپ تۆۋەن سۈرئەتتە يۈرۈش كېرەك
C.ئايلانما يولنىڭ سىرتىنى بويلاپ يۈرۈش كېرەك
D.سۈرئەتنى تېزدىن كېمەيتىپ، ئوڭغا يۆلىنىپ يۈرۈش كېرەك
正确答案:D
45.قاتتىق يېغىۋاتقان يامغۇرلۇق كۈنلەردە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يۈرگەندە قانداق قىلغاندا «سۇدا تېيىلىش» ھادىسىسىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟ 本题解析
A.تېيىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قۇرۇلمىسىنى ئورناتقاندا
B.سۈرئەتنى تېزلىتىپ يۈرگەندە
C.سۈرئەتنى تۆۋەنلىتىپ يۈرگەندە
D.داۋاملىق تورمۇز قىلغاندا
正确答案:C
46.موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ تاغ يولىدا رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئەھۋالغا يولۇققاندا قانداق ئۆتۈش كېرەك؟ 本题解析
A.ئالدى سول تەرەپ تاغقا يانداشقان خەتەرلىك يول كېرەك
B.يولنىڭ سول تەرىپى بىلەن يۈرۈش كېرەك
C.يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈرۈش كېرەك
D.ئوڭ تەرەپ بىلەن تۆۋەن سۈرئەتتە ئۆتۈش كېرەك
正确答案:D
47.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك بەلگە يول بۆلىكىدە قاتناش كونترول قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:A
48.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى سېرىق رەڭلىك تىك تۆت تەرەپلىك بەلگە رامكا ئىچىدە ۋاقىتلىق ئاپتۇموبىل توختىتىشقا روخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
49.يۈرۈش جەريانىدا چاق تۇيۇقسىز ئېتىلىپ كەتسە، ھەيدىگۈچى تورمۇز پىدالىنى تېزدىن دەسسەپ، سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ توختىشى لازىم. 本题解析
A.توغرا
B.خاتا
正确答案:B
50.قاتناش سىگناللىرى-قاتناش چىراغ سىگنالى،يول قاتناش بەلگىلىرى،( )ۋە قاتناش ساقچىسىنىڭ قوماندىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 本题解析
A.يول بەلگە سىزىقلىرى
B.قاتناش تەشۋىقاتى
C.قاتناش پىلانى
D.يول بەلگىلىرى
正确答案:A
客服电话(微信同号):181-1187-1573 | 黔ICP备15004437号-1 |
© 2010-2019驾考金点通 版权所有 Powerde by:jkjdt.com